Jump to content

ئادەم بەدىنىدىكى مۆجىزە ۋە سىرلار

ئورنى Wikipedia

ئادەم بەدىنىدىكى مۆجىزە ۋە سىرلار


ئامېرىكا دۆلەتلىك تىببىي كۇتۇپخانا نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا، شۇنداقلا توپلانغان ئادەم تېنى ماتېرىياللىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇچۇر ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. كۇتۇپخانىدىكى ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەن «ئادەم تېنى يىلنامىسى» ناملىق كىتاب بىزنى ئادەم تېنىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ سان - سېفىرلار ۋە سىرلار بىلەن تەمىنلىدى.


ئادەم تېنىدىكى مۆجىزىلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە تەخمىنەن 10 مىليارد دانە نېرۋا ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى باشقا ھەرقانداق توقۇلمىلاردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىنمۇ زىچ بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن يەنە بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىگە بېرىشتىكى ئەڭ يۇقۇرى سائەتلىك تېزلىكى 250 مىل (ئىنگلىز لىسى) بولىدۇ.

ئادەمنىڭ يۈرىكى ھاياتلىق گۈلىنى سۇغارغۇچى بولغان قاننى ئۆمۈر بويى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، بىر ساغلام يۈرەك ھېچقانداق «رىمونت» قىلىنمايمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا 100 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، كۈنىگە ئالتە توننىدىن سەككىز توننىغىچە قاننى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇ بويىچە ھېساپلىغاندا تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان ئارقىلىق 10 مىڭ توننىلىق زور پاراخوتتىن بىرنى لەيلەتكىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا ھەرقانداق بىر خىل سۇ پومپىسى شۇنچە ئۇزۇنغىچە رىمونت قىلىنماستىن ئىشلەپ باققان ئەمەس.

ئادەم تېنىدىكى مېتابولىزمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشكە تەۋە بولىدۇ. سان- ساناقسىز خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر «ئېنزىم» دەپ ئاتىلىدىغان نەچچە يۈز خىل كاتالىزاتورلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، بىر قاتار قاتتىق ھەم مۇرەككەپ فورمۇلالار بويىچە بىر- بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان ماددىلار بارلىققا كەلتۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەڭلىمىلىرىنى ھەرقانداق بىر كاتتا خىمىيە ئەسىرىمۇ تولۇق يېزىپ چىقالمايلا قالماستىن ھەرقانداق بىر تەجرىبىخانىمۇ بۇنداق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ئىشلىيەلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا پەقەتلا 1.5 كىلوگىرام كېلىدىغان جىگەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا جىگەرنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خىمىيە زاۋۇتى دىيىشكە بولىدۇ.

ئادەمنىڭ پۈتكۈل تېنى سۆڭەككە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ. سۆڭەك كاۋاك، ئەمما نۇرغۇن مېخانىكىلىق تەلەپلەرگە ماسلىشالايدىغان تۈزۈلۈشلەرگە ئىگە بولغاچقا، يەڭگىل ھەم ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر بىر كۇب سانتىمېتىر سۆڭەك 1.5 توننا بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، چىداملىقلىقى ھەرگىزمۇ گرانت تاشتىن قېلىشمايدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، مۇشۇنداق مۇستەھكەم سۆڭەكنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سۇ بولۇپ، كالىتسىي ئومۇمىي ئېغىرلىقنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى بولسا سۆڭەك يىلىمى قاتارلىق يۇمشاق توقۇلمىلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر تۇز كىسلاتاسى ئارقىلىق كالىتسىيلار ئېرىتىۋېتىلسە، ئۇ چاغدا سۆڭەكلەر خالىغانچە ئەگكىلى بولىدىغان يۇمشاق نەيچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.


ئادەم تېنى ئالدىن ھېس قىلالايدۇ

ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسىدىكى نېۋروگرافىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئادەم تېنى ھازىرلا يۈز بېرىدىغان چوڭ ئىشلارنى ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىدە «كەلگۈسى ۋەقە»لەر يۈز بېرىشتىن تەخمىنەن 10 سېكۇنتلار بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن، مەسىلەن، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىدۇ، كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىپ كېڭىيىشى ۋە كۆكرەك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. مۇتلەق كۆپ قىسىم سىناقلاردا قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشلەر سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن خالىغانچە ئۆتۈپ تۇرغان، سىناققا قاتناشقۇچىلار 10 سېكۇنت بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان.

ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسىدىكى جۇلىيا. موسسىبۇرىچ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە 24 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق «ئالدىن ھېس قىلىش» ئېففېكتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن بىرنەچچە سېكۇنت بۇرۇن ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىىتىيارسىز ھالدىلا چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھازىرلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق جۇلىيا قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «ئالدىن ھېس قىلىش» ئېففېكتى تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدار دىيىشكە بولمايدىكەن.


كۈندۈزدىكى روھسىزلىق يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندۈزى روھسىز ئۆتىدىغان ياشانغان كىشىلەر كۈندۈزى كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يۈرەك كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن، شۇنداقلا يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ياشانغانلار ئۈچۈن موھىم بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

بىزگە مەلۇمكى، چوڭ مېڭە ئادەم تېنىنىڭ «قوماندانلىق شتابى» بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى چوڭ مېڭىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولغاچقا يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ بەشتىن بىر قىسمى مېڭە توقۇلمىلىرىغا بارىدۇ، جىددىي خىزمەت قىلغان چاغلاردا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا پائالىيەتچان مېڭىنىڭ مېتابولىزىمى كۈچلۈك يۈرەك ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. يۈرەك بۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئورۇنلاشتا بەدەندىكى ئىككى چوڭ قان ئايلىنىشقا تايىنىدۇ. ئۆپكە قان ئايلىنىشىدا ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەن بولغان ۋېنا قېنى ئۆپكىدىن يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېنغا ئېرىشكەندىن كېيىن يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىشى بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىغا ئېقىپ كىرىدۇ؛ بەدەن چوڭ قان ئايلىنىشىدا بولسا ئارتېرىيە قېنى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئېقىپ ئۇ جايلاردىكى مېتابولىزىمنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.

يۈرەكتە كېسەللىك پەيدا بولغاندا يۇقۇرىدا دېيىلگەن ئىككى چوڭ قان ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭغا چوڭ مېڭە ئەڭ سەزگۈر بولۇپ، مېڭىدىكى ئېنېرگىيە ۋە ئوكسىگېن يېتەرلىك بولمىغاندا ئادەمنى قاتتىق ئۇيقۇ ببېسىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ.


بىئولوگىيىلىك سائەت تىزغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ

ئامېرىكا ئىللىنو داشۆسىدىكى ئالىملار ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ بىر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرىدىكى ئىپادىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى: سەھەر سائەت تۆت كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغان ۋاقت؛ سەھەر سائەت ئالتە سوغۇقنى ئەڭ ئاسان ھېس قىلىدىغان ۋاقىت؛ چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز تەنتەربىيە چېنىقىشى ۋە ھەرىكەت ئىشلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى؛ چۈش سائەت 12 ئاشقازان سۇيۇقلۇقى جانلىنىدىغان، تاماقلىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت؛ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى روھىي جەھەتتىن چارچايدىغان، موھىم خىزمەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قىيىنراق بولىدىغان ۋاقىت؛ چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن كەچ سائەت توققۇزغىچە تەپەككۈر ئەڭ سەزگۈر ۋە ئازادە ۋاقتى؛ چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە چىش كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ چىشى ئاغرىيدىغان ۋاقىت؛ كەچ سائەت 11 بولسا كېچىلىك ئىسمىنىدىكى خىزمەتتە ئەڭ ئاسان خاتالىق يۈز بېرىدىغان ۋاقىت بولىدۇ.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەجرىبە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم تېنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ رولى باشقا ھايۋاناتلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ كونتىروللۇقىدا بولماستىن ئادەم تېنىدىكى نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدا بولىدۇ، ئۇ ئاساسەن تىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ، بۇ يەرگە كۈچلۈك نۇر چۈشسىلا بىئولوگىيىلىك سائەت سىرلىق ھالدا ئالدى ياكى كەينىگە تەڭشىلىپ كېتىدۇ. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىزنىڭ ئارقا تەرىپىگە يورۇق نۇر چۈشۈرۈلسە بىئولوگىيىلىك سائەت ئالدى ياكى كەينىگە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا سۈرۈلۈپ كېتىدىكەن. باشقىچە ئېيتقاندا ھەمىشە ئۇزۇن يولغا ئۇچىدىغان ھەم ۋاقىت پەرقىنى ئاسانلىقچە تەڭشىيەلمەيدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر تىزىنىڭ كەينى تەرىپىگە يورۇتۇش ئەسۋابىنى چىگىۋالسا بىئولوگىيىلىك سائىتىنى تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ.

تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدە ۋاقىت پەرقىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تەڭشىگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەسىل خاراكتېرلىق روھسىزلىق ۋە ئۇخلاش ئادىتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنىمۇ يۇقۇرىقىغا ئاساسەن يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆز ئادەم تېنىدىكى ئەڭ موھىم سەزگۈ ئەزاسى بولسىمۇ بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ، چۈنكى ئەمالارمۇ ئۇزۇن يولغا ئۇچقاندىن كېيىن ئوخشاشلا ۋاقىت پەرقىنىڭ قىينىشىغا دۇچار بولىدۇ.