Jump to content

ئاتام ئېيتقان بايىقى

ئورنى Wikipedia

ئاتام ئېيتقان بايىقى

老生常谈 lǎo shēng cháng tán

مەنىسى: ئايلىنىپ، چۆرگىلەپ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئاۋۋالقى يېرىگە كېلىپ قالماق؛ ئەسلىدىكىسى دۇرۇس بولۇپ چىقماقنى سۈرەتلەيدۇ.

مەسىلەن: «بۇرۇن دەرسلىك كىتابلارنى پۇلغا ئالالماي قىينالغان بالىلار، ئەمدى بولسا ‹ھەقسىز دەرسلىكلەر›نى ھەزىم قىلىپ ئوقۇيالماي، ئىشلار يەنىلا شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى بولدى».

«بەس! گەپلىرىڭلارنى ھەرقانچە پەردازلىساڭلارمۇ، مەقسىتىڭلار يەنىلا شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى، بىزنى ئەمدى ئازدۇرالمايسىلەر».

«ئۇيغۇر ئىدىيوملىرى لۇغىتى»، 2-بەت