ئارا

ئورنى Wikipedia

دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، تۆمۈر ھەم ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق سايمان.

 

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، تۆمۈر ھەم ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق سايمان. ئۈچ چىشلىق ئارا. بەش چىشلىق ئارا قاتارلىق تۈرلىرى بار.

تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

ئارىنىڭ ئىككى قوللۇق ئارا، ئۈچ قوللۇق ئارا، بەش قوللۇق ئارا، يەتتە قوللۇق ئارا ۋە سەككىز قوللۇق ئارا دېگەن تۈرلىرى بار.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • چۈشەنچە
  • تۈرلىرى
  • ياسىلىشى
  • ئىشلىتىلىشى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياسىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق ئەمگىكىدە ئاساسەن ياغاچتىن ياسالغان ئارا ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئارا ئاساسەن ئىرغاي ياغىچى بەزى جايلاردا يۇلغۇن تېلىدىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ئارا ياساش ئۇسۇلى ئاۋۋال ئىرغاي ياكى يۇلغۇن تېلى قۇرۇتۇلۇپ، سۇغا چىلىنىدۇ. سۇغا چىلىنىپ، تالالىرى يۇمشىغان ئىرغاي ياغىچى ۋە يۇلغۇن تاللىرى كۆيۈپ كەتمىگۈدەك تەپتى بوشراق ئوتقا كۆمۈپ پۇچىلىنىدۇ. پۇچىلانغان ئىرغاي ۋە يۇلغۇن تاللىرى ئارا قوللىرىنى ئىگىپ كەلتۈرۈش قېلىپىغا سېلىنىپ، يان قوللىرىغا ئالاھىدە مۈرە چىقىرىلىپ، يان قول ۋە ئوتتۇرا قوللارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەڭشىلىپ، سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، ساپقا ئېلىنىدۇ. ساپقا ئېلىشتا ئارا قوللىرىنىڭ ساپقا ئۇلىنىدىغان يېرى ئارا سېپىغا جىپىسلاشتۇرۇلۇپ، پاتاڭ بىلەن مۇستەھكەم تېڭىلىدۇ. پاتاڭ-كالا پاتىڭى بولۇپ، كالا سويۇلغاندا ئۇزۇن ھالىتىدە ئېلىنىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ، ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتتا سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىپ، ئىنچىكە يىپ شەكلىدە تىلىنىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئارا ساپقا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئارا قوللىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئوشۇقچە سېلىنىدۇ. ئوشۇقچە ئارا قوللىرىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تەييارلانغان تۆت قىرلىق سىپتا ياغاچ بولۇپ، ئارا قوللىرىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش  رولىنى ئوينايدۇ. ئارا قولى قانچە بولسا ئوشۇقچىنىڭ شۇنچە يېرىدىن تۇرۇم ئېلىنىپ، ئارا قوللىرى شۇ تۇرۇملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ياغاچ ئارا ياسىلىپ بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئارا قوللىرى يەنە بىر قېتىم ئىتتىك تىغلىق ئەسۋابتا سىپتىلىنىپ قېلىپقا ئېلىنىدۇ. ئارا قوللىرىنى قېلىپقا ئېلىش ئارىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇش ۋە ئارا قوللىرىنىڭ قېيىپ كاردىن چىقماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئىككى قوللۇق ئارا تۆمۈردىنمۇ ياسىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئۈجمە ياكى قارىياغاچنىڭ قاۋۇلراق ئاچا بادرىلىرىدىنمۇ ياسىلىدۇ.

ئىشلىتىلىشى[تەھرىرلەش]

تەننەرخى تۆۋەن، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ئاساسەن باغ بېسىش، زىرائەت ئۈنچىلىرىنى يېيىتىپ ئاياق سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچ قوللۇق ئارا ئاياق ئۆرۈش، پاخال چىقىرىش ۋە پاخال بېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بەش قوللۇق ئارا، يەتتە قوللۇق ئارا، سەككىز قوللۇق ئارىلار مەخسۇس توپان سورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ