Jump to content

ئازاد بولۇش كۈنلىرىدىكى نىدا

ئورنى Wikipedia

ئازاد بولۇش كۈنلىرىدىكى نىدا

نىجاتلىق سىگناللىرى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن بۇ ئۇلۇغ ئاي بىلەن ۋىدالىشىش ھارپىسىدا تۇرۇپتىمىز. دەرۋەقە، بۇ ئاي نىجاتلىق ئېيىدۇر. بۇ ئاي پۇرسەتلەر ئېيى، قۇرتۇلۇش ئېيى ۋە ئازاد بولۇش ئېيىدۇر.

بۇ ئاينى نىجاتلىق ئېيى دېيىشىمىز، بۇ ئاي بىزنى نىجاتلىق پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىزنى تاۋلايدۇ. خاتالىقلىرىمىزدىن، گۇناھلىرىمىزدىن ۋە غاپىللىقلىرىمىزدىن كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەبەدىي بەختسىزلىككە دۇچار بولۇشتىن ئامان قېلىشنى، دوزاختىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئامان قېلىشقا ھېلىھەم پۇرسىتىمىزنىڭ بارلىقىنى تەلىم بېرىدۇ، بىزنى روھلاندۇرىدۇ. كەلگۈسىمىزگە ئۈمىدۋار بولۇشتىن، تەڭرىدىن ئۈمىد كۈتۈش پۇرسىتىمىز بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

ئۆتمۈشىمىزدىكى خاتالىق ۋە گۇناھلىرىمىزدىن پاكلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، بۈگۈنىمىزدە بۇنىڭدىن تەۋبە قىلىشقا، سەگىشكە ئىمكانىمىز بارلىقى ۋە كەلگۈسىدە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇش پۇرسىتىمىزنىڭ بارلىقى بىلەن بىزگە يىپيېڭى روھ بېغىشلايدۇ.

بۇ ئاينى پۇرسەتلەر ئېيى دېيىشىمىز، بۇ ئاي بىزگە ئاز ئەمەل بىلەن كۆپ ئەجىر، ئاز مېھنەت بىلەن كۆپ مول ھوسۇل ئېلىش پۇرسەتلىرىنى سۇنىدۇ. يىلدا پەقەت بىرلا كېلىدىغان قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزغا ئۈندەيدۇ. كەلگەن پۇرسەتنى قاچۇرۇپ نىجاتلىقتىن مەھرۇم قېلىشتىن ئۆتە بەختسىزلىك يوقلىقىنى ئىما قىلىش ئارقىلىق بىزنى پۇرسەتنى قاچۇرماسلىققا، نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگۈچى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىدۇ.

قۇرتۇلۇش ئېيى دېيىشىمىز، بۇ ئاي بىزگە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ، كەلگۈسى ھالاكەتتىن ساقلىنىشنىڭ تەييارلىقىنى، چارە – تەدبىرلىرىنى ۋاقىت قولدىن كېتىشتىن ئاۋۋال پۈتتۈرۈۋېلىشقا، باقىي ئالەمدىكى ھالاكەتلىك ماكان بولمىش دوزاختىن قۇرتۇلۇش لازىملىقىغا، ئادەم ئاتىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسان تۈرىنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان جەننەتكە لايىقلىشىش كېرەكلىكىگە، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەجىر ۋە مېھنەت قىلىشنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىغا چاقىرىدۇ.

بۇ ئاينى ئازاد بولۇش ئېيى دېيىشىمىز، بۇ ئاي بىزگە ئەركىنلىكنىڭ كۈرەشسىز قولغا كەلمەيدىغانلىقىدىن تەلىم بېرىدۇ. بۇنى شۇ نۇقتىدىن تەلىم بېرىدۇكى، دوزاخ يولى شەھۋەت ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلەر كەبى جەلبكارلىقلار بىلەن، كىشىلىك مەنپەئەت، شەخسىي ئېھتىياج ۋە نەپس ئالدامچىلىقلىرى بىلەن بېزەلگەن. جەننەت يولى بولسا، پاكلىنىش، ساپلىنىش ۋە ھەقنىڭ تەرەپدارلىقىدا چىڭ تۇرۇش، ساداقەتنى ئەلا بىلىش، سەۋر تاقەتلىك بولۇش، ئىمان ۋە ئەمەلدە بىردەكلىكنى ھاسىل قىلىش قاتارلىق قائىدە - يوسۇنلار بىلەن بېزەلگەن. دېمەك بىرىنچى يول قىلمىش - ئەتمىشلەرنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن نەتىجىلەنسە، ئىككىنچى يول كۈرەش قىلىشنىڭ، ئەمەل قىلىشنىڭ، مېھنەت قىلىشنىڭ، ساداقەتنىڭ ۋە ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشاشنىڭ سەمەرىسىگە، مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرىدۇ. دېمەك، ئىككىنچى يول ئەمەلنىڭ، تىرىشچانلىقنىڭ، نەپسكە قارشى جىھادنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ دۇنيالىق تۆلىگەن بەدەلنىڭ ئاخىرەتلىك مۇكاپاتىغا سازاۋەر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ يول پانىيلىق مەھبۇسى بولۇشتىن، نەپس تۇتقۇنىغا ئايلىنىپ دوزاختىن ئىبارەت ئەبەدىي بەختسىزلىك زىندانىنىڭ قۇلى بولۇشتىن ئازاد قىلىدۇ.

رامىزان ئېيى نەپسىگە تۇتقۇن، شەيتىنىغا تەرەپدار بولۇش بىلەن دوزاخنىڭ مەھكۇم قۇلىغا ئايلىنىش ھارپىسىدىكى ئىنسانغا نەپسىگە قارشى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قورشاپ ئالغۇچى بارچە شەھۋەت تۇيغۇلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھەقنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى تەقدىم قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دېمەكچى بولىدۇكى، جان تېنىڭدە بولسىلا كۈرەشنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشىش پۇرسىتىڭ كەلمەي قالمايدۇ. دەۋرى كائىنات ساڭا يىلدا بىر نۆۋەت ئىستىقبالدىكى ئەبەدىي قۇرتۇلۇش ئۈچۈن پۇرسىتىنى سۇنغىنىدەك، باتىلنىڭ ھاكىملىقىغا قارشى كۈرەشتە چىڭ تۇرۇش ساڭا ھامان ئۇنىڭ سەمەرىسى بولغان ھەقنىڭ ھۆر مېھمىنى بولۇش پۇرسىتىنى سۇنماي قويمايدۇ. چۈنكى ھەممىگە قادىر ئاللاھ ھەق يولدا كۈرەش قىلغۇچىنىڭ رىيازىتىنى، ئەمەل - مېھنىتىنى نەتىجىسىز قالدۇرمايدۇ، ھەق يولدا ئەجىر قىلغۇچىنىڭ ئەجرىنى ئەسلا زايە قىلىۋەتمەيدۇ. دېمەك ئازاد بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى چوقۇم بار. يېتەركى سەن كېلىۋاتقان پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىل.

مانا بۇلار ھەدىسلەردە كەلگەن «عتقاء من النار»، يەنى «دوزاختىن ئازاد قىلىنغۇچىلار» دېگەن ئىبارىدىن سۈزۈلىدىغان مەنىلەر. مانا بۇلار ئازاد بولۇش مەنىسىدىكى «عتق» سۆزىنىڭ دوزاخنىڭ مەھكۇملۇقدىن ھۆر بولۇش مەنىسىدە ئىشلىتىلىشىدىكى سىرى. شۇنداقلا بۇ ئىنساننى ئىنساننىڭ قۇللۇقىغا چۈشۈشتىن ئازاد بولۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆزنى دوزاختىن ئامان قېلىشقا ئىشلىتىلىشىدىكى ھېكمەت.

ئەجەبا، بىز ئۇشبۇ مۇبارەك ئاينىڭ مەزكۇر تەلقىنلىرىدىن قانچىلىك نېسىۋىلەندۇق؟ ئىمان مانېۋىرى، ئەمەل مانېۋىرى پەسلى مىسالى پۇرسەتلەرنى سۇنغان بۇ ئاينىڭ بىزگە بەرمەكچى بولغان تەربىيەسىدىن قانچىلىك ئوزۇقلىنالىدۇق؟ روھىمىزنى قانچىلىك يېڭىلىيەلىدۇق؟ بۇنى بىزنىڭ رامىزاننى ئۇزاتقاندىن كېيىن ھايات يوسۇنىمىز، ياشام شەكلىمىز ئىپادىلەپ بەرگۈسى.

نىدايىمىز شۇكى، جانابى ئاللاھ بىزنى ۋىدالىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇ مۇبارەك ئاينىڭ بەرىكەت ۋە پەزىلەتلىرىدىن نېسىۋىلگەن ھالدا تاماملىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلغاي. ئەگەر ھېلىھەم مۇيەسسەر بولالمىغان بولساق، مانا شۇ ئاخىرىقى كۈنلەرنىڭ ئاخىرقى لەھزىسىگە قەدەر بولسىمۇ قولغا كەلتۈرۈۋېلىشقا، رەھمەت، مەغپىرەت ۋە ئازاد بولۇش پۇرسەتلىرىگە نائىل بولۇپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! بۇ ئاي ۋەسىلىسى بىلەن مول روھىي قۇۋۋەتكە تولۇپ، يېڭىچە روھ ۋە يېڭىچە قەدەم بىلەن مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىگە ئاتلىنىشقا، خۇددى دوزاختىن ئازاد بولۇش مىسالى ھۆرلۈك جىھادىغا سەپەرۋەر بولۇشقا، كۇپۇر ئىشغالىيىتىگە قارشى ۋەتەن جىھادىدىن ئىبارەت ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ سادىق جەڭچىسى بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! شۇنداقلا بىزگە ئاسارەتنىڭ ھەر تۈرىنى، ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ ئەڭ قەبىھىنى راۋا كۆرگەن مۇستەملىكىچى قانخورلاردىن، ئىشغالچى دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە نېسىپ قىلغاي! بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئاسارەت ئاستىدىكى ھەربىر يۇرتداش، ۋەتەنداش، دىنداش بولغان بارچە خەلقىمىزنى يورۇق دۇنيادا دۈشمەن مەھكۇمىيىتىدىن ئازاد بولۇشقا، ھېساب كۈنى بولمىش ئاخىرەتتە دوزاخ مەھكۇملۇقىدىن ئازاد بولۇشقا، ئەقەللىي تەقدىردە، فانىي ئالەمدىن ھۆر خەلق ۋە ھۆر مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان رەۋىشتە خوشلىشىشقا، شەرىپى ۋە ئىززىتى بىلەن دۇنيادا ئۆتۈش ۋە دۇنيادىن كېتىشكە مۇۋەپپەق قىلغاي!

-بۇرھان مۇھەممەد

2025-03-27

مەنبە: [«ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان»] سەھىپىسى