ئارال ئايرودۇرۇمى

ئورنى Wikipedia

ئارال ئايرودۇرۇمى (تولۇق ئاتىلىشى: ئارال پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى؛ ئېنگلىزچە: Aral Airport; ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 阿拉尔机场) بىر پۇقراۋى ئايرودۇرۇمدۇر.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئارال ئايرودۇرۇمى 1-دىۋىزىيە ئارال شەھىرى 12-پولىك تەۋەسىدە بولۇپ، ئارالنىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تۈز لىنىيەلىك ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. پۇقراۋى ئايرودۇرۇم شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئارال ئايرودۇرۇمى دۆلەت ئىچى 4C دەرىجىلىك تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى بولۇپ، بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 886 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، كۆلىمى يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)، مال توشۇش مىقدارى 1100 توننا بولۇش نىشانى بويىچە لايىھەلىنىدىكەن.

  ئارال ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى: ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش يولىدىن بىرنى ياساش، 4507 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى سېلىش، C تۈردىكى ئايروپىلان ئورنى سۇپىسىدىن ئالتىنى ياساش، بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى سېلىش، شۇنداقلا ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 ئارال ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ «كىرەلەيدىغان، چىقالايدىغان، تېز قاتنايدىغان، كۆپ توشۇيالايدىغان» قاتناش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ياردىمى بولۇپ، ئارال شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، شەھەرنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش قاتارلىقلارغا كۈچ قوشۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىكەن.

  ئارال پۇقرالار ئايرودۇرۇمى پۈتكەندىن كېيىن، ئارال-ئۈرۈمچى، ئارال-قەشقەر، ئارال-غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئالتىنى، شۇنداقلا ئارال-شىئەن-بېيجىڭ، ئارال-ۋۇخەن-خاڭجوۋ، ئارال-شاڭخەي، ئارال-بېيجىڭ قاتارلىق شىنجاڭ سىرتىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە

قۇرلۇش ئەھۋالى

2021-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-دىۋىزىيە ئارال پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، يىل ئاخىرىدا ئۇچۇش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.