ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئورنى Wikipedia
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

Ablajan Awut Ayup

تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 11-نويابىر
تۇغۇلغان جايى خوتەن ۋىلايىتى،

گۇما ناھىيىسى سانجۇ بازىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
ئېگىزلىكى 176cm
ئېغىرلىقى 56KG
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى
كەسپى ناخشىچى

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى Ablajan Awut Ayup) بولسا 1984يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ باغرىدا بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغاكۆز ئاچتى. بۇ بوۋاق بالىلىق چېغىدىن باشلاپ، سەنئەتكە بولغان مەستانىلىقى بىلەن باشقا بالىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىشكە باشلىدى. بۇ خىل مەستانىلىق ئاخىرى ئۇنى ئۆسمۈرلەر قەلبىدىكى چولپانغا ئايلاندۇردى. بۇ چولپان −− ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئىدى. گۇما ناھىيىسى سانجۇ يېزىسى باسقاق كەنتىدە تۇغۇلغان ئابلاجان، ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئاچىسى،بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئابلاجاننىڭ دادىسى دېھقان، ئانىسى كادىر ئىدى. ئۇلاربالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ياراملىق تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ،بۇ كىچىككىنە چەت خىلۋەت يېزىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تولىمۇ ئىلغار ئائىلە ئىدى. ئۇ چاغلاردا بۇ يېزىدا توك تۇراقسىز بولغاچقا، كۈنلەپ، ھەپتىلەپ، بەزىدە ھەتتا ئايلاپ توك كەلمەيتتى. ھەر قېتىم توك كەلگىنىدە ئابلاجاننىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزور بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ زور خۇشاللىقىغا سەۋەب بولاتتى. قولۇم - قوشنىلارھەممىسى بۇ ئۆيگە كىرىپ بىرەر سائەت بولسىمۇ تېلېۋىزور كۆرۈۋالغىنىدىن سۆيۈنەتتى. دوستىلىرى بىلەن بۇ باغرى كەڭ يېزىنىڭ تاغلىرىدا، باغلىرىدا،ئۆستەڭلىرىدە توختىماي يۈگۈرۈپ ئوينايتتى. ئۇ يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقاتتى.

بالىلىقى[تەھرىرلەش]

ئابلاجان ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ تولۇقسىز 3 - يىللىققا چىققاندا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتكۈزۈش پائالىيىتىدە ناخشا ئېيتماقچى بولدى.ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئانچە - مۇنچە ناخشا ئېيتىپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەچكە، ئابلاجان سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇلار ئانچە ھەيران قالمىدى. ئابلاجان سەھنىگە چىقىپ مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ ناخشىنى باشلاش بىلەن تەڭلا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزىكا رېتىمىگە ماس ھالدا مىدىراشقا باشلىدى. ئابلاجانمۇشۇ تاپتا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ناخشا ئاۋازى ياڭرايتتى. قول، پۇت، مۈرىلىرى توختىماي ھەرىكەتلىنەتتى. كۆزلىرىدىن جىددىيلىك خوشاللىق تەشۋىش قايغۇرۇش... ھېسىياتلىرى دەممۇدەم ئۆزگەرگەن ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چىقاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى ياكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۇنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ۋۇجۇدىدىن ناخشا بىلەن مۇزىكا تەڭلا پارتلاپ چىقىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغان زال ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇلار كۈندە ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۈرىدىغان بۇ ئاددىي بالىنىڭ مۇنداق ماھارىتى بارلىقىغا ھەيران قالدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا توختىماي گۈلدىراس ئالقىش ياڭراتتى. ئابلاجان سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى. تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچ قىلدى. بۇ قېتىمقى ناخشا ئورۇنلاش پائالىيىتى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى چېچەكلىتىۋەتتى.ساۋاقداشلىرىنىڭ ماختىشى، ئېتراپ قىلىشى، ئابلاجاننىڭ كۆڭلىگە بىر يالقۇنلۇق ئوتنى سالدى.

ئىشتىياق[تەھرىرلەش]

ئۆزىدە مۇزىكىغا بولغان ئالاھىدە سېزىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان ئابلاجان ئۆزلۈكىدىن ناخشا - مۇزىكا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ناھىيە بازىرىدىن ئېلېكتىرونلۇق رويال ئېلىپ بەردى. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە، تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندىن سەنئەت كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. ئابلاجان دەرھال ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، تىزىملاتتى ۋە بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتى. ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلاردىن سازچېلىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، رەسىم سىزىش قاتارلىق تۈرلەردىن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھان ئېلىندى. ئابلاجان ھەممە ئىمتىھانلارنى تاماملاپ، ئۆز - ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا خەۋەر كۈتتى، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇنىڭغا چاقىرىق قەغىزى كەلدى. ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭغا بۇ چاقىرىق قەغىزى رەسساملىق كەسپىدىن كەلگەنىدى. ئۇنىڭ خۇشاللىقى كۆپۈكتەك توزۇپ كەتتى.چۈنكى ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇزىكا كەسىپىدە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىشنى ئارزۇقىلىپ كېلىۋاتقانىدى. بىراق شۇ ۋاقىتتا، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپقا باشقىچە تاللاش يولىمۇ يوق ئىدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە رەسساملىق كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. بىراق ناخشا -مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياق ئۇنىڭغا زادىلا ئارام بەرمەيتتى. ئۇ دەرستىن چۈشسىلامۇزىكا بۆلۈمىگە كىرىپ مۇزىكا مەشىق قىلاتتى. مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇيدىغان دوستلىرى بىلەن پىكىرلىشەتتى. ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا مۇزىكا ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بېرىپ، مەشق شارائىتى يارىتىپ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ 14، 15 يېشىدىن باشلاپ ئىجادىيەت يولىغاكىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باشقىچە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.

بىر قېتىم ئۇ مەكتەپ يېنىدىكى ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىرىپ، تېلېۋىزوردا ناخشا ئېيتىۋاتقان جېكسوننى كۆرۈپ قالدى. جېكسوننىڭ ناخشىسى، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئابلاجاننى ئالاھىدە جەلپ قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ مۇزىكا پېشىۋاسىنىڭ دۇنياسىغا كىرىپلا كەتتى. ئۇئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلاتتى، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى دورايتتى. ئۇ شۇ مەزگىللەردە تورغا چىقىپ يالغۇز جېكسوننىلا ئەمەس يەنە باشقا نۇرغۇن چەت ئەل چولپانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەشكە باشلىدى ۋە توختىماي بۇھەقتە ئىزدەندى. «مەن ئۇ ۋاقىتلاردا بۇلار قانداق قىلىپ دۇنياغا تونۇلغان چولپان بولالىدى دەپ ئويلاندىم. قايتا - قايتا ئۇلارنىڭ ناخشا ۋە مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش،كۆرۈش ئارقىلىق، مەن ئاخىرى جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم: ئۇلاردا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاسلىق بار ئىكەن، دەل مۇشۇ خاسلىق بولغاچقا بىز ئۇلارغا شۇنداق مەستانە بولىدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن كاللام يېڭىلىنىپ كەتتى، دۇنياغا باشقىچە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان بولدۇم« دېدى ئابلاجان.

2001- يىلى، ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خوتەنگە قايتىپ يېزىسىدا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ رەسىم ۋە مۇزىكا دەرس بەردى. بىراق ئۇ ناخشا ئېيتىشنى، مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۇ ئارزۇ پەقەتلا ئۆچمەيۋاتاتتى.

ئوقۇش ھاياتى[تەھرىرلەش]

2003- يىلى ئابلاجان شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئاخىرى بۇ ساھەدە مۇنتىزىم، سىستېمىلىق تەربىيەلىنىدىغان بولدۇم دەپ تولىمۇ خۇشال بولدى. ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، ناۋادا خوتەندە ئۇنىڭغا دۆلەت ئىشتاتىدىكى خىزمەت پۇرسىتى بولۇپ قالسا،شەرتسىز قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى ئابلاجاننىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ بالدۇراق مۇقىم خىزمەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئابلاجان ئاتا - ئانىسىغا يۈزكېلەلمەي ئامالسىز ماقۇل بولدى.

ئۇ شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇدى. ئۇ بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن كەچلىك كۇلۇبلاردا ناخشا ئېيتىپ تۇرمۇش خىراجىتىنى تاپتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خوتەندىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر كەلدى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئېيتتى. ئابلاجان ئامالسىز قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ھەقتە ئۇ : «شۇ ۋاقىتتا ئىمتىھاننى قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا بېرىپ، ئۆتەلمەسلىكنى ئويلىدىم، شۇنداق قىلسام ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالايتتىم، ئەمما ئاتا - ئانامنىڭ ماڭا بولغان ئۈمىدى بەك زور ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىسام بۇنداق قىلغۇم كەلمەيتتى.ئۇ چاغدا ئاكام ئېغىر كېسەل، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈنى دوختۇرخانىدا ئاكامنى بېقىش بىلەن ئۆتەتتى، ئۇلارغا يەنە بېسىم ئېلىپ كەلگۈم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان بەردىم ھەم سانجۇ يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىندىم»دېدى.

2006- يىلغا كەلگەندە، ئۇ ئاخىرى چىداپ بولالمىدى. مەكتەپ بىلەن توختاملىشىپ،مائاشىنى توختىتىپ قويۇپ، سىتاژنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە قايتىدىن زور ئۈمىد - ئىشەنچلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يول ئالدى. ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچە ئۈمىدتە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇ يەردە يول تاپالماي گاڭگىراپ قالدى. ئۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتى، قورقاتتى. قايتىپ كېتەي دېسە، مەكتەپتىكىلەرگە بىلىم ئاشۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ كەتكەن. ئۇ سەنئەت ئارزۇسىنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بولۇشىنى ئويلاپ،ئۆزىنى يوقىتىپ قويغاندەك بولدى.

ئۇ چاغلاردا ئابلاجاننىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېنگلىز تىلى دەرس ئۆتىدىغان دىلشات ئىسىملىك دوستى بارئىدى. ئۇلار پات - پات كۆرۈشۈپ ھال - مۇڭ بولۇشاتتى. ئۇلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقاتتى. دىلشات مۇئەللىم ئۇنىڭ بارا - بارا چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا ئۈمىد ئىشەنچ بەردى. بىر كۈنى دىلشات مۇئەللىم ئابلاجاننى داڭلىق ناخشچى ۋە ئىجادىيەتچى مەۋلان مەمتىمىننىڭ ئىشخانىسغا ئېلىپ باردى. ئابلاجان مەۋلان مەمتىمىنگە ئۆزىنىڭ 1998 - يىلى 14 يېشىدا ئىجاد قىلغان«گۈزەل يۇرتۇم»ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ بەردى. مەۋلان مەمتىمىن ئابلاجاننىڭ ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھابېرىپ: «سەندە زور ئۈمىد بار، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمە. ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما، سەن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ» دېدى ھەم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئابلاجاندا قايتىدىن ئىشەنچ پەيدا بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. ئابلاجان بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزلۈكىدىن ئېنگلىز تىلى ئۆگەندى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قايتىدىن ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىردى. ئۇ بىر ياقتىن دەرس ئاڭلىغاچ، بىر ياقتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل تىرىشىپ ئوقۇش نەتىجىسىدە ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مەخسۇس كۇرس دىپلومىغا ئېرىشتى. 2008 - يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مەۋلان مەمتىمىن باشچىلىقىدىكى زامان ئىستۇدىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردى.مەۋلان مەمتىمىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. ئۇ ناھايىتى تېزلا كومپيۇتېردا مۇزىكا ئىشلەش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىۋالدى. 2009 - يىلى كەسپى،ئۆلچەملىك ھالدىكى تۇنجى ناخشىسى «تاققا - تۇققا»نى ئىجاد قىلىپ تورغا چىقاردى. بۇناخشا ئەينى چاغدا ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ، ئۇنى خۇش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسىرى ئاشتى.

ناخشىچىلىق ھاياتى[تەھرىرلەش]

2006- يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان بۇ ئۈچ يىل تولىمۇ جاپالىق ئۈچ يىل بولدى،«تەرجىمھالىمنى كۆتۈرۈپ نۇرغۇن ئۆمەك ۋە كۇلۇبلارغا بارسام مېنى كەسپىي ناخشىچى ئەمەسكەن دەپ قوبۇل قىلمايتتى، مېنىڭ دۇنيارىمنى چۈشەنمەيتتى، مەن كىچىك كاتەكتەك ئۆيدە يالغۇز تۇراتتىم، بىر جۈپ ئاياغنى ئىككى يىل كىيگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى» دېدى ئابلاجان ئۇ چاغدىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئەسلەپ.

ھۆججەت:Ablajan Awut Ayup with his team.png
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ سەپداشلىرى بىلەن بىرگە

ئۇ بىزدىكى بالىلار ناخشىسى ساھەسىدە بىر چوڭ بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ساھەدە تەرەققىي قىلسا ئىستىقبالىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 2010- يىلى 1 - ئايدا ئۇ ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان «مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشا تۇنجى بولۇپ مەشرەپ پىروگراممىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، زور ئالقىشقا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ دېگەن بۇ ئىسىمنى كىشىلەر ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالدى.

ئابلاجان تولىمۇ يېقىملىق،شوخ، جۇشقۇن بىر يىگىت. ئۇ كىچىك بالىلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارغا بالىلارچە تەپەككۇردا مۇئامىلە قىلىدۇ ھەم ئۇلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرۈپ ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇ بالىلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىدا بالىلارغا بېغىشلانغان ناخشىلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ «تاققا - تۇققا»، «ئاپتاپ چىق»، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟»،«تەتىل»، «ئوغۇل بالا» قاتارلىق ناخشىلىرى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، خۇشاللىقى ۋە ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئاددىي تىل، شوخ رېتىملىق مۇزىكا ۋە گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ، بالىلارنىڭ تولىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئابلاجان :«بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولىمۇ ئەقىللىق، بولۇپمۇ بۈگۈنكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇجەمئىيەتتە ئۇلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش، مودىغا ئەگىشىش ئىستىكى ناھايىتى يۇقىرى،مەن بالىلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى بويىچە مودا بالىلار ناخشىلىرىنى ئاڭلىتىشتا بىر بوشلۇق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بالىلىرىمىز چەت ئەل چولپانلىرىغا ئىنتىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مودىلارغا ئەگەشسەم، شۇلارغا ماسلاشسام دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا مەن زامانغا لايىق ناخشىلارنى ئانا تىلىمىزدا،ئەنئەنىمىزنى يوقاتمىغان ئاساستا ئېيتسام، بالىلىرىمىز ئۇنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلانسا دەپ ئويلىدىم. ئەگەر بىزدە بۇنداق نەرسە بولمىسا، بالىلار باشقا تىلدىكى ناخشىلارنى ئاڭلايدۇ. ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۇنتۇيدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە ئەمەس، مىللەتكە مەنسۇپ دەپ ئويلايمەن. مەن ھازىرقى مۇشۇ كىچىك بالىلىرىمىزنىڭ 15، 16ياشقا كىرگەندىمۇ، مەن يەنە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئابلاجان بولۇپ تۇرسام دەيمەن. شۇڭا مەن ئىزىمدا توختاپ قالماي، زامانغا لايىق ھالدا توختىماي ئىلگىرىلىشىم كېرەك»دەيدۇ. ابلاجان بىزدە بالىلارناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان، ئىجاد قىلىدىغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئازبولۇشتەك مۇشۇنداق بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇ بالىلىرىمىزغا مېھىر- مۇھەببەتنى ئۆگەتتى. ھەر يىلدىكى ھېيت - بايراملارغا ئۇ مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئۇنىڭدا بالىلارغا چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان سەمىمىيەت ۋە مۇھەببەت بولغاچقا، بالىلارمۇ بۇ ياخشى ئاكىسىنى قەلب تۆرىگە قويدى.

ئۇنىڭ يېقىندا لىمفا راكىغا گىرىپتار بولغان يەتتە ياشلىق نادىرغا بەرگەن ئالاھىدە سوۋغىسى، بۇ كىچىك نادىرنىلا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.نادىر ئابلاجاننى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيتاتتى.ئۇنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى دورايتتى. نادىر چوڭ بولغاندا ئابلاجان ئاكىسىغا ئوخشاش ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇس نادىر ئەمدىلا ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولدى. ئۆزىنىڭ كېسەل ئەھۋالىدىن ئانچە - مۇنچە خەۋەرتاپقان نادىر ئابلاجان ئاكىسىنى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.نادىرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن ئابلاجان ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى. 2016 - يىلى8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى نادىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. بۇ كۈنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ بىلەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى ئسھاق سۇلايمان بىر توپ بالا چولپانلارنى ئېلىپ نادىر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىغا باردى. ئابلاجان دوختۇرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان، ئاق دوختۇر دوپپىسىنى پېشانىسىگە چۆكۈرۋالغان،ئاغزى - بۇرنىنى ماسكا بىلەن ئېتىۋالغان، كۆزىگە كۆزەينەك تاقىۋالغان بولۇپ،باشقىلار تونۇۋالغۇسىز قىياپەتتە ئىدى. ئۇلار نادىرنى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە نادىرغا نۇرغۇن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.نادىر بۇنىڭغا ئىنتايىن خوشال بولدى. ئارقىدىنلا مۇزىكا قويۇلۇپ كىچىك چولپانلارنادىرغا بېغىشلاپ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بىر كىچىك ماھىر نادىرنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدى. ئۈنئالغۇدىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ناخشىسى ياڭراشقا باشلىدى. كىچىك نادىر ئابلاجان ئاكىسىنى دوراپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى،سورۇندىكىلەر قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى، بۇ تېخى نادىرنى خۇش قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ قىزىق ۋەئەھمىيەتلىك قىسمىنى يەنىلا ئابلاجان ئورۇنلاپ چىقتى. ئىسھاق سۇلايمان نادىرغاقاراپ:«سېنىڭ دوختۇرۇڭمۇ ساڭا ئاتاپ بىر نومۇر كۆرسىتىپ بەرسە قانداق؟» دەپ سورىدى ۋە ئابلاجاننى ئوتتۇرىغا تەكلىپ قىلدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۈنئالغۇدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۆزىنىڭ ناخشىسىغا ماسلىشىپ شوخ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئۇسلۇبىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان «دوختۇر»نى كۆرگەن نادىر ھاياجانلىنىشقا باشلىدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىگە،بىرلەشتۈرۈپ ئاستا - ئاستا دوختۇر كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرى ماسكىسى ۋە كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىپ نادىرغا يۈزلەنگەندە، كىچىك نادىر قاتتىق ھاياجانلاندى ۋە غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ ئابلاجانغا قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى. بىر داڭلىق ناخشاچولپىنى بىلەن بىر بالا چوقۇنغۇچى قۇچاقلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلاندى. نادىرتوختىماي يېقىغداپ يىغلايتتى. سورۇندا قاراپ تۇرغان بارلىق بالىلار ۋەدوختۇرخانىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى تۇتۇشالماي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياشلار تۆكۈلەتتى. نادىر بولسا ئابلاجان ئاكىسىنى چىڭ قۇچاغلاپ زادىلا قويۇپ بەرگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭ يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ خوشاللىق يىغىسى ئىدى. چۈنكى نادىرئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئارقىلىق ئەجەللىك كېسەل بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كىچىك بالىغا خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ بالىلارغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ كىچىككىنە نامايەندىسى ئىدى.2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى رەھىمسىز كېسەل كىچىك نادىرنى بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىدى... ئەمما نادىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا گۈزەل چۈشكە ئوخشايدىغان بىرخوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئابلاجان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار بولۇپ، ئۇ تېكىست يازىدۇ، مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئىشلەيدۇ ۋە ئوينايدۇ. ئۇ ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق ناخشا ئىجاد قىلدى، ئۇقىسقىغىنە ئالتە يىل ئىچىدە ئۈچ ناخشا پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىپ تارقىتىپ،تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئابلاجان ئانا تىلدىن باشقا خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگلىزتىلىدىمۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۇ: «خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىدا ناخشا ئېيتىش دەسلەپتە ماڭا خېلى تەس بىلىندى. ھەر قېتىم ناخشىنى ئۈنگە ئالغاندا، تىل ئوقۇتقۇچۇم يېنىمدا تۇرۇپ تەلەپپۇزۇمغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. تەلەپپۇزۇم ياخشى بولسا ھېسسىياتىم توغرابولمايتتى، ھېسسىياتنى توغرا ئىپادىلىسەم، تەلەپپۇزدا خاتالىق چىقاتتى. ئاناتىلىمىزدىكى ناخشىلارنى ئۈنگە ئېلىشقا نەچچە سائەت ۋاقىت كەتسە، باشقا تىلدىكى ناخشىلارنى ئۈنگە ئېلىشقا كۈنلەپ ۋاقىت كېتەتتى» دېدى.

ئابلاجاننىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ھەر قانداق ئىشنى مۇكەممەل ھالەتتە قىلسام دەپ ئويلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ھازىرغىچە ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويمىدى. «ئۆزۈمنى ھازىرمۇبىر ئوقۇغۇچىدەك ھېس قىلىمەن» دەيدۇ ئۇ ئىلگىرى ناخشىلىرىمنى ئىشلەشتە ياكى سەھنىلەشتۈرۈشتە ئۆز ئالدىمغا ئويلىغان خىياللىرىم بار ئىدى، لېكىن باشقىلار ئۇنى مەن دېگەندەك قىلىپ بېرەلمەيتتى. ئۇلار مېنى چۈشەنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇجەھەتتىكى ھەر خىل تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ ھەممىنى ئۆزۈم قىلىدىغان بولدۇم ،تاكى شۇئەسەر مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىغىچە بەل قويۇۋەتمىدىم.<سۆيۈملۈك مۇئەللىم> دېگەن ناخشىنىڭ تېكىسىتىدا ھەر خىل پەنلەرنىڭ مەزمۇنى بار، مەن بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى پۈتۈن كۆرۈپ بولۇپ يازغان، كۆرۈنۈشكە ئالغاندىمۇمۇشۇ ھالقىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.

ئۇ خەلقئارادا ئالدىدا مېڭىۋاتقان مودا ئېقىمغا ئەگىشىپ مېڭىشنى، ماسلىشىشنى ئويلايتتى. سەنئەتنى ئەنئەنىمىزگە خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا، زامانىۋالاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئابلاجان مۇنداق دەيدۇ: «ناخشىلىرىمدا ئاكتىپ ئېنېرگىيە بولسىكەن دەيمەن. شۇڭا ناخشىلىرىمدا ئۈمىدۋارلىق ئىدىيەسى قويۇق.جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق ياشلارغا ۋە كەلگۈسىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئىشەنچ، خۇشاللىق ئاتا قىلسام دەيمەن. مەن يېڭىلىققا ئىنتىلىمەن. توختىماي ئۆگىنىپ. ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرسەم دەيمەن.» «بۈگۈن»،«مەكتەپ گۈزىلى» دېگەن ناخشىلىرىمنىڭ ئۇسلۇبى خەلقئارالىق ئۇسلۇپ. شۇڭا ئۇنىڭدىن يات مىللەتمۇ ھۇزۇرلىنايدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ تۈرتكىسدە 2 - پىلاستىنكىنى خەنزۇچە ئىشلىدىم .

مۇۋەپپىقىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىرئىش شۇكى، 2014 - يىلى ئامېرىكىنىڭ«دەۋر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدىكىلەر ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى نەچچە ئاي ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە چۆكۈپ كىردى، ئاخىرى شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بۇ ژۇرنالدا «شىنجاڭ ئاۋازى −− ئۇيغۇر مودا ئېقىم ناخشىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ شىنجاڭلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈلگۈسى بولدى» دېگەن تېمىدىكى ماقالە ئېلان قىلىندى. ئابلاجان «دەۋر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر موداناخشىچىمىز بولۇپ قالدى. نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. 2012 - يىلى 8 - ئايدا «2012 - يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار -ئۆسمۈرلەر ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى»دە ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىسى «مەشرەپ ناۋاسى»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئېيتىپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 2013 - يىلى 11 - ئايدا،ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنقەرە - جۇڭگوئوقەتچىلىرى جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى جاڭئاۋەن ئويۇن قويۇش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۈركىيەنىڭ مودا ناخشا چولپىنى ئىسمائىل باشلامچىلىقىدىكى جۇڭگو - تۈركىيە دوستلۇق ناخشا كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغائېرىشكەن. ئۇ 2013 - يىلى 12 - ئايدا خەنزۇ تىلىدىكى پىلاستىنكىسى«مەن شۇ»نى چىقارغان ھەمدە شۇ يىلى پىلاستىنكا ئىچىدىكى «بۈگۈن» دېگەن ناخشىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇزىكا قانىلىنىڭ ئەڭ داڭلىق پروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن. ئۇ يەنە 2013 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن «يېڭى يىپەك يولىدىكى چوقۇنغۇچى چولپان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. »خەنزۇ تىلىدىكى ئەلنەغمە مۇكاپاتىنىڭ2013 - يىللىق كاتتا يىغىلىشىدا «مەكتەپ گۈزىلى» ناملىق ناخشىسنى ئورۇنلاپ، بۇسەھنىگە چىققان تۇنجى ئۇيغۇر ناخشىچى بولۇپ قالغان، 2014 - يىلى 1 - ئايدا گۇاڭخۇشەھىردە دېۋېيلۇڭ مەدەنىيەت ۋە تاشقى پلانت پىلاستىنكىچىلىقى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى يىپەك يولى شىنجاڭ ئۇسلۇبى، دېۋېيلۇڭ شىنجاڭ مۇزىكىسى ئون چوڭ پىلاستىنكىنىڭ يەرشارىدىكى تۇنجى تارقىتىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»غا قاتناشقان، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «مەن شۇ» ناملىق پىلاستىنكىسىمۇ مۇشۇئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تارقىتىلغان.

2014 - يىلى 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ناخشا بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيلى!»تېمىسىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2014 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «گۈزەل ئارزۇ» تېمىسىدىكى مەخسۇس پروگراممىسى كۆرسىتىلگەن. 2014 - يىل 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى شىنجاڭ رادىئو- تېلېۋىزىيە تورى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، دېۋېيلۇڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، 924 خەلق تۇرمۇشى رادىيوسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ كۇئەيچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە باشقۇرغان «سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن»تېمىسىدىكى ئابلاجان تور ناخشا كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ سەھنىسىدىكى پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. 2014 - يىل 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىيوئىستانسىسى MF 924 قانىلىدا ئاڭلىتىلغان «2014 - يىللىق شىنجاڭدىكى ئىجادىي ناخشىچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى»دە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «بۈگۈن»ناملىق ناخشىسى «2014 - يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئون ئىجادىيەت»نىڭ بىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەل بالائاۋاز نامزاتى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، خەنزۇ تىلىدا ناخشا ئېيتىپ «ئون گۈزەل بالا ئاۋاز مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ 2015 - يىل 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى شىنجاڭ ئابلاجان مەدەنىيەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، يۈرۈشلۈك ئابلاجان موداكىيىملىرىنى لايىھەلەپ چىقتى. 2015 - يىل 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈچىنچى پىلاستىنكىسى «شاھزادە»نى چىقىرىپ تارقاتتى.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

ئۇ يېقىندا 14 دۆلەتتە 140 نەچچىدىن ئارتۇق تارماق دۇكىنى بار بولغان مارىي بروۋىن زەنجىرسىمان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، مالايسىياغا بېرىپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كەلدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ نۇرلانغان پەيت قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتى بولدى.2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - ۋە 30 - كۈنلىرى ق. غوجامى يارۇف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر دۆلەت مۇزىكىلىق كامارىيە تىياتىرىدا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ سەنئەت كېچىلىكى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مودا ناخشىلارغا تەشنا قازاقىستان ياشلىرى ئۇنىڭغا توختىماي ئالقىش ياڭراتتى. مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك سەنئەت سۆيەر ئالماتا خەلقى ئابلاجاننىڭ شوخ ناخشىسىغا ماسلىشىپ چۇقان سۈرەنلىرى بىلەن سەنئەت كېچىلىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكى ياش ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالدى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئالماتادا تۇرغان بىر ھەپتە جەريانىدا قازاغىستاندىكى دۆلەتلىك ئۇيغۇرتىياتىرى، دەرۋىش ئانسامبىلى ۋە ياشلىق ئانسامبىلى قاتارلىق سەنئەت ئۆمەكلىرىدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.قازاغىستان سەنئەتكارلىقى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يېزىلغان «تەشەككۈرنامە»نى تەقدىم قىلدى. مەزكۇر «تەشەككۈرنامە»دە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «ھۆرمەتلىك ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، بۈگۈن بىز سىزنىڭ يارقىن تالانتىڭىزنى ۋە ئىجادىيىتىڭىزنى تاماشا قىلىش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇق. قازاقىستانغا كېلىپ ھەممىزگە ئىللىق ھېسسىياتلارنى ھەدىيە قىلغىنىڭىزغا بىز ناھايىتى خۇشال. بىز سىزنى ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەن ئىدۇق. ئاخىرى بۇ پەيتمۇ كەلدى. بىز سىزنىڭ كانسىرتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز ۋە سىزگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز سىزنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىڭىزدە ئۇتۇققا، تاماشىبىن ئالقىشىغا ئىگە بولۇپ قېلىۋېرىشىڭىزنى تىلەيمىز» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەتبۇئاتلاردا بۇقېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى. يۇقىرىدا مەن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ بالىلار ناخشىسى ساھەسىدە يورۇق يۇلتۇزغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بىراق ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يالغۇز بالىلار ناخشىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتى جەريانىدا «ئەسكى»، «مەكتەپ گۈزىلى»،«ساددا قىزچاق»، «يىگىت - قىزلار»، «ماڭا ياتلىق بول»،«بەڭباش» قاتارلىق بىريۈرۈش ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.ئۇنىڭ بۇ ناخشىلىرىنى ياشلار ھەتتا چوڭلارمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئابلاجان ھازىرقى ناخشا ۋە ئۈن - سىن ئىشلىرىمىزغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ: «جەمئىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ. نۇرغۇن پروگراممىلار بارلىققا كەلدى.كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ كۈندىن كۈگە بېيىۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم ناخشا ئاڭلاشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما پىلاستىنكا بازىرى ۋەيران بولدى. كىشىلەر بىر قېتىملىق تاماقنى50 يۈەنگە يېيىشكە رازى بولىدۇ - يۇ، لېكىن 20 - 30 يۈەن خەجلەپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان سەنئەتكارنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويمايدۇ. نەتىجىدە بۇ ساھەگە شەرتسىز مەبلەغ سالىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ ئازلاپ كەتتى. چەتئەللەردە ناخشا پلاستىنكىسىنى بىر مەھسۇلات دەپ بىلىدۇ. بىزدە بولسا تېخى بۇنداق ئاڭ شەكىللەنمىدى. بىز پىلاستىنكىنى بىر ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىمايمىز، شۇسەنئەتكارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمايمىز. مېنىڭچە پىلاستىنكا كىتابقا ئوخشايدۇ.ئۇمۇ ئوخشاشلا قەدىرلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى قوغدىلىشى كېرەك.

ئاخىرىدا ئابلاجان ماڭا 2017- يىلى چوڭ تىپتىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، نادىر ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ تۇرۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،يوللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن سەمىمىي تىلەيمىز!

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]