Jump to content

ئاختا قىلماق

ئورنى Wikipedia
15 - ئەسرگە تەۋە ئاختا \ئاغۋات قىلىش ئوپېراتسىيەسى تەسۋىرى، ئوسمانلىچە

پىچىماق ياكى ئاختا قىلماق (ئىنگ: Castration) ئەر كىشى ياكى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ جىنسىي بەزلىرى، تاشىقىنى ئېلىپ تاشلاش. پىچىۋېتىلگەن ئەركەك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالمايدۇ ۋە كۆپىيەلمەيدۇ. كەڭ مەنادا ئېيتقاندا، ئەركەكنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن (يەنى ئوپېراتسىيە، خىمىيىلىك دورا ياكى باشقا ئۇسۇللار) مەھرۇم قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيە يا قول سېلىپ پىچىش ئارقىلىق ھەر ئىككى ئۇرۇقداننى (ئورخىئېكتومىيە) ئېلىۋېتىش ياكى باغلىۋېتىش بىلەن ۋەيا خىمىيەلىك ئاختا قىلىش يەنى دورا بېرىش بىلەن ئۇرۇقداننىڭ فونكىسيەسىنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىچىش ئەرلىك ھورمونلارنىڭ، مەسىلەن تېستوستېروننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. قول سېلىپ پىچىش ئوپېراتسىيەسى كىشىنى تۇغماس (يەنى خەلق ئىچىدىكى تەبىرى بىلەن پېلىكى قۇرۇق، ئېرىك) قىلىدۇ.

ھايۋانلاردا ئاختا قىلىش دېيىلىدۇ. پىچىلگەن ئات\ئايغىر ئاختا ئات، پىچىلگەن تۆگە\بۇغرا ئاتان، پىچىلگەن قوي\قوچقار ئېرىك، پىچىلگەن ئۆچكە\تېكە سەركە دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئەركەك ماللارنى تېخىمۇ يۇۋاشلىتىش ياكى كۆپىيىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن پىچىلىدۇ.