ئابلەت ئابدۇرېشىت

ئورنى Wikipedia

ئابلەت ئابدۇرېشىت 1942-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1960-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1965-يىلى 9 -ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ماشىنا – ئېلېكتر فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتر كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسىىلىغىدىن پىنسىيەگە چىققان.

1960–يىلىدىن 1965–يىلىغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ماشىنا-ئېلېكتر فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتر كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1965– يىلىدىن 1980– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىناكارلىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش-لايىھىلەش يۇرتىنىڭ تېخنىكى، ئىنژېنېرى، مەخسۇس كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىناكارلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش-لايىھىلەش يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1983-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ ئارىلىقتا 1984–يىلىدىن 1985– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىلان خىزمىتى تەتقىقات سىنىپىدا ئوقۇغان، 1990–يىلىدىن 1991-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1991-يىلىدىن 1993– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1993-يىلىدىن 1994– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان، 1994– يىلىدىن 2003– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان(2003-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە) ؛ 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008– يىلىدىن ھازىرغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

ج ك پ 15– 16–، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-، 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.