ئادەم (ئېدۋارداس مېژىلايتىس)
ئادەم
ئېدۋارداس مېژىلايتىس(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى)
ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
ئاپتور ھەققىدە: ئېدۋارداس مېژىلايتىس(1919-1997) سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق شائىرى. قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەڭ مەيدانىدا مۇخبىر،1959- يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى بولغان.
ئۇنىڭ 1943- يىلى تۇنجى توپلىمى «لىرىكىلار توپلىمى» نەشردىن چىققان. كېيىن نەشر قىلىنغان توپلاملىرىدىن «باھارنىڭ مېھمىنى»(1959)، «كاردىئوگرامما»(1963)، «ھاۋا يولى خەرىتىسى»(1966)، «پىرقىرايدىغان ياغاچ ئات» (1967)، نەسر، سىياسىي ماقالىلەر توپلىمىدىن «لىرىك ئەسەرلەر» (1964)، «كىچىدىكى كېپىنەك» (1966)، «بۇ- لېتىۋا» (1968)، «يالغۇز كىشىلىك ئويۇن» (1976) قاتارلىقلار بار. چاتما شېئىر «ئادەم» شەكلى ئالاھىدە، مەزمۇنى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوبزور ساھەسى تەرىپىدىن «پەقەت لېتىۋادىن ئىبرەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن سوۋىت ئىتتىپاقى سەنئىتى، ھەتتا يىگىرمىنچى ئەسىردىكى دۇنيا مەدەنىيىتىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھادىسە» دەپ ھېسابلانغان. بۇ چاتما شېئىرى ئۈچۈن مېژىلايتىس 1962- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىن مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.
«ئادەم»نىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا
ئېدۋارداس مېژىلايتىس
كېيىن، يەر شارىنىڭ بىر قىسىمىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. غەربىي ياۋروپاغىمۇ باردىم. ھىندىستان، ئا ق ش، جەنۇبىي ئامېرىكىلارنىمۇ كەزدىم. بۇرۇن شۇ قەدەر زور كۆرۈنگەن دۇنيا تەدرىجىي كىچىكلەپ مېنىڭ بۇ كىچىككىنە يۈرىكىمگە پۈتۈنلەي سىغىپ كەتتى. تېخى ئۇ ھاياجانلىنىپ قەلبىمگە ئارام بەرمەي، ئېتىلىپ چىقىشنى ئىستەيتتى. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر قانچە لىرىك شېئىرلار توپلىمى− «يۇلتۇزلار ئايىغىدا»، «كەھرىۋادىكى قۇياش»، «ئۆزۈم سىزغان سۈرىتىم ۋە ھاۋا يولى خەرىتىسى» دۇنياغا كەلدى. شۇ سەۋەبلىك يەنە ھەجىمى چوڭراق بولغان چاتما شېئىر «ئادەم» ۋۇجۇدقا چىقتى. ئۇ 1956- 1957- يىللار ئارىلىقىدا ئاپىرىدە بولۇپ، «يۇلتۇزلار ئايىغىدا» دېگەن شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.
مەن باھارنى سۆيىمەن، ھاياتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى سۆيىمەن. بولۇپمۇ، بۇ يېڭىلاشنى ئادا قىلىۋاتقان ئادەمنى تېخىمۇ سۆيىمەن. كۈرەش جەريانىدا كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى تىكلەۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىمۇ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن ئادەمنى سۆيمەن. مېنىڭچە، شېئىرنىڭ مەقسىتى دەل ئادەم قەلبىدىكى ئادەمنى ئويغىتىش، ئۇنىڭدا پائال، ئىزگۈ ۋە گۈزەل ھېسلارنى يېتىشتۈرۈش، ئادەمنىڭ ئادەم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق نەرسىلەر بىلەن، ئۇلارنى قۇللۇققا چۈشۈرىدىغان− ماددىي ۋە ئەخلاقىي− نەرسىلەر بىلەن كۈرەش قىلىش، نادان، ھايۋانىي ھېسلارنى قوزغىتىدىغان، ئادەمگە نەپرەتلىنىدىغان، ئادەمنىڭ قەلبىگە داغ سېلىشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق نەرسىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. تۇرمۇشتا مەن كۆرگەن يامان نەرسىلەر ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كۆپ، ھەتتا ھازىر ياخشى نەرسىلەرنى يازالمايۋاتىمەن.
كىتابىمدىكى ھەننىۋا نەرسە مەن ئۇچراتقان ياكى ئويلاپ چىققان نەرسىلەر ئەمەس، ئىش مانا مۇنداق:
ھاياتنىڭ ماھىيىتى ھەممە دىققەت – نەزەرىنى شائىر كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدىغان نىشان− ئادەمگە مۇجەسسەملىگەن.
ئەينى يىللاردا بۇ ئادەم تامامەن شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن چۈمكەلگەنىدى. بۇنداق چوقۇنۇش يوقىتىلغان ھامان ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن قەھرىمانە قىياپىتى بىلەن سەھنىدە پەيدا بولغان ئادەم بولدى. ئۇ ئۇلۇغ، ئاددىي، ئەمما ئۆزىنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكىگە باي. بۇ مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ ئاساسىي مۇقامى بولدى. تەبىئىيكى، شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئىزاھلاش تولىمۇ مۈشكۈل، بولۇپمۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىگە شۇنداق.
مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئادەم توغرىسىدا پروگرامما خاراكتېرلىك كىتاب− ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئادەم خىتابنامىسىنى يازماقچى بولدۇم. تاكى ھازىرغىچە، مەن ھەر خىل كۆز قاراش ۋە چارە – ئۇسۇللار بىلەن ئۇ ھەقتە يەنىلا قايتا – قايتا ئىزدەنمەكتىمەن ھەمدە ئۇنىڭ مۇقامىنى راۋاجلاندۇرماقتىمەن. مەن بۇ باش تېمىنى يەنە مەملىكىتىمىز سەنئىتىنىڭ مۇھىم تېمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچىمەن.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر قېتىم بۇ ئاددىي ئادەمنى قايتىدىن يازغان چېغىمىزدا ھەمدە ئۇنىڭغا كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ سىنچىلاپ قارىغىنىمىزدا بىرىنچى تەسىراتىمىز شۇ بولىدۇكى، بىز ئۇنى بەجايىكى يېڭىباشتىن ئىزدەپ تاپقاندەك بولىمىز. يېڭىباشتىن تېپىۋېلىنغان نەرسە بولسا، ھەمىشە چەكسىز گۈزەل، ھەيۋەتلىك، ئىشتىياقلىق بولىدۇ. بۇ شېئىرىي توپلام مېنىڭ ئادەمگە ئوقۇغان مەدھىيەم، ئادەمگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ مېۋىسى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، مېنىڭچە، بۇ رېئال ئادەمگە بولغان رېئال كۆز قاراش، ھەئە، مەن ئادەمنى مەدھىيىلىگەچكە مېنىڭ قەھرىمانىم ئاز – پاز مۇبالىغە قىلىنغان. كىشىلەر ئېيتقاندەك چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىلىدىغان قەھرىمانغا ئايلاندى. بىر كىتابخان مېنىڭدىن: «سىزنىڭ تەسۋىرلىگىنىڭىز گۈزەل ھەم ئۇلۇغ ئادەم. ئەجەبا ئۇ بارلىققا كەلگەنمۇ؟ سىز ئۇنى كۆرگەنمۇ؟ بۇ كەلگۈسىدىكى ئادەم ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى.
مەن ئۆزۈمنى رېئالىست دەپ ھېسابلايمەن. مەن ئۇنداق ئادەمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇ ھايات كەچۈرمەكتە، ئۆسمەكتە، يەنە كېلىپ ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئېھتىمال، مەن بۇ شېئىرلارنى يازمىغان بولاتتىم. مەن بۇرۇن ۋە ھازىر نۇرغۇن كىتابخانلاردىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. مەن بۇ خەتلەردىن مۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىم. ئەگەر ئادەم ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇ مەڭگۈ توختىماستىن گۈزەل ۋە ھەقىقىي ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ.
ئەگەر ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ شېئىرىي تەسەۋۋۇرىمىزدا يەتكۈزۈلىدىغان يۈكسەكلىككە تېخى يېتەلمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا، شائىرنىڭ تۇغۇتلۇق ئانىنىڭ ھېسسىياتىنى باشتىن كەچۈرۈشىگە ئىجازەت قىلىش كېرەك. بوۋىقىنى ئۆز سۈتى بىلەن بېقىۋاتقان قايسى ئانا پەرزەنتىنى ئۇلۇغ، گۈزەل، بەختلىك قىلىپ تەسۋىرلەشنى ئويلىمىسۇن؟ بۇ خىل مۇقەددەس ئانىلىق ھېسسىيات يېڭى – يېڭى ئادەملەر ئوبرازىنى ياراتقان ۋە سۆيگەن نۇرغۇن يازغۇچىلارغا سەمىمىي تۇيۇلىدۇ.
ماڭا مەلۇمكى، غەربنىڭ بەزى بۇرژۇئا يازغۇچىلىرى جېنىنىڭ بېرىچە بۇنداق ئادەمگە قارىمۇ قارشى بولغان ئادەمنى، ئادەمگە قارشىلىقنى ياراتماقچى بولىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى بولغىنى ئىنسانىيەتسىزلىك، ھاياسىزلىق. مەن بۇ شېئىرلارنى يازغان چېغىمدا، ئادەم توغرىسىدىكى بۇنداق كۆز قاراشلار بىلەن ئۈزۈل – كېسىل مۇنازىرە قىلدىم. بۇ خىل كۆز – قاراشلارنىڭ ئاساسىي قابىل بىلەن ھابىل ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈ توختىمايدىغان ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان توقۇنۇس: «تەسكىرىي ئادەم» نۇقتىئىنەزەرى بىلەن مۇنازىرە قىلشتەك تۇرىدۇ. ماڭا قورقۇنچلىق تۇيۇلىدىغىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئاينىغان، زىددىيەتلىك، پاسسىپ، غەيرى قەھرىمانلىق، ئەبجىقى چىقىرىلغان ئىككى ياقلىمىلىق خىسلەت. ئۇ ئۆزىنىڭ «تەتۈرى» بىلەن بەشلىشىشكە ئاللىقاچان كۈچ ئېلىشالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئادەم، روشەنكى، مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك نەرسە. ئەينى يىللاردا بىز ئۇنى تولىمۇ ئاددىي چاغلىۋەتتۇق. ئۇ ئەسلا «ۋېنتا» ئەمەس، ئەپسانىلەردىكىدەك ئۇنداق غالىب، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق نەرسە ئوڭاي بولغان قەھرىمانمۇ ئەمەس، ئادەم بەزىدە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئەمما، ئۈمىدسىزلىكنىڭ بۇنداق مۇرەككەپلىكىنى كۆزىتىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. ئادەمگە بۇنداق قاراش ساختىلىق، قاباھەتكە شەپقەتسىز تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت. بار بولغىنى بىر خىل رېئال ئادەم، ئۇنىڭدا رېئال كۈرەشمۇ، رېئال ئارتۇقچىلىق بىلەن رېئال كەمچىلىكمۇ بار.
ئادەمگە «مىنۇس» ئالامەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ. بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۇغما ياكى ئۇ ھاياتتىن ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر پەزىلەتلەرنى قانچە شىلىۋالساق، نۆلگە شۇنچە يېقىنلىشىمىز. بۇ ماتېماتىكا لوگىكىسى. نۆل دېگەنلىك ھېچنېمە يوق دېگەنلىكتۇر. ئادەم تامامەن ئىنكار قىلىنماسلىقى، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. مەن مۇنداق ھېسابلايمەن: ئەگەر باشقا لاگىردىكى سەنئەتچىلەرنىڭ قولىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىقى يىقىلسا، ئەگەر ئۇلار چۈشكۈنلۈك بىلەن ئۈمىدسىزلىككە تېز پۈكسە، ئۇ چاغدا بىزنىڭ يېڭى دۇنيايىمىزدىكى سەنئەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى بۇ بايراقنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈش بولىدۇ. بايراققا يېزىلىدىغىنى: «ھەممە ئادەم ئۈچۈن.»
ئۇ تەرەپتە غايە تارمار بولدى. ئۇرۇش ئوتلىرى بايراقتىن ئادەمنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئىززەت – نەپسى توغرىسىدىكى ئۇلۇغ ئىدىيەلەرنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. بۇ يەردە يېڭى، يۈكسەك غايە دۇنياغا كەلدى. ئەجەبا، بىز گۆدەك چېغىمىزدىن باشلاپلا بۇ غايىلەر ئۈچۈن ياشاش ۋە كۈرەش قىلىشقا قەسەميات قىلمىغانمىدۇق؟ قېرىنداشلارچە ھېسسىيات كىشى قەلبىدە ئۇزاق مەزگىل سەۋرچانلىق بىلەن يېتىلدۈرۈلۈشى لازىم. بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنداق ھېسسىياتنى دەل رەسىم، مۇزىكا، شېئىرلارلا ئويغىتالايدۇ ئەمەسمۇ؟
شۇنى زىنھار ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى، بىزنىڭ نىشانىمىز يۈكسەك غايە ئىلھاملاندۇرغان كىشىەلرنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئادەم ھەقىقىي ئالىيجاناب، ئەخلاقىي جەھەتتە قەتئىي، يەنى ئۇ «ھەممە ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەم.» ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تەبىئىي يېتىلىشى بىلەن گۈزەللىك زوقى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇنىڭ ھەممە قابىلىيىتىنى جارى قىلىدۇ. شائىرلار، سەنئەتكارلار بولسا، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قورالى بىلەن ئادەمنىڭ تىرىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇن، گۈزەل ۋە تاكامۇللاشقان. خاسلىق يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم.
مېنىڭ ئەسىرىمدە تەسۋىرلەنگىنى ئومۇملاشقان، ئەگەر شۇنداق دېيىش مۇمكىن بولسا، پەلسەپە بىلەن سىمۋوللۇق مەنىگە باي ئادەم ئوبرازى. ئەمما پەلسەپە مەقسەتنىڭ ئۆزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بىر كىمنى ئىلھاملاندۇرۇپ كېتىشى ناتايىن. ئادەمنىڭ پەلسەپىگە باي خىيالغا مۇھتاج بولۇشىدىكى سەۋەب: ئۆزىنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىدە «يېڭى سۈپەت»كە ئۆرلەش ئۈچۈندۇر.
شۇنى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ دەپ ھېس قىلىمەنكى، مەن ئادەمنى گويا ئالتۇن تەختكە چىقاردىم ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ گىگانت قىلىۋەتتىم. ئادەمگە چوقۇنۇش ئەجىبا بۇ بىر يامان چوقۇنۇش بولسا- ھە؟ بىز ئادەمنىڭ ئىچكى روھىي ئازادلىقىنى كۈنسايىن ئېنىق ھېس قىلماقتىمىز. ئادەمنىڭ روھى ئۇنى ئۇزاققىچە بەنت قىلغان كالتە پەملىك، شەخسىيەتچىلىك، قۇللارچە بويسۇنۇش ئىسكەنجىدىن ئازاد قىلدى. بەزىدە شائىرنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار، ھەسرەتلىك ئاھاڭلارنىڭ ئاڭلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ يەردە. گەرچە گۈزەل، مۇستەھكەم، جان ۋە تېنى ئەركىن ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ بارغانسېرى زور قۇدرەت توپلاۋاتقان بولسىمۇ، شائىرلاردىن باشقا يەنە كىم ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇشى لازىم؟
مەن ئۆز ئەسىرىم ئارقىلىق قىلىشقا تەۋەككۈل قىلغان ئىشىم پەقەت بىر باشلىنىش، پەقەت بىر خىل ئۆزگىچە سىناق، سەنئەتكار بۇنداق سىناقنى ئېلىپ بېرىشقا خۇددى ئالىمغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. بۇ پەقەت كەلگۈسىدە ماختىلىدىغان ئىشلارنىڭ باشلىنىشى. ئەگەر كۈچ ۋە شارائىت يار بەرسە، ھازىر مېنىڭ «ئادەم»ىمنىڭ باش تېمىسى شاخ ئايرىپ، تېخىمۇ تەپسىلىيلىشىپ تەرەققىي قىلماقتا. چاتما شېئىرىم ئۈچۈن ماڭا 1962- يىلى لېنىن ئوردېنى بېرىلدى.
قالۇن
قالۇن يوق مېنىڭدە، لېكىن بۇلبۇللار
ھاياتىنى مەدھىيىلەپ كۆكتە تاڭ –سەھەر
شادلىق ۋە ئەلەمدىن تارلارنى ياساپ
بېكىتتى قۇياشتىن زېمىنغا قەدەر.
بۇ ئىسىل، خۇش ئاۋاز، ئەبەدىي تارلار
ئىلىپتەك تارتىلغان، تىترەيدۇ گويا.
قۇياشنى زېمىنغا چاتار ھامان ئۇ،
تۈمەن خىل ئاۋازغا تولىدۇ دۇنيا.
ئىشەنچىم كامىلدۇر، سەھەرچى قۇشلار
تىنمىدى ئۇچۇشتىن قىلماقتا پەرۋاز.
ئۆرۈلسە ئەگەردە ئاسماننىڭ جامى،
يامغۇرنىڭ تارلىرى بارماقلار ئۈزرە
ناخشىلار ئېيتىدۇ ياڭرىتىپ ئاۋاز.
قالۇن يوق مېنىڭدە، لېكىن ئورماندا
باراقسان قارىغايدىن پۈتكەن تارىلار
يەر بىلەن كۆك ئارا تەۋرەپ سالار ئۈن،
يىلتىزى زېمىندىن كۆككە قادىلار.
ئەيىش ئىچرە بىلىمەن: قارىغاي تارى
سەۋەبسىز بېرىلگەن ئەمەستۇر ماڭا!
شاماللار تۇرىدۇ مىڭ ئۈنلۈك جەزنى،
تارىلار ياڭرىتار ھەسرەتلىك سادا.
قەلبىدە ئىلھامى جۇش ئۇرغان بىراۋ
ئورماندا چولنسنىڭ[1] «ئورمان» كۈيىنى
نوتىغا بىنائەن چالغاندەك گويا.
ئېتىزلار كۆرۈندى، كۈتكەن پەيت كەلدى،
سۇلۇلار پىشتى ئىككى قاسناقتا.
ئۇندىكى كەۋسەرگە تولغان تارىلار
تاڭدىكى تۇماندا ناخشا ئېيتماقتا.
قالۇن يوق مېنىڭدە، لېكىن شەبنەمدەك
بىغۇبار، بىپايان، بىھەد دالىدا.
مۇقەددەس قىسمىتىم:
پىشقان سۇلۇنىڭ
تارىنى چېكىمەن
توقۇيمەن ھەمدە
ھەر كۈننىڭ ئوزۇقى ھەققىدە ناخشا!
قالۇن يوق مېنىڭدە، لېكىن زاۋۇتنىڭ
تۇرخۇنى ئېغىر ھەم قوپال، كالامپاي
ياڭرىتىپ ئۆزىنىڭ بوم، تاش تارىنى
سېختىكى بۇرۇختۇم قىزىق ھاۋانى
ئاتىدۇ ئاسمانغا دائىم توختىماي!
ئۇ يەردە قانىتى ئاپئاق كەپتەرلەر
تۇرخۇننىڭ ئۈستىدە قىلىپ شوخ پەرۋاز.
تۇرخۇننى چېكى يوق ئاسمانغا چېتىپ،
ئەرىشكە يەتكۈچە تارتتى خۇشتار− ساز!
قوللىرىم ئوينايدۇ تارلارنى چېكىپ
تار پۈتكەن تاشپولات،
زاۋۇتتىن تامام.
شۇ تۇرخۇن ۋە ئوتلاق، ئورمان ساداسى،
ئۇ يۇتتى قەلبىمدە بىر ئۇيقاش مۇقام.
قالۇن يوق مېنىڭدە ۋە لېكىن ماڭا
سۇنۇلغان بى توسقۇن بىلەكنىڭ تارى.
ئۇ، دالا ئۈستىدە ئېقىپ كۆكىدە،
شەھەرلەر تۈتۈنىن تېشىپ سۇۋارى!
قارىغاي ۋە بۇغداي، تۇرخۇن ۋە قوللار،
شوخ ئاۋاز تۆككۈچى بۇلبۇللار يەنە…
رىتىمداش ئاھاڭلار شاد ۋە شادىمان،
تۇتاشتى قەلبىمدە، تۇتاشتى ئەنە!
بار مەندە خۇشتارلار، بار مەندە قالۇن!
ئادەم
دەسسەيمەن يەر شارىن ئىككى ئاياغدا،
قۇلۇمدا تۇرىدۇ شارسىمان قۇياش!
تۇرىمەن شۇ سۈپەت، مېنىڭ ماكانىم−
يەر شارى، كۈن شارى ئوتتۇرىسىدىكى−
شۇ بوش يەر شۇ قىسلاچ،
ئاشۇ بىر ئاراش!
مېڭەمنىڭ بايلىقى، قەۋەت – قاتلىمى،
كانلاردەك ئاشۇنداق چوڭقۇر ۋە تىرەن!
كۆمۈر ۋە تۆمۈرنى قازغاندەك گويا،
ئۇلاردا يۇنۇيمەن، ياساپ چىقىمەن:
دېڭىزدا قاتنىغان زور كاراپلارنى
زېمىننى ئايلانغان ئاشۇ پويىزنى
قۇشلارنىڭ يۈكسىكى− ئايروپىلاننى
چېقىننىڭ راۋاجى− راكىتالارنى.
يەر كەبى يۇمىلاق مېنىڭ مېڭەمدىن،
ئېرىشتىم ھەممىگە، مېنىڭدۇر راھەت!
كاللامدۇر ۋالىلداق بىر قۇياش شارى،
ئۇ چاچار شولىلار، بەخت – سائادەت!
زېمىندا تىرىلدى ئۇندىن مەۋجۇدات،
زېمىنغا يەرلىشىپ لىق تولدى ئىنسان!
قاي كۈنگە قالىدۇ يەر شارى مەنسىز،
ۋە بەلكىم سۇزۇنچاق، سۆرۈن ئەپتى بىلەن
بوشلۇقتا ئايلىنىپ يۈرەر پارىشان؛
ئاي شارى گوياكى ئەينەك بوپ ئاڭا
سەت، زەئىپ تۇرقىنى كۆرسىتەر شۇئان.
يارالدىم زېمىننىڭ قايغۇ – زارىدىن.
ئۇ ماڭا باش بەردى،
(مۇڭلانغان چاغدا)
يەر شارى، قۇياشتەك شارسىمان ئۇ باش،
ۋە لېكىن بۇ مېڭەم− بۇ كىچىك شارچە
زور گىگانت يەر زارىن قالدۇردى دادا…
يەر ماڭا بېقىندى، بويسۇندى تامام،
مەن ئاڭا بېشىچە بەردىم گۈزەللىك.
مېنىمۇ ئالەمگە ياراتتى زېمىن،
مەن ئۇنى ئۆزگەرتتىم بەردىم ئەۋزەللىك…
ئۆزگەرتتىم يېپيىڭى بولدى بۇ زېمىن،
ئەزەلدىن بولمىغان
ئۇ مۇنداق ئۇز، ياش!
دەسسەيمەن يەر شارىن ئىككى ئاياغدا،
قولۇمدا شارسىمان، شۇ ئالتۇن قۇياش!
مەن گويا بىر كۆۋرۈك يەر ۋە كۈن ئارا.
زېمىنغا پاتار كۈن تېنىمنى بويلاپ.
زېمىنمۇ تېنىمنى بويلاپ ھامانە
قۇياشقا تەلپۈنۈپ ئۆرلەر ئاستىلاپ.
مەن تاپقان، ياراتقان ھەننىۋا نەرسە
گوياكى پىرقىرىما ياغاچ ئاتلاردەك
دەۋر قىلىپ ئۇ مېنى ھامان چۆرىدەر،
ئايلىنار چۆرىدەر يېنىمدا شەھەر.
ۋە يەنە ئىمارەت، ئاسفالت، مەيدان،
ماشىنا، ئادەم زىچ كۆۋرۈككە قەدەر…
ئايروپىلان، پاراخوت ئايلىنار مېنى،
تراكتۇر، دەستىگاھ
راكىتا، يەكسەر!
مەن شۇنداق تۇرىمەن شۇنداق سۈپەتتە؛
ساغلام ۋە چىرايلىق، ئەقىللىق، قەتئىي!
قاۋۇلمەن مۇسكۇلۇم، كۆركەم ۋە تولۇق،
زېمىندىن− كۈنگىچە
ئۆسۈشۈم سەتھى!
زېمىنغا تاشلايمەن قۇياش كۈلكىسىن،
تاشلايمەن شەرققە، غەربكە ھەمدە.
تاشلايمەن جەنۇبقا، شىمالغا بىردەك،
ئالەمنى نۇرلارغا قىلىپ پەيۋەندە.
مەن شۇنداق تۇرىمەن قامەتلىك ھادىس،
چۈنكى مەن ئادەممەن
مەن بىر كوممۇنست!
يەر ئانىنىڭ كىچىك بىر قىسمى
بەدىنى تاش ئىدۇر يەر ئانىمىزنىڭ،
غول ئاڭا تىك تاغلار ھەيۋەت تاراتقان!
ئېقىنلار كۆك، قىزىل تومۇرلىرىدۇر،
مېنىڭ ھەم تېنىمنى شۇ يەر ياراتقان!
دالىدا گۈللەردىن ئۆستۈم، شاخلىدىم،
ئۆستۈردى يامغۇرلار، شىمال يەللىرى.
مەن سۇمەن، ھاۋامەن، يالقۇنمەن، شاخمەن،
مەن ھەم شۇ ئاق بۇلۇت پەيلى، سەللىرى!
تۆرەلدىم قارلاردىن، گىيا غولىدىن،
كۈزدىكى سەردانە ياۋا مېۋىدىن.
تۆرەلدىم ياپيېشىل زىرائەتلەردىن،
دولقۇنلۇق دەريانىڭ زەردەك قۇمىدىن.
تۆرەلدىم ئاشلىقتىن- زېمىن ئوغلىدىن
ئەجرىمنىڭ بەدىلى سۇلۇ نېنىدىن.
مەن كەلدىم مەست قىلغۇچ يېشىل قۇلماقتىن،
مەرۋايىت بۇغدايدىن، بۇغداي دېنىدىن.
تۆرەلدىم بېلىق، سۇ قوشۇلغان جايدىن
بالقىغان سلانتىس، مەدەندىن، تاشتىن.
تۆرەلدىم تۇرقىدىن كۈننى ئەسلەتكەن
شېخىدا قىزارغان سەل خىل ئالىمدىن.
مەن كىچىك بىر قىسمى يەر ئانىمىزنىڭ
دەريالار شاخلاردىن تارىغان ھەر يان!
كۈللەرنىڭ ئىچىدىن دەس تۇردۇم يەنە،
گوياكى ئەۋرىشىم يۇمران غولسىمان!
قول
بورانلار ئۇچۇرغان دەرەخنى كۆرگەنمىدىڭ سەن،
ئۇ ئۇچۇر سالماقسىز پەيدەك بىئىۋەن.
بورانغا سوقتۇرۇپ يېشىل كۆكسىنى،
ئاسمانغا تەگمەكچى شاخلىرى بىلەن.
ئىچكىنى ئۇنىڭكى يامغۇر سۇلىرى،
ئۇلۇغ بىر ئېقىن.
ئاقىدۇ چىڭ، ئەگرى شاخلارنى بويلاپ.
ئاققاندەك گوياكى تەر تامچىلىرى،
ئۆتكەن زور مېھنەتنىڭ ئىمتىھانىدىن.
تومۇرى كۆپجىگەن ھارغىن ۋە چارچاق−
قوللاردىن سويلاپ.
شاخ – شۇمبا يېرىلدى،
بولۇشتى يىرىك.
لوقۇلداش ئۇلارغا بەرمەيدۇ راھەت!
دەرەخكە ئايانكى يوق ھازىر چولا،
بىر كۈندە تۈگىگەي بىر كۈنلۈك خىزمەت.
ئۇچار ئۇ يېيىپ كەڭ يېشىل رەڭ قانات،
قاغىدەك بۇلۇتلار بار جايغا قاراپ.
قۇياشقا يول ئاچتى قارا قاغىلار،
دەھشەتلىك بىلىنمەس ئۇنچىلا چاقماق،
كۆرگەنمىدىڭ سەن ئاشۇ دەرەخنى.
كۆتۈردۈم دەرەخ مونىكىدەك ئېغىر مۇشتۇمنى،
باق، ئەركىن مېھنەتچان بۇ بىر جۈپ قولغا!
مەن ئەركىن جۈپ قولۇم نامىدىن شەخسەن،
خوپ كۆردۈم خىرىسىنى چۈشتۈم شۇ يولغا!
ئالەمدە ئەڭ قىممەت
بۇ خىرىس ئۈچۈن−
ھەيدەش ۋە تىكىشتە ئەرك− ھۈرىيەت.
تېرىش ۋە يىغىش ھۈرلۈكى ھەمدە،
ھۈر خەلق ھۈرلۈكتە تاپقان نانلارنى،
ئالقاندا كۆتۈرۈش ھۈرلۈكى پەقەت.
قولۇمغا قوندۇراي قۇشلارنى پۈتۈن،
ئاپتاپ ۋە مۆلدۈرنى كۆرمىسۇن ئۇلار.
قۇش ئامراق سۆيۈشكە تاڭ قۇياشنى−
قولۇمدا سايرىسۇن نازلىق بۇلبۇللار…
ئاھ! مېنىڭ جۈپ قولۇم، مېنىڭ جۈپ قولۇم،
ئېگىز تاغ باغرىدا قۇمسەن ئىككى تالئ
بىپايان دېڭىزدا ئىككى قەترە سۇ،
تاڭدىكى شەپەقتە ئىككى تال شولا،
ھەر قانداق بىر ئىشقا داخىلسەن دەرھال.
يايلاق يوق دۇنيادا چالغام چۈشمىگەن،
لىمان يوق بولمىغان مەن چەبدەس ھاممال.
مەن تۆمۈر تەشمىگەن
ۋە مىس كەسمىگەن،
زاۋۇت يوق ساداسى ئۈندار، بىمالال.
بۇ ئېغىر جۈپ قولۇم ئادا قىلىدۇ،
بىزنىڭ ھەق ئادالەت ھەر ئىشىمىزنى.
كۆتۈرۈپ قىزىل تۇغ جەڭلەرنى يېرىپ،
توپ ئوقى ئاستىدىن ئەجەل ئاغزىدىن
قۇتقۇزار يارىدار ئۆز كىشىمىزنى.
نان ياقار، سۇغۇرار گۈل- گىياھلارنى،
ئاسفالت ياتقۇزار يوللارغا ھامان.
بىنالار سالىدۇ قالتىس مۇستەھكەم
ئوقلارنى ئاتىدۇ قالتىس دەل نىشان،
قەپەزدىن بوشتار قۇشلارنى ئامان!
مەن مۇھتاج بۇ قولغا ئاشۇ ئەلەملىك
بالىلار چېچىنى تۈزەشچۈن سىلاپ،
سۈرتۈشچۈن مەڭزىگە ئاققان ياشلارنى،
بۇ قولنىڭ يوقلۇقى قولۇمغا خىلاپ.
مەن مۇھتاج بۇ قولغا ياۋۇز دۈشمەننىڭ
قان تۆككەن قولىنى تۇتۇشچۈن قايرىپ.
يولداش ۋە دوستۇمنىڭ سادىق قولىنى
سەمىمىي سىقىشچۈن بىر – بىرلەپ ئايرىپ!
ئالتۇننىڭ كۇرسى چۈشمەكتە ھازىر،
قاچماقتا ئۇنىڭدىن بۇ كۈندە ئامەت.
ۋە لېكىن تۆمۈردەك ئېغىر، ۋەزىنلىك−
ئالتۇن قول كۈنسېرى لازىم كارامەت!
ئىككىلا قولۇم بار ئاتىدىم ئۇنى،
(مىڭ قولۇم بولسىمۇ تىنىم تاپالماس)
زاۋۇتقا، ئېتىزغا، ئورمان، باغچىغا،
مۇقەددەس ۋەتەننىڭ چەكسىز يېرىگە،
ئاتىدىم مەن ئۇنى ئاتىدىم خالاس!
ئاۋاز
مېنىڭ ئاۋازىم ئۆز تۇرمۇشىمنى كەچۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۆز تارىخى، ئۆز تەزكىرىسىمۇ بار.
مەن ساڭا ئۇنىڭ تەزكىرىسىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ لېكىن ئېيتىدىغان بولساق، سۆزنى ئۇنىڭدىن باشلىمايمىز. مەن سۆزنى سېنىڭ ئاۋازىڭدىن باشلايمەن، مەن سېنىڭ ئاشۇ ئاۋازىڭنىڭ گۈلدۈرلىگەن ساداسىنى يەنە ئاڭلىدىم.
سېنىڭ ئاشۇ ئېغىر قەدەملىرىڭنىڭ ئەكس ساداسى زېمىندە ھېلىھەم تارالماقتا: مەن سالغان جاراھەت تېخىچە ساقايمىدى. ھالبۇكى سەن ماڭا قەھرۇ - غەزەپ بىلەن بىر نىگاھ تاشلىدىڭ. مەن سېنىڭ ئاشۇ بوغۇق ئاۋازىڭنى يەنە ئاڭلىدىم.
مەن: ئەجەبا، بۇ يەردىن سوقۇشقا باشلىغان شاماللار، قېپقالغان بارلىق نەرسىلەردىن كېيىن يۈرىكىدىكى جاراھەتنى ئاغرىتمىغانمىدۇ؟ بۇ، ھېلىغىچە مۇزلىمىغان ئوت مەيدانىدىن كەلگەن شاماللار، بۇ سەن دەسسەپ چەيلىگەن، كۆي-دۈرۈپ ت-ۈگ-ەتكەن باغچە - بېغىنلارنىڭ كۈلى دەيمەن.
ئەجەبا، بۇ يېڭىباشتىن سوققان شاماللار، مېنىڭ ئاشۇ سەن كۆيدۈرگەن كىتابلىرىمنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى ئەتمىگەن بولسا؟
ئەجەبا، بۇ يامغۇر تامچىلىرى يۈز - كۆزۈڭنى يۇغان چاغدا، ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بوۋاقلارنىڭ يۈزىنى دەل مانا شۇنداق يۇيىدىغانلىقىنى ئېسىڭگە سالمىغان بولسا؟
ئەجەبا، چېقىن سامادا يىلاندەك سويلىغان چاغدا، شەھەر ۋە يېزىلارنى ئوت قۇچىقىغا قانداق تاشلىغىنىڭنى ئېسىڭگە سالمىغان بولسا؟
ئەجەبا، سامادىكى گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار، ھازىر خۇددى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا دەھشەتلىك قىرغىن قىلىشلىرىنىڭ ئەكس ساداسىدەك قۇلاق تۈۋىڭدە ياڭرىمىغان بولسا؟
ئەجەبا، يەر ھەيدىگەن چېغىڭدا ئېتىز - ئېرىقلار چىرىپ سېسىغان ئۆلۈكلەرنىڭ بەتبۇيىنى يۈزۈڭگە ئۇرمىغان بولسا، بەلكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى سەن ئۆلتۈرگەن…
ئەجەبا، سەن ئۆتمۈشتىكى بارلىق قىلمىش - ئەتمىشلىرىڭدىن قېپقالغىنى پەقەتلا ئازغىنا ئىسسىق كۆز ياش بىلەن قاپقارا قان ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭ؟
ئەگەر سېنىڭ يۈرەك - باغرىڭ تاش بولسا، مەن ساڭا ئېيتىمەنكى، شاماللار ئوت مەيدانىدىكى كۈللەرنى يۈزۈڭگە ئۇرسۇن!
ئەگەر سېنىڭ يۈرەك - باغرىڭ تاش بولسا، يۈزلىرىڭنى يۇيغان قەترە - قەترە باھار يامغۇرى بولماي، ئۆزۈڭنىڭ كۆز ياشلىرىڭ بولغاي!
ئەگەر قەلب تېنىڭگە كېلىپ، ئاغزىڭدا ئاچچىق تەم سەزگۈسى بەرگەن ئىس - تۈتەك پەيدا بولغان، كۈل - كۆيۈك كانىيىڭنى بوغقان، يامغۇر تامچىلىرى ساڭا ئىسسىق ياشلاردىن بەتتەر قىرتاق تۇيۇلغان بولسا−
مەن ئېيتىمەنكى: سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ئادەم دەھشەتلىك ھايۋاننى يېڭىدۇ.
مەن ئېيتىمەنكى: كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدىن، قەبرە ۋە قاپقارا خارابىلەردىن ئوماق ۋە ئاپپاق ئەتىر گۈللەر كۆتۈرۈلمەكتە، قۇياشقا قاراپ…
يەنە كېلىپ ئۇلار مىلتىق دورىسىنىڭ بەتبۇي تۈتۈنى بىلەن دىماقنى يارمايدۇ، ئەكسىچە ئالامەت شاد - شادىمانلىقنى تارقىتىدۇ، ھەتتا بوۋاق-لارمۇ بۇدرۇق قول-لىرىنى ئۇلارغا كۈچەپ سوزماقتا.
بىز ئۆلۈم ۋە كۆزسىز نەپرەت ئالدىدا تىزلانمايمىز، قىساس ئىلاھىنى ياردەمگىمۇ چاقىرمايمىز، بىز بىر بوۋاقنىڭ ئالدىدا تىزلىنىۋىدۇق: ئۇ بۈيۈك زېمىنغا مىراسخورلۇق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مەن سېنىڭ قەھر - غەزەپلىك ئاۋازىڭنى ئاڭلىدىم. سەن ئاقىلراق بول. مەن ئۆزۈمنىڭ ئاددىي كىشىلەرگە خاس ئاۋازىم بىلەن جاۋاب بېرىمەن.
لېكىن، سەن ئۆزگىچە بىر ئاۋازنى ئاڭلاشنى، يەنى ئاللىقاچان يوقالغان ئاشۇ ئاۋاز − شائىرنىڭ نازاكەتلىك ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالايسەن.
خەيرىيەت، مەن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەي. بۇ ئاۋاز − شائىر ئاۋازى، مەن ھازىر بەزى تەزكىرىلىك ماتېرىياللارغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. بۇ ماتېرىياللار ھېلىغىچە، ھەرقانداق بىر باشقارمىنىڭ تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
گۇناھ زادى كىمدە؟ ئاشۇ كۈنلەردە، توپلار گۈمبۈرلەپ، گىراناتلار مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان چاغلاردا، گۇناھ زادى كىمدە؟ قارا بوران ئەزۋەيلىگەن چاغلاردا، شائىرنىڭ بۇ ئاۋازى خۇددى جەڭچىگە ئوخشاش، جەڭ خەندەكلىرىدە مۇزلاپ، ئېچىرقاپ، شامال بىلەن ئالدىراش مېڭىپ، ئىس - تۈتەكتىن قارايمىدىمۇ؟
ئوق بۇ ئاۋازنى زەخىملەندۈردى. ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ قان تەپچىرەپ تۇرغان يارا ئاغزى تا ھازىرغىچە پۈتكىنى يوق.
شائىرنىڭ دەل مۇشۇ ئاۋازى دەۋرنىڭ قۇربانگاھىغا تاشلىنىپ، كۈرمىڭلىغان ھاياتلىققا ئوخشاش غالجىر ۋە زوراۋان دەۋرنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىندى.
شائىرنىڭ دەل مۇشۇ ئاۋازى ھەر - ھەر ئوسۋېشنلارنى[2] باشتىن كەچۈردى، ھەر - ھەر بىرچۇبسالار[3] بىلەن ھەر - ھەر بانېئىلىيالارنى باشتىن كەچۈردى، ھەر - ھەر سوراقخانىلارنى باشتىن كەچۈردى.
شائىرنىڭ دەل مۇشۇ ئاۋازى، ئاچلىق ۋە زىمىستاننى باشتىن كەچۈردى، زاۋۇتنىڭ ئوچاقلىرىنى باشتىن كەچۈردى، جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچىقىنى باشتىن كەچۈردى، خرۇسىما ئارىلىدىكى ئاتوم جۆيلۈشلىرىنى باشتىن كەچۈردى.
شائىرنىڭ بۇ ئاۋازى ئۆلگىنى يوق، چۈنكى ئۇ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەم قونماس يارا ئاغزىدىن ھېلىغىچە قان ئېقىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدا شەك - شۈبھە يوق، شائىر ئۆز ئاۋازىنىڭ يوقىلىشىغا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئادەملەرگە تېخىمۇ ئىچ ئاغرىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كەلگۈسىدىمۇ ئادەملەرگە يەنىلا ئىچ ئاغرىتىدۇ!
ئەگەر شائىر ئاۋازىنىڭ پېشانىسىگە ئۆلۈم پۈتۈلگەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ئەلھۆكمىلىللا، ئۇ چاغدا ئۇ ئادەم ئۈچۈن كۈرەش قىلغان چاغدا ئۆلگەي!
بۇ ئاۋازدا ئەم قونمايدىغان جاراھەت بارلىقىغا توختىلىپ، بۇنىڭدا زادى كىمنىڭ جىنايىتى بارلىقىغا كەلسەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرىلەشمىگىنىمىز تۈزۈك.
مېنىڭ يارىدار بولغان ئاۋازىم جاكارلايدۇ−
مەن ئادەمگە ئىشىنىمەن، مەن بۇ دۇنيانى قەدىرلەيمەن. بۈگۈن مەن قېپقالغان ئاۋازىمنى بىر ناخشىغا ئىشلىتىمەن.
سىلەر، قار گۈللىرى، رۇخسىگۈللەر، تۇياقگۈللەر، ئېچىلىڭلار، سىلەر، تېرىقچىلار يەر تېرىڭلار، يەر باغرىغا ئۇرۇق چېچىڭلار.
مەن دەيمەنكى: زۆرۈرىي ئاشلىق يەنىلا ئەلۋەك ئەمەس، يېڭى ئائىلىلەردە ھازىرمۇ ئىنەك يېتەرسىز.
ھازىرمۇ چۈشۈمدە پۇرايمەن سەن تارقاتقان ئۇرۇش ھىدىنى. ئاشۇ يىللاردا مەن سېنىڭ پولات ئاۋازىڭ بىلەن تونۇشقانىدىم. ئۇ چاغدا سەن جاراڭلاپ تۇراتتىڭ، مىلتىق ئېسىپ قىشلاقلاردىن ئۆتەتتىڭ. لېكىن ئاشۇ ئۆي - ماكان بولغان يەرلەر بىزگە پەقەت بىر ئوچۇم كۈلنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
بۇ ئاۋازمۇ بىزگە ئەكس سادا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ بىزگە چۈشىمىزدە چۇقان - سۈرەن سالىدۇ. بۇنداق قوغلىشىش يەنە كېلىپ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
ئانىلار سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار قۇياشقا قاراپ بېشىنى كۆتۈرسۇن. بۇنداق بولسا قۇياشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىمىز دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.
ئەجەبا، قۇياش ئۆچۈپ قېلىشى مۇمكىنمىكەن؟ مەن: يالقۇنلار زېمىننى يالماپ تاشلىشى لازىممىكەن دەيمەن!
تاڭ پەيتىدىكى زېمىننىڭ يالىلداپ، يېڭى چىققان قۇياش نۇرىدا يۇيۇنۇشىنى كۆرۈش ھەممىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
بارغانسېرى كۆپ بالىلار ئانىلىرىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇمران قوللىرىنى قۇياشقا سوزسا بولمامدىكەن؟
ئادەمدە بارغانسېرى كۆپ گۈللەر ئېچىلسا بولمامدىكەن؟
مەن دەيمەنكى: بەخت دېگەن بۇ سۆز «ئازاب» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟
مېنىڭ يارىلانغان ئاۋازىم، بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا، ھايات - ماماتلىق ھۇجۇمىغا تەقمۇ تەق تۇرغان ئاۋازىم مانا مۇشۇنداق جاكار قىلىدۇ. مانا شۇنداق، ھازىر ھەممىسنى سۆزلەپ بولغاندەك قىلىمەن…
ئاۋازىمنىڭ تەزكىرىسىگە ھازىرچە قوشقۇدەك ھېچ نەرسەم يوق. ئەمما، بۇ تەزكىرە خۇددى سېنىڭ كۆرگىنىڭگە ئوخشاش، تېخى تۈگىمىدى.
چاچ
دېدىڭكى: نېمىشقا ئاقاردى بېشىڭ
بىمەھەل يالتىرار ئەمدى نۇر ئارا.
كەچمىش بىر چاغلاردا ئەمەسمىدى ئۇ
ھەيدەلگەن ئېتىزدەك، تامام قاپقارا.
چەكسىز بىر بەختكە ئېرىشكەچكە مەن،
ئاپەتنى يەڭدى ئۇ دىلدىن جۇت قاچتى.
چەكسىز بىر بەختكە ئېرىشكەچكە مەن.
چاقنايدۇ باشلىرىم، بېشىم نۇر چاچتى.
ئاخىرقى ھېسابتا بولۇشۇپ پىنھان،
يوقىلىپ كەتكەندە قەلبىمدىن ئاپەت.
شۇ ئاپئاق چاچلىرىم ئىچىرە بىر تالمۇ،
قارا چاچ قالمايدۇ، قالمايدۇ پەقەت!
كۈمۈشتەك گۈل ئېچىپ قىشلاق چېتىدە،
ئالمىدەك ئۆسسەم مەن ئەگەردە ئامان!
قەد كېرىپ تۇرىمەن سوزۇپ كۆككە بوي،
پارلايمەن نۇر چېچىپ، پارلايمەن ھامان!
بۇلاق سۇلىرى
قار – مۇزدىن پۈتكەن تون ئېرىشكە باشلاپ،
قاپتالدىن چۈشمەكتە لەرزان سېرىلىپ.
قارىيىپ كۆرۈندى چۆيۈندەك مەيدە
تاشلاردىن توختىماي چىقار ئېتىلىپ:
كۆمۈش رەڭ چەشمىلەر – زېمىننىڭ سۈتى،
ئۇزاق يىل كۆمۈلگەن زەمزەمۇ كەۋسەر.
نى يۈكسەك چوققىلار يۈرىكى تۆككەن
بىر سۈزۈك ئاھاڭدىن بېرىدۇ ئەسەر.
سەبى بىر تەشنالىق قىينىسا سېنى،
لېۋىڭنى ياق ئاڭا يوقالسۇن ھەسرەت.
پىشكەلگە يولۇقساڭ كۈنلەرنىڭ كۈنى،
تاپقايسەن زېمىندىن روناق ۋە قۇدرەت.
مۇھەببەت
مۇھەببەت بۇيرۇق قىپ ئۇچ دېدى ماڭا،
ئۇچتۇمۇ كۆزۈمدىن ئايرىلدىم شۇئان.
قوندۇم مەن باشقا بىر يات سەييارىگە
ئاھ، سامان يولىدا ئاداشتىم، سەرسان!
«قەيەردىن كېپقالدى بۇ قانات ساڭا،-
ئادەمەلر سورايدۇ مېنىڭدىن پات – پات،-
ئۇلارنى ئاسرىغىن كۈل بولمىغاي ئۇ،
كۆكلىمە، كۆيىسەن قىلغىن ئېھتىيات!»
بۇ پەقەت باشلىنىش، باشلىنىش ئوخشار-
پەرۋىشتىن چىقمىغان يۇمران يىلتىزغا،
بۇ دۇنيا كېڭىيىپ بارماقتا تىنماي
ھەر كېچە تۇتىشىپ كۆكتە يۇلتۇزغا.
زېمىندا سورىشار كۈلكىنى ئاڭلاپ،
قاناتلىق ئادەمەلر يۇلتۇزدىمۇ دەپ.
شۇ ئۇزاق زېمىندىن كۆردۈم ۋە لېكىن،
تۇماندا چاقنىغان نۇرلارنى ھەدەپ!
شۇڭا مەن بىر تاتلىق ياخشى چۈش كۆردۈم،
چۈشۈمدە قۇلماقلار ئۆسۈپتۇ ھەريان.
تۇيۇقسىز بىلدىم مەن تۇزنىڭ ھىدىنى،
كەلدى كۆز ئالدىمغا مەززىلىك شۇ نان.
ھەر كىچە قاقاس چۆل سەييارىلەردىن
يەردىكى چىراغقا تاشلايمەن نەزەر.
سەن ئۇندا مۇڭلىنىپ بەلكى پەرىشان،
باقىسەن سەن ماڭا باقىسەن دىلبەر.
مەن كەلدىم سۈكۈتتە ئولتۇردۇق دەرقەم
مەن ساڭا ھېچ ئىشنى قىلمىدىم ئىزھار.
تاممەشكە قاقلايتتىم ئېكىننى پەقەت،
چېكەتتىم،
قولۇمغا كونا مۇشتكە يار....
گۈللەردەك ئېچىلدىڭ سۈرمەيتتىڭ زۇۋان،
باشلىرىڭ پەيدىنپەي ئايلاندى ئاققا.
باقتىڭا سەن ماڭا، باقتىڭ ئاھ جۇۋان،
باشلىرىم ئايلاندى مېنىڭمۇ ئاققا!
بىر – بىرلەپ يوقلايدۇ چۈشلىرىم مېنى،
مەن بارغان بىپايان بوشلۇقتىن كېلىپ.
سېنىڭ ھەر سۆيۈشۈڭ چۈچۈمەل تۇرسا
قانداقمۇ مەن تۇزنى قالاي سېغىنىپ.
ئايال
(تۆت پارچە سۈرەت)
مېنىڭ خىيالىمدا سەن مانا مۇنداقسەن: يېشىل يوپۇرماقلار تېگىدە سەن قىپيالىڭاچ تۇرىسەن، پەقەت بىر تال قەدىمىي ھەيكەلنىڭ يوپۇرمىقىلا تېنىڭنى چۈمكەپ تۇرىدۇ. بەجايىكى بىر تال ئاق بېلىقتەك زىلۋاسەن، سەن گويا باراقسان دەرەخكە ئوخشايسەن، گۈزەل، نەپىس بارماقلىرىڭدا بىر تال ئالما بار، ئۇ ئالما گويا كىچىك بىر قۇياشقا، بىر يۇمىلاق ئالتۇن يىپ كاللىكىگە ئوخشايدۇ. سەن ئۇنى گويا كىشىلەرگە ھاياتنىڭ ئىنچىكە يىپى قىلىپ ئەشتۈرگەنگە ئوخشايسەن.
ئاھ! بەخت − ئىختىرا! دەسلەپتە ئۇ خۇددى كۆكنار ئۇرۇقىدەك ئىنتايىن كىچىك، ئەمما ئالمىدەك يۇمىلاق ئىدى. ئالما خۇددى دۇنياغا ئوخشاش يۇمىلاق يارىتىلغان. تولىمۇ كىچىك ئۇرۇق ئىچىدىن ئاشۇ ئىنچىكە يىپلار ئۆز - ئۆزىنى ئېشىشكە باشلىغان، شۇڭا ئۇ بىر كاللەك، بىر شار بولۇپ شەكىللىنىپ ئالمىچىلىك بولغان، كېيىن ئۇ يەنە ئۆسۈپ خۇددى سېنىڭ قولۇڭدا تۇرغان، ئىنچىكە يىپلارنىڭ ئۆرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان يىپ كاللىكى − غايەت زور يىپ كاللىكىدەك، خۇددى يەر شارىدەك بىر دۇنياغا ئايلانغان. رىيولېرنىڭ[4] خام سۇرۇپىدا سەن ئەنە شۇنداق تۇرىسەن، زېمىندىكى گۇناھكار، ئاددىي - ساددا، سەن مېنىڭ خىيالىمدا مانا شۇنداقسەن.
سەن مېنىڭ خىيالىمدا مانا مۇنداقسەن:
ساماۋى ئاسمان پارلاق، ئوچۇق، سەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكۈسىز پاك، تەمكىنلىك گۈزەللىكىدە يالتىراپ توختىدىڭ - دە، بىر جۈپ كۆك، خىيالچان كۆزلىرىڭنى ئېچىپ، بالىنى قولۇڭغا ئالدىڭ، ئۇنىڭغا ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، تۇمان ئىچىدە دەرەخزارلىققا سوزۇلغان يولنى كۆرسەتتىڭ! چىرايىڭدا تەمكىنلىك، گۈزەللىك جىلۋە قىلاتتى. بۇ سېنىڭ ھەمدە باشقا ھەربىر ئايالنىڭ ئىككى ھەمراھى، ئۇ ئازاب چېكىشكە تەييارلانغان ھەم ئۇنى كۈتۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ بالىسى ئۇنىڭغا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ تۇغۇلىدىغان تىلىنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىدۇ. ئۇ بىر ئانا، غايەت زور ھاياتنىڭ بۇ ئەمدىلا ئاپىرىدە بولغان ئۇرۇقى بىلەن نېمىشقىمۇ مەغرۇرلانمىسۇن؟ ئانا ئۇنى تۆرەلدۈرگەن، ئۇ دۇنيادىكى ھەربىر ئانىغا ئوخشاش بالىلىقىنى دۇنياغا بەخش ئېتىپ، ئۆزىنىڭ ئازاب- ئوقۇبىتىگە نەزەر - كۆزىنى سالمايدۇ. قۇياشمۇ دەل مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ تاڭ پەيتىدە پاللىدە قىلغان دەسلەپكى نۇرىنى، زېمىندىكى يېڭى بىر كۈننىڭ بوۋىقىنى دۇنياغ-ا بەخش ئېتىدۇ. قۇم - تۇپراق ئىچىدىكى بىر تال قۇم زەررىسىنىڭ سالمىقىنى ئالىقىنى بىلەن مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئادەملەر پۈتۈن سەييارىلەرنىڭ سالمىقىنىمۇ ھېس قىلالايدۇ. ئانىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۆز بالىسىنى كۆتۈرگىنى يەر شارىنى كۆتۈرگەنلىكىدۇر. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ مۇقەددەس ئانا دەپ ئاتالغان.
لافېرنىڭ[5] رەڭ - تۈسلىرىنىڭ ئىچىدە سەن مۇشۇنداق سۈپەتتە پەيدا بولغان.
ئىككى قولۇڭ يەر شارى بىلەن ئۇرۇقنى تەپمۇ تەڭ كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
مېنىڭ خىيالىمدا سەن شۇنداقسەن!
مېنىڭ خىيالىمدا سەن مانا شۇنداقسەن!
سەن ئېچىلغان لەۋلىرىڭدە ماڭا قارىتىپ مەسخىرە كۈلكەڭنى پارلاتتىڭ. گويا قۇياش يېيىلغان بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ ئىللىق نۇرلىرىنى چاچقاندەك، كۈلكەڭ مېنىڭ بۇ ئويۇنچۇققا ئوخشايدىغان يەر شارىدەك قەلبىمنى ئىللىتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا ئىزگۈ كۆيۈمچانلىقتىن ئۇنتۇلغان ئۇرۇقلار يېڭىباشتىن تىرىلىپ ئۆسۈشكە باشلىدى. ئەمما، سېنىڭ لەۋلىرىڭدە مەغرۇر پارلىغان ئالتۇن كۈلكە، پېشايۋان ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئاراملىق ئۇۋىدىن كەلگەن قارلىغاچقا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۇچماقتا، قاناتلىرىنى كېرىپ پاشىلارنى قوغلىماقتا. ئۇ، چاكىنا ئىدىيەلەرنىمۇ ئۈركۈتۈۋەتتى.
سەن موننالىزاغا ئوخشاش بىزنىڭ بارلىق زەئىپلىكلىرىمىزنى زاڭلىق قىلىسەن.
سەن مېنىڭ خىيالىمدا ئەنە شۇنداقسەن.
سەن مېنىڭ خىيالىمدا مانا مۇشۇنداقسەن:
تۇماننىڭ سۈر، كۆك نېپىز تورىنى يېرىپ ئۆتۈپ، سەھەردە مېنىڭ ئالدىمدا يېڭى ئافرودىتانىڭ جىمجىت تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاردەك ئاپپاق، تېخى يېقىندىلا ئۇ مەرمەر ئىدى. ئەمما، قاراڭلار، ئىلاھە تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ يوپيورۇق، كۆكۈچ ئۆي ئىچىدە بىر تىرىك ئايالغا ئايلاندى. مەرمەر ئەبەدىي جىمجىتلىقنى ئۇنتۇپ، نازاكەتلىك، پاك، باھار ئەتىگەنلىكىدىكى قەلەمپۇرنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى تارقىتىدىغان جىسمانىيەتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئاشۇ خىيالچان، نۇرانە رۇخسارى − گۈل كەبى يېرىم ئېچىلغان لەۋلىرى، نەپەستىن چوقچايغان كۆكرەكلىرى، كەينىگە كېرىلگەن قاناتتەك بىلەكلىرى، كۆك رەڭلىك مۇز ياتقۇزۇقلىرى، دەۋرنىڭ قاردەك ئاپپاق تېنى − مەن بۇلارنى ئاق قۇ نامى بىلەن ئاتالغان كۆلدىكى ئاق قۇشلار بىلەن ئۆزئارا تەققاسلايمەن. ئاق قۇ ئۆزىگە قىرغاقتىكى بىر قەۋەت نېپىز تۇماننى ئارتىۋالدى. ئۇ بۇ گۈزەللىك ئۈچۈن، ئەبەدىلئەبەد بىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىقتۇر.
رېئونارنىڭ[6] سۈرىتىدە مانا شۇنداقسەن:
گاھ يەردىكى قىياپەتتە، گاھ كۆكتىكى ھالدا،
تەڭداشسىز گۈزەل ھۈسىن – جامالىڭنى
بىزگە نامايان زاھىر قىلسەن.
قانداق بولساڭ چۈشىمىزدە سەن، ئوڭىمىزدا ھەم شۇنداقسەن،
لېكىن سەندە ھەركۈنى كۆردۈم ئۆزگىچە بىر ھال،
سەن كامال، گۈزەللىك، سەن ئۆزۈڭ ئەقىل،
ئالىيجاناب، كارامەت، گۇناھكار مۇقەددەس ئايال.
سەن ماڭا پەقەت شۇنداق، شۇنداق كېرەكسەن خالاس.
دەم
شۇ كىچىك ماياتنىڭ تىكىلداشلىرى
تالاي يىل تىنمىدى، تىنمىدى ئەسلا.
بەئەينى جەنۇبقا ئۇچقان قۇشلاردەك
كۈن ساناپ ئۆتتى كۆپ دەملەرۇ ئەسنا!
كىملەرنىڭ بارمىقى ۋاقىتنى يېرىپ،
ھاياتنىڭ رەشتىسىن قىسقارتقان ئەبەد.
ئۆلۈشتى كۈنلىرىم خەقلەرگە ئوخشاش،
ئۇلارنى تۈزىتىش تولىمۇ دەھشەت.
تىنمايدۇ ماياتنىڭ تىنمايدۇ پەقەت،
ئالدىراش سۆزلەر ئۇ بىر سۆزنى تەكرار:
«ئايرىلىپ قالمايسەن بىر مىنۇتتىنمۇ…»
دېمەكچى: ئارام ئال، ۋاقىت دېگەن بار.
يۈرىكىم جىمغىنە سالىدۇ قۇلاق،
ئالدىراش – تېنەشلا تۇرىدۇ ئۇرۇپ.
ئەزرائىل ئوخشايدۇ تىلسىز كىشىگە،
تىل قاتماس ھەرگىزمۇ سوقۇنۇپ تۇرۇپ.
قاراڭغۇ تۈندىلا بۇ مەستان كەمپىر
قۇلاقنى يادىتىپ قىلىدۇ ئادا.
تۇيۇقسىز قاراسلاپ بوغۇنى ئۇنىڭ،
چىقرىار يېقىمسىز بىر ئۈن – بىر سادا.
چالۋاقاپ چىقىرار، ھۇشقىتار بوران،
گويا ئۇ ئەگىمەچ بىر پولات ئورغاق.
كەشىڭنى كۆتۈرگىن پەگادىن سەن ھەم،
يېنىمدىن ئەگىپ ئۆت، سۆزگە سال قۇلاق!
بوسۇغىنىڭ يېنىدا تۇرما دىۋەيلەپ،
ھويلىدىن چىق نېرى، چىقىپ كەت چاپسان!
سەن يېتىلەپ ماڭغۇچى ئەمەسسەن بەلكى،
ئاتلىنىش پەيتىمگە بار خېلى زامان!
كۈتكىن سەن، قېنى كۈت، جەزمەن كېلىدۇ،
سەھەر – شام زارىقىپ سەن كۈتكەن شۇ كۈن!
سوراق قىپ سوتلار سەن مېنى شۇ چاغدا
ۋە ھېساب ئالارسەن يىغىپلا پۈتۈن.
ئۆتكەنكى چاغلاردا سۆيگىنىم ئۈچۈن،
بولغىنىم ئۈچۈن ۋە مەپتۇن – مەھلىيا.
لەززىتىن بەرگەچكە قىلىپ بەھرىمەن
تولىمۇ باي، ئەلۋەك ھايات ۋە دۇنيا.
ھەردەملىك ھاياتقا ئېرىشمەك ئۈچۈن
مىڭ ئۆلۈم تىرىلدىم (ئۆچمىدى ئېتىم!)
مەن سېنىڭ كۈزۈڭنى بويىغا تېخى
ئۆمرۈمدە بىر ئەمەس بىر نەچچە قېتىم!
سۈربەتلىك، دەھشەتلىك زۇلىپقارىڭنى
تارت نېرى، يىراققا چاپسان ئېلىپ كەت.
تارالغىن، يوقالغىن، غايىپ بولغىن سەن،
كۆزۈمگە كۆرۈنمە سەن ئەمدى پەقەت!
تاڭلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقتا
گىلاسلار چاقنايدۇ ئاپئاق نۇر تۆككەن!
سەترلەر تۇرىدۇ ئۈستىلىم ئۈزرە،
ھېلىلا يېزىلىپ قولۇمدىن ئۆتكەن!
مۆھلەتلەر ئۇزاردى يەنە خوپ گۈزەل،
مەن سۆيگەن تۈگۈندە ئىنچىكە رىشتە−
شېئىرىي مىسراغا ئايلىنار ھەر تۈن،
چىڭىيار، ئۈزۈلمەس (خۇشاللىق ئىشتە!)
شۇ كىچىك ماياتنىڭ تىكىلداشلىرى،
يەنىلا تىنمىدى تام ئۈزرە ئەسلا.
بەئەينى جەنۇبقا ئۇچقان قۇشلاردەك،
لىپىلداپ ئۆتتى كۆپ دەقىقە، ئەسنا!
ئىسىم
نام – شەرىپ نەكېرەك، نەكېرەك ئىسىم؟
ئۈزەكسىز ئاۋاز ئۇ، ماڭا نە پايدا؟
زۇلمەتكە تارتقۇشلاپ كەلمەكتە ئەجەل،
مەن بىلەن كەتمەيدۇ ئۆز ئىسمىم مېنىڭ،
ئېسىمگە ئالمايمەن ئۇنى ھەر جايدا.
نام – شەرىپ، ئىسمىم – ئات ياشىماس بىر كۈن،
ئالەمدە يولۇمنى تۈگەتسەم پەقەت.
ۋە لېكىن كۆكرەكتە ئوينىغان يۈرەك،
سەندىكى يۈرەككە يېقىپ ئوت – ئاتەس،
يەر شارى ئۈستىدە ياشايدۇ ئەبەد.
نام – ئىسىم ئەرزىمەس قەدىر – قىممەتكە،
كۆيۈپ كۈل بولىدۇ كۇللىيات جەزمەن!
يانىدۇ، چاقنايدۇ، ياشنايدۇ جانباز،
ۋە لېكىن يۈرەك، قول، مۈرىدىن پۈتكەن.
شادلىققا قوشۇلغان شۇ ئىككى بەدەن!
نام – ئىسىم لازىمدۇر بىر قانچە زامان،
بوۋاقنىڭ تىلىدەك ئۇنتۇلار بىر دەم.
ئۇنىڭدا ئۆتمۈش يوق، كېلىچەكمۇ يوق،
ھاياتتىن – ھاياتقا قالار ۋەسىيەت،
قالىدۇ دىل لەرزى، مەخپىيىتى ھەم.
نام – ئىسىم گەز بولار روزى مەھشەرگە،
گەز بولار مۇدھىش ۋە مەغرۇر دەۋرگە!
نادان ۋە دانىشنى تەڭ دەر بۇ دەۋر
بىر بولار ئىككى دىل ھاياتى لېكىن،
دان كەبى بىخ يېرىپ بارار ئەسىرگە!
ئەتمە مېنىڭ كۆزۈمنى
ئۇنىڭ كۆزىن ئېتىشىپ ئېلىپ باردى ئويمانغا،
بۇ ئاخىرقى مىنۇتلار، ئاخىرقى سۆز ئېيتىلغاي.
بۇراپ مەغرۇر يۈزىنى قەتئىي باقتى قۇياشقا،
ئۇنىڭ قەلبى ئىللىدى شۇنداق دېدى ئاخىر:
چاپسان يىرتقىن لاتىنى، مېنىڭ كۆزۈم ئېچىلغاي.
چاپسان يىرتقىن لاتىنى، ئالتۇن قۇياش ئالدىدا،
مېنىڭ قەلبىم مەڭگۈ پاك، گۇناھلار داغ سالالماس.
تېشىپ ئۆتۈپ لاتىدىن كۈن كۆزۈمگە نۇر تۆكۈر،
ئېتىشەڭمۇ كۆزۈمنى كۈن ئالدىمدىن قوزغالماس.
دەررۇ يىرتقىن لاتىنى، ئېيتاي يەنە بىر قېتىم.
مەڭگۈ كۈنگە باقىمەن، قالمىغانسەن زۇلمەتكە.
مېنىڭ پېقىر ئالەمىم ئۈمىد قىلدىم نەقەدەر،
ئېرىشسۇن دەپ مەن سېنى چەكسىز نۇرغا نۇسرەتكە،
ئاشۇ ئىستەك، ئاشۇ ئوي غالىب مەندە ئەبەدكە.
يىرت لاتىنى كۆزۈمدىن، ئۈستۈمدە بار كۆك ئاسمان،
ئۆمرۈم بىلەن تەڭ ئۆتسۇن مۇشۇ مەزگىل بۇ زامان.
سوڭغى ئەركىن نىكاھىم كۆكتە قۇشنى ئۇزاتسۇن،
بىر بولسىمۇ بۇلۇتقا قاراپ ئالاي خىرامان!
يىرت لاتىنى كۆزۈمدىن، چۈشتى ئۇدۇل قەلبىمگە
ئويناق ئىرەن ياپرىقى، ئېپكېتىمەن ئۇنى مەن.
ھاياتىمىز پۈتسىمۇ تۇردۇق سوڭغى مەزگىلدە،
تەڭ تۆكۈلدۇق! ياپراقلار،
تەڭ كېتەيلى ئىككىيلەن!
يىرت لاتىنى كۆزۈمدىن، ئادەم ئۇنداق ئۆلمەيدۇ،
ئېرتسۇن مەيىن شاماللار ھەسرەتلىك كۆز يېشىمنى.
خۇش كەل دېدىم ئۆلۈمگە ھاياتنى بەك سۆيگەچكە،
ھايات ئۈچۈن ئالەمدە، ساقلاپ يۈردۈم بېشىمنى،
ھايات ئۈچۈن ھەم شۇندا قۇربان قىلدىم جېنىمنى.
يىرت لاتىنى جاللاتلار پىنھان تۇتسا يۈزۈڭنى،
كىم ئۇ يەردە بۇيرۇق ئېپ ماڭا قاراپ ئوق ئاتقان!
كۆرۈۋالاي زادى كىم كىمدىن قورقىدۇم
ئەڭ ئاخىرقى سۆز ساڭا:
يىرت لاتىنى تېز – چاققان!
تۇرخۇن
ئاھ! مېنىڭ زاۋۇتۇمنىڭ تۇرخۇنى
يېقىندىلا يۈرمەس بولدۇڭ چۈشلىرىم ئارا.
ئاينىڭ ئەگىمەچ ئىلمىكىگە ئېسىلغان خۇددى،
داردا ئۆلگەن گۇناھكاردەك رەڭگى قاپقارا.
پېچتا كۆيۈپ تۇم قىزارغان تۆپتۈرۈك قۇياش!
تۇرخۇن بويلاپ يۇمىلايدۇ؟ (سالامدۇ گىزە)
گويا ۋال – ۋۇل نۇر چاقنىغان دىنارلار كەبى،
ئەمما زاۋۇت مەھەلىلسى تاملىرى ئىچرە،
قۇياش ئىستىن ئاستا – ئاستا بولىدۇ خىرە!
تۇرخۇن! تۇرخۇن! تۇرخۇن!
ئورمان كەبى سوزۇلغان ئۇلار ساماغا!
پولات تارنى چەككىنىچە زاۋۇتلارنىڭ گۈدۈكى،
مۇدھىش قوپال ئۈن بىلەن ئۆگىتەر مېنى
گاداي كۈيى – ھەسرەتلىك ناخشا – ناۋاغا!
تۇرخۇن ئىچرە، تۇرخۇن ئىچى كۆيگەن ئېغىزدا،
تىنغان پۈتۈن دىلدا پىنھان قايغۇدەك گويا!
تۇرخۇن سىلەر ئۈندەش خۇددى ئاتام كۈيىدە،
«ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش بۇ، بىرلىشەيلى ئەتىگە…»
تۇرخۇن! تۇرخۇن! تۇرخۇن!
سىلەر بۈگۈن تۈۋرۈكسىەلر تىرىگەن ئاسمان!
سىەلر دېمەك گىگانت ئادەملەر،
مۈرىسىدە قۇياش كۆتۈرگەن!
مۈرىسىدە كۆتۈرگەن نان!
كۈللەر
قوڭۇر كۈللەر دەسسەيمەن، قاخشال سۆڭەك كۈكۇنى،
ئەمەستۇر بۇ ھە؟ تۆمۈرنىڭ پارچىلىرى دات باسقان.
بەلكىم بۇ بىر بالىنىڭ ئەپچىل، چاققان پۇتىدۇر،
ئاق كېپىنەك كەينىدىن ئېتىز ئارا كۆپ چاپقان.
يا بۇ بەلكىم بىر جۈپ قول بالا سۇنغان ئانىغا،
ئۇنىڭ بوينىن قۇچاقلاپ ئىزھار قىلغان مۇھەببەت.
يا بۇ قاقشال سۈڭەكلەر بىر جۈپ قالتىس زور قولدۇر
بالىسىنى باغرىغا باسقان مەھكەم، چىڭ، قەۋەت.
شامال بىلەن توزۇغان ئۇشبۇ كۈللەر ئېھتىمال
بىر جۈپ كۆزدۇر ھەمىشە ياش تۆككەن، شاد كۈلۈشكەن.
بۇ بوزامتۇل كۈل – توزان ۋە ئېھتىمال لەۋلەردۇر،
خۇش ناۋا ھەم تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ سۆيۈشكەن!
بەلكى يۈرەك، غەم، شادلىق، ئازاب – كۈلپەت چىرمىغان،
بەلكى مېڭە، مۇرەككەپ تىرىك مېڭە جەۋھىرى.
باششتىن – ئاياغ ئۇنىڭدا باردۇر تىرىك دېگەن سۆز
ئاق – قارىدەك روشەندۇر ھەرپلەرنىڭ ھەر بىرى.
مۇشۇ چاچلار – ئۆرۈملەر، سۇمبۇل چاچلار، چىڭگىلەر،
بەرپا قىلدى چاچلاردىن ئۆلگەن چۇپۇر تاغلارنى.
كىمدۇر بىرسى ھەمىشە چىگىچ يېشىپ تۈزەيدۇ،
گەز باغلىغان لەۋلەردە يېنىك سۆيۈپ ئۇلارنى.
پاك يۈرەكنىڭ ئۇرۇشى، ئىلھامبەخش گەپ – سۆزلەر،
ئالتۇن ئۈمىد – ئارزۇلار، جۈپ كۆزلەرنىڭ نۇرلىرى...
كۈللەر، كۈللەر سىلەردىن قېپقالغىنى پەقەت كۈل،
جەسەتلەرنى كۆيدۈرگەن يانغان مەشنىڭ سۈرلىرى.
تىكەنلىك تور سىملاردىن ئۇچۇپ ئۆتتى كىچىك قۇش،
شۇنچە يۇمشاق سىپىلاپ قانىتىنىڭ ئۇچىدا.
تاڭ قالغۇدەك قىپقىزىل تاغدەك يانغان قىزىلگۈل
قان تۆكۈلگەن جايلاردا شوخ ئېچىلدى غۇچچىدا.
قەلبىمدە بار تېخىچە مەن تارتمىغان بىر ئازاب.
ئۇ ئايلاندى ھەر زەرداپ ھەر تىكەنلىك نەرسىگە
تىن تارتقۇزماس جان قىيناپ ئەستىن چىقماس زىنھار ھەم.
ئوق بوپ تورار ئۇ مەڭگۈ بوغۇزۇمنىڭ ئىچىدە،
ئوچۇق ئەمما كۆرەلمەس نىگاھىمنى كۆتۈردۈم،
ئەمما ئۇنى مەن پەقەت ئۈزەلمەيمەن ئاسماندىن.
سىقىمداپ چىڭ تۇتىمەن ئادەملەرنىڭ كۈلىنى،
دەۋەت قىلدىم قەلبىمدىن سادا كۈتۈپ ئىنساندىن.
1957- يىل، ئۇسۋىشىن
قورقمايمەن
(براۋيانىس) [7]
1
قۇترىغان تەلۋە بوران ساۋىسۇن دەھشەت بىلەن،
ماڭا ھازىر بەرىبىر، مەن تەييارمەن ھەممىگە.
پرومشى قېنىدەك قانغا ئىگە ئادەملەر،
قەھرىڭلاردىن قورقمايدۇ يول يوق زورلار پەيلىگە.
ھەق – راست، مەندە گۇناھ بار، ھەق – راست ئوت ئوغرىلىدىم
بەردىم ئۇنى زۇلمەتتە قالغنا كۆپ كىشىلەرگە!
ھەق – راست، مەندە گۇناھ بار، ئەمما كۈچسىز قەھرىڭلار.
ھەرقانداق بىر ئۆچ ئېلىش ئەسقاتمايدۇ سىەلرگە.
ئەجەل مېنى كەل – كەل دەپ چىللىماقتا قوينىغا.
تىتمىلايدۇ تېنىمنى ئاچكۆز قۇشلار تىرناقلاپ.
يالقۇن ئېلىپ ئۆتىمەن ئازاب بىلەن لەنەتتىن،
قۇتقۇزۇلغان بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچاقلاپ.
2
سىلەر لەرزان تەۋرىگەن مۇسىبەتلىك بۇلۇتلار
ھەم تېز سىلجىپ دەۋرىگەن قۇيما يامغۇر، بورانلار!
سىلەر ئاپئاق، چاقنىغان مۇدھىش قارلىق چوققىلار،
ھەمدە سىلەر يەردىكى ئۇلۇغ دېڭىز – ئوكيانلار.
پۈتمەس نەپرەت ئۆلتۈرسۇن تىن تارتقۇزماي سىلەرنى،
قېنى مېنى باشلاڭلار ھەر قانداق بىر ئاپەتكە.
مېنىڭ ئوتۇم تۇتۇقلۇق جەسۇر جەڭچى قولىدا،
ئۆچۈرەلمەس ئۇنى ھېچكىم بىل بۈگۈنكى سائەتتە.
پۈتتى مېنىڭ ئاخشىمىم كەچكى شەپەق ئىللىتقان،
قان ئاقماقتا يارامدىن، چىنپۈت ساقلاپ ئەقىدە.
ھەر قەترىسى بۇ قاننىڭ خەلق ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن،
ئۆچمەس ناخشا، ئۆچمەس كۈي، سەلتەنەتلىك قەسىدە.
3
زۇلمىتىمۇ لەھەتنىڭ؟ مەن قورقمايمەن ئۇنىڭدىن.
يەرنى تېشىپ چىقىمەن گويا مەن بىر ناباتات.
ئۆلۈم دېگەن نېمە؟ ئۇ− زالىم شاھلار غالىبى،
سۆيگەن كىشى ھاياتنى ئۆلمەس مەڭگۈ، بەر ھايات.
چېكىنىشكە تۇرمۇشتىن قارار قىلدىم مەن بۈگۈن،
ئەمما قۇتلۇق ئەۋلادقا سەپتە تەڭكەش قەدىمىم.
شادلىق فۇنتان ئېتىلار كۆكلەمدىكى يامغۇردەك،
شۇ يامغۇردا يۇيۇلار مېنىڭ ھەممە ئەلىمىم.
پەرۋايىم يوق، قورقمايمەن، مەن قالدۇرغان يالقۇننى
ئۆچۈرۈشكە ھېچكىمنىڭ ھوقۇقى يوق ئەمدى كەپ!
جاكا قىلدىم ئۆلۈم ۋە ھەسرەت ياۋۇز دۈشمىنىم
بەخت بىلەن ھياتنى بۇرادىرىم – دوستۇم دەپ.
ئويغىنىش
چوققىلارنىڭ ئالدىدا تىزلانغاندا بىر ئادەم،
دېدى ئاڭا تاغ:
ئالە! سالغىن تاشتىن ئىمارەت.
ئېقىنلارمۇ دېدى ھەم: ئىچكىن ئويناق سۈيۈمدىن،
كۈمۈش سۇدىن يېشىلگەي تەشنا چەككەن رىيازەت!
قۇشلار ئۇچۇپ دېيىشەر ياۋا گىياھ ئۈستىدە،
ئوقيايىڭنى ئات ماڭا، ئەمدى يەنە ئاچ قالما!
بۆكىن دەيدۇ: نەيزەڭنى ماڭا تىققىن، ماڭا تىق،
باغلار دەيدۇ: تېتىپ كۆر، مانا مېۋە،
مانا ئالما!
بويۇنتۇرۇق سال ماڭا، دەيدۇ ھەم سۇ كالىسى،
مېھنىتىڭگە تاغ – جىلغا، ھەسسىلەپ ھەق تۆلەيدۇ.
سېنى خۇشال قىلىدۇ يېلىنلىرى سىيىرنىڭ−
دەيدۇ ياسا باغلارنى يانباغرلار گۈللەيدۇ.
دەيدۇ گۈللەر: تارىتار ھەسرىتىڭنى خۇشبۇيۇم،
بۇلبۇل دەيدۇ: تۈن بويى سېنى كۈيلەي دىلىستان!
چېقىن دەيدۇ ئاسمانغا قانىتىنى ئوينىتىپ،
ياندۇرىمەن مېشىڭنى، ئوڭلىتالماس زىمىستان!
ئادەم ئۈنسىز ئاڭلايدۇ ئاشۇلارنىڭ چىن سۆزى−
بۇلاق، دەرەى شىلدىرى، قاناتلىقلار كۈيىنى
ئۇ ئويلايدۇ ھاياتچان تەبىئەتنىڭ مەناسىن:
يەر يۈكلىگەن ئادەمگە ھەممە ئېغىر يۈكىنى.
ئادەملەرگە تەبىئەت دىلبەر بەلەن بولسىمۇ،
تاش يارماستىن ئادەملەر ئىچەلمەيدۇ تامچە سۇ.
يېگەچ ئويلار مېۋىسىن تەبىئەتنىڭ مەي بولغان،
ئويلار تاشتىن ياساشنى ياۋۇز، ۋەھشى بۇتنى ئۇ.
دوست ياسىسام تاشتىن دەپ بەلكى ئويلار كۆڭلىدە،
ئويلار خۇددى ئۆزىدەك ياسىسام دەپ بىر ھەمدەم.
ئۇ بولماقچى تەڭ ئورتاق جەنۇب بىلەن شىمالغا،
ئۇلار جۇتتىن قۇت ئىزدەر، ياق دېسىمۇ قىسمەت ھەم.
ۋەھشى سۇغۇق كۈلكىسىن زاھىر قىلىپ ئاشۇبۇت
پۈتۈرۈشتۈپ ئاغزىنى باقار چوققا، جىلغىغا.
قالتىس قورقۇپ بۇ ئادەم بۇغداي،
ھايۋان، گۈللەرنى،
ھەممە گۆھەر بايلىقنى قويدى بۇتنىڭ ئالدىغا:
ئىشغال قىلدى بۇت شۇڭا ەيرنى قۇشلار كۈيىنى،
ئىشغال قىلدى كۈمۈش سۇ، ئەتىر گۈللەر ھىدىنى.
ئادەملەرچۇ، ئۆمىلەر ئۇلۇغ بۇتنىڭ ئالدىدا،
ئۇنىڭ خەيرى قىيالماس كۆزنىڭ ئاققان يېشىنى!
سېغىنىداۇ شۈكرى قىپ، ئادەم تەككەن دان ئۈچۈن،
مىڭ پۈكۈلۈپ تەرىپلەر شاھلارنىڭ بۇ شاھىنى.
تاش ۋە تۇپراق ئىچىدە رازى – خۇشتۇر ئاشۇ بۇت،
ئۇنىڭ سۈرلۈك يۈزلىرى مۇدھىش تىرتەك ھامىنى.
ئەمما دەيدۇ ئېگىز تاغ: قارا، ئەركىن مەغرۇرمەن،
ئېقىن دەيدۇ: قەيەرگە بارغۇم كەلسە بارىمەن.
قۇشلار دەيدۇ: ئۇچىمەن مەيلىم چۈشكەن تەرەپكە،
ئورمان دەيدۇ: ئۆسىمەن، شولىلارنى يارىمەن!
بۆكەند ەيدۇ: قاپتالدا قىيىق ئاتتىم ئويناقلاپ،
چوغ بەدەنلىك چېقىن دەر: سىم يوللاردا چاپىمەن.
دىماغ يارغان خۇشبۇيۇم تۆھپە، دەيدۇ ئەتىرگۈل،
زېمىن دەيدۇ: ئەجرىڭدىن تويۇم، رۇناق تاپىسەن!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلايدۇ ئادەم ھەيران – ھەيرەتتە،
چۈش ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ باش كۆتۈردى غەپلەتتىن.
ئۇ دس تۇردى ياشىرىپ، ۋەھشىي بۇتقا دەيدۇ ئۇ:
ئۆز – ئۆزۈمگە تالىقمەن، جۇدا بولدۇمم دەھشەتتىن!
ئېگىز تاغلار، دەرەخلەر كۈرمىڭ روشەن ئېقىنلار،
تەزىم قىلدى ئادەمگە، قوزغىلىشتى، تولغاندى.
ئادەم كۆردى بۇتلاردا تەقى – تۇرقى ئەكسىنى،
ئۆلۈك ئىدى ئۇ ئەمما، ئادەم شۇنداق ئويغاندى…
ئىزاھلار:
—————
[1] م. چولنس (1875- 1911)− لېتىۋا كومپوزىتورى ۋە رەسسامى. ئۇنىڭ «ئورمان»(1910) ناملىق ئەسىرى لېتىۋانىڭ دەسلەپكى سېمپونىيەلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
[2] ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىس فاشىستلىرى پولشا زېمىنىدا قۇرغان جازا لاگېرى.
[3] بىرچۇبسالار− لىتۋادىكى بىر يېزا. 1944- يىلى نېمىس فاشىست تاجاۋۇزچىلىرى بۇ كەنتكە ئوت قويۇپ، 119 كىشىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
[4] رىيولېر (1471 − 1528) − گېرمانىيە رەسسامى.
[5] لافېر (1483 − 1520)− ئىتالىيە رەسسامى.
[6] رېئونار(1841-1919)− تەسىرچىلىك ئېقىمىدىكى فىرانسىيە رەسسامى.
[7] براۋيانىس (1915- 1952)− 1943- 1944- يىللارغىچە گرتسىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باتالىئون سىياسىي كومىسارى بولغان. 1952- يىلى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.