ئارىلاش ئەمەللەرنىڭ تەرتىۋى

ئورنى Wikipedia

قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىزدىن چىقىرىشتىن ئىبارەت 6 خىل ئەمەلنىڭ ئەمەل بېجىرىش تەرتىپى ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەر:

(1) تىرناق بولمىغان ئەھۋالدا:

بىر خىل دەرىجىلىك ئەمەللەردىن تۈزۈلگەن ھىسابلاش ئىپادىسىگە نىسبەتەن، سولدىن ئوڭغا بولغان تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىسابلاش ئىپادىلىرىدە ئاۋال ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەر، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەر ئىشلىنىدۇ، يەنى ئاۋال كۆپەيتىش بىلەن بۆلۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن قوشۇش بىلەن ئېلىش ئىشلىنىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىسابلاش ئىپادىلىرىدە، ئەڭ ئاۋال ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەر، ئاخىرىدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەللەر ئىشلىنىدۇ، يەنى ئاۋال دەرىجىگە كۆتۈرۈش بىلەن يىلتىزدىن چىقىرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپەيتىش بىلەن بۆلۈش، ئاخىرىدا قوشۇش بىلەن ئېلىش ئەمەللىرى ئىشلىنىدۇ.

(2) تىرناق بولغان ئەھۋالدا:

ئاۋال كىچىك تىرناق ئىچىدىكى ئەمەللەر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكى ئەمەللەر، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ تىرناق ئىچىدىكى ئەمەللەر ئىشلىنىدۇ. تىرناق ئىچىدىكى ئەمەللەرنىڭ بېجىرىلىش تەرتىپى (1) نۇقتىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.