ئابدۇللا تالىپ
ئابدۇللا تالىپ شائىر، يازغۇچى، پېداگوك ئابدۇللا تالىپ 1926 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئالغان.1943- يىلدىن 1946 - يىلغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان، 1955 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلىگەن، شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا مائارىپ تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئابدۇللا تالىپ ئەدەبىيات ساھەسىگە 1945 - يىلى <ئاقسۇ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان >شامالغا خىتاب< ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ >كۈرەش سىگنالى<، >غايە<، >ئىشقىدا< قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بەزى كوللېكتىپ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئابدۇللا تالىپ كېيىنكى يىللاردا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن >قاينام ئۆركىشى< رومانى بىلەن 1940- يىللاردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن >چالا تەگكەن ئوق< رومانىنى يازغان. ئۇ يەنە 1940 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا >ئەركىن جانان<، >سۆيگۈنۈم ئەلا< قاتارلىق دارامىلارنى يازغان.
ئابدۇللا تالىپ يەنە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخچىسى بولۇپ، >ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئۇچېرىكلار< ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابنى ۋە بىر مۇنچە تارىخىي، ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.
ئابدۇللا تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن >
قاينام ئۆركىشى< (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، >
چالا تەگكەن ئوق< (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، >
ئېگەرلىك ئات < شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2002 - يىلى 12- ئاي نەشرى، (تارىخىي پوۋېست)>
يىللار ۋە ئەقىدە 岁月与信念
ئاپتورى: ئابدۇللا تالىپ 阿布都拉·塔力甫، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2004 - يىلى
ئانا يۇرت سۆيگۈسى
ئاپتورى: ئابدۇللا تالىپ ئاپتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 2008- يىلى 12- ئاي نەشرى
لالە-قۇربان 拉莱与库尔班
ئاپتورى: ئابدۇللا تالىپ 阿不都拉·塔力甫، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1997 - يىلى 10- ئاي نەشرى،
ISBN: (خەلقارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى) 7-105-02875-0، 271 بەت، 13.00 يۇەن
جۈپ ھەيكەل< (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.
ئابدۇللا تالىپ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.