ئاسىموۋنىڭ ئۈچ قانۇنى ھازىرقى سۈنئىي ئەقىلگە ماس كېلەمدۇ؟
ئاسىموۋنىڭ ئۈچ قانۇنى ھازىرقى سۈنئىي ئەقىلگە ماس كېلەمدۇ؟
2025.02.03
1942 - يىلى ئۇلۇغ ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچى ئىساك ئاسىموۋ (Isaac Asimov) ئۆزىنىڭ «ئايلانما چەمبىرەك» ( Runaround ) ناملىق ھېكايىسىدە «روبوت ئۈچ قانۇنى» نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قانۇن ئۇنىڭ ھېكايىلەر توپلىمى «مەن، روبوت» (我,机器人) بىلەن كەڭ تارقالغان.
«روبوت ئۈچ قانۇنى» تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ماددىدىن تۈزۈلگەن قانۇن:
1. روبوت (ماشىنا ئادەم) ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا قىلىدىغاننى قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
2. روبوت چوقۇم ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى كېرەك، پەقەت بۇ بۇيرۇق بىرىنچى ماددا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىسىلا.
3. روبوت چوقۇم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغدىشى كېرەك، پەقەت بۇ خىل قوغداش بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ماددا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىسىلا.
«روبوت ئۈچ قانۇنى» نىڭ تەسىرى شۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، ئۇ ئاسىموۋنىڭ بارلىق روبوت ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىلىرىنىڭ تەشكىلىي پرىنسىپىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، ھەتتا كېيىنكى بارلىق روبوت ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىلىرىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن بارلىق كىتاب، كىنو، ئويۇن قاتارلىق كەڭ تارقالغان مەدەنىيەتكە سىڭىپ كىردى.
مەسىلەن، 1999 - يىلىدىكى «2001 - يىلىدىكى ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى» (2001太空漫游) ناملىق كىنودا روبىن ۋىليامس رول ئالغان روبوت باش قىسمىدىكى پرويېكتور ئارقىلىق روبوت ئۈچ قانۇنىنى نامايان قىلغان؛
ۋىل سىمىت (Will Smith) باش رول ئالغان «مەن، روبوت» تا پۈتۈن كىنونىڭ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ «روبوت ئۈچ قانۇنى» نى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغان.
ئاسىموۋنىڭ «روبوت ئۈچ قانۇنى» بۈگۈنكى AI (سۈنئىي ئەقىل) گىمۇ ماس كېلەمدۇ؟
كىشىلەر ھەتتا ئادەم بىلەن روبوتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن - روبوت ئېتىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئىنسانلارنى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى قىلغان، روبوتنى قانداق ئېچىش ۋە قوللىنىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئېتىكا. ئۇنىڭ مەنبەسى ئاسىموۋنىڭ «روبوت ئۈچ قانۇنى». ئاسىموۋ ياشىغان دەۋردە، سۈنئىي ئەقىل تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇراتتى. «نېرۋا پائالىيىتىدىكى ئىچكى ئىدىيەنىڭ لوگىكىلىق ھېسابلىنىشى» ( A Logical Calculus of Ideas Immanent in Nervous Activity ) ناملىق ئىلمىي ماقالە سۈنىئي ئەقىل ئىلمىنىڭ ئۇل تېشى دەپ قارالغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي ماقالە «روبوت ئۈچ قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا ئېلان قىلىنغان؛ 1956 - يىلىغا كەلگەندە، دارتموس سۈنئىي ئەقىل يازلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، سۈنئىي ئەقىل بىر پەن سۈپىتىدە ھەقىقىي بەرپا قىلىندى.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «روبوت ئۈچ قانۇنى» يازغۇچىنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي تەجرىبىسىنىڭ تىل مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئاسىموۋنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى بار، لېكىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھازىرقى رېئال مۇھىتى ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدۇ. AI مۇشۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە روبوت ئۈچ قانۇنى ئادەم بىلەن AI نىڭ مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلالامدۇ؟
«روبوت ئۈچ قانۇنى» نىڭ ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغىلى بولمايدۇ. ئاسىموۋ 1975-يىلى Sy Bourgin ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «روبوت ئۈچ قانۇنى»نى ئىجاد قىلىشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئىلگىرىكى فانتازىيەلىك رومان «فرانكېنستېين» شەكلىدىكى يولدىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇ روماندا روبوت ئىگىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ياسالغان نەرسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ياسىغۇچىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى سۆزلىندىغانلىقىنى ئېيقان.
شۇڭا، ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، «روبوت ئۈچ قانۇنى» بىر ئومۇميۈزلۈك ئەخلاق رامكىسى ئەمەس، ئۇلار ھېكايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىجادىيەت قورالى. ئۇلارنى ئىجاد قىلىشتىكى مەقسەت بىر خىل ئېنىقسىزلىق ،بىر خىل توقۇنۇشنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىماللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئادەم بىلەن AI ئوتتۇرىسىدىكى كۈل رەڭ چېگرانى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت.
بىر كۈچلۈك ئىسپات شۇكى، ئاسىموۋنىڭ ھەر بىر ھېكايىسىدە «روبوت ئۈچ قانۇنى» مەغلۇپ بولغان. ئاسىموۋ قەستەن مۈجمەل ھالدا بۇ ئۈچ قانۇنىيەتنى ئىجاد قىلىپ، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ، رول ۋە تاماشىبىنلارنى ئەخلاق قىيىنچىلىقىغا دۇچار قىلغان.
ناۋادا ھەقىقىي دۇنياغا تەتبىقلانسا، «قانۇن» دەپ ئاتالغان بۇ ئۈچ نەرسە بىردىنلا غۇلاپ چۈشىدۇ. مەسىلەن، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلان 1 - ۋە 3 - ماددىغا خىلاپلىق قىلغان روبوتلاردۇر. ئۇلار كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، ئۇلار تۈزۈپ بېرىلگەن پروگرامما ئارقىلىق ئىش قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىنسانلارغا زىيانلىق پىروگرامما تۈزۈپ بېرىلسە، ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، «روبوت ئۈچ قانۇنى» پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئۈچ ماددىلىق قانۇن ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئىنگلىز تىلى بىر خىل تەبىئىي تىل بولۇپ، ماھىيەتتە مۈجمەل، كۆپ خىل چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا، «روبوت ئۈچ قانۇنى» نى كودلاشتۇرۇپ توغرا، ماشىنا ئوقۇغىلى بولىدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
ۋۇخەن داشۆسى پەلسەپە فاكۇلتېتىدىكى Chris Stokes ئۆزىنىڭ «Why the three laws of robotics do not work» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدە «روبوت ئۈچ قانۇنى» نىڭ نېمە ئۈچۈن ئاقمايدىغانلىقىنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈردى:
1. بىرىنچى ماددىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى تىلدىكى ئىختىلاپ ھەمدە ھەددىدىن زىيادە مۇرەككەپ ئېتىكا مەسىلىسى سەۋەبىدىن، بۇ مەسىلىلەر بەك مۇرەككەپ، ئاددىي ھالدا شۇنداق ياكى ياق دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.
2. ئىككىنچى ماددا سېزىمگە ئىگە، بىر نەرسىنى ھېس قىلالايدىغان جانلىقتىن قۇللۇق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ماھىيەتتە ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىق. شۇڭا ئىككىنچى ماددىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.
3. ئۈچىنچى ماددا مەڭگۈلۈك ئىجتىمائىي قاتلاملارغا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددىغا ئېكسپىلاتاتسىيە يوشۇرۇنغان. شۇڭا ئۇمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.
خۇددى iRobot قۇرغۇچىسى رودنىي بروكس ئېيتقاندەك: «كىشىلەر مەندىن بىز سېتىۋالغان روبوت ئاسىموۋنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلامدۇ - قىلمامدۇ؟ دەپ سورىدى؛ ئۇلار ئەمەل قىلمايدۇ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، مەن ئاسىموۋنىڭ قائىدىسىنى ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈشكە ئامالسىز!»
iRobot دېگەن ئىسىم دەل ئاسىموۋنىڭ «I ،Robot» ناملىق رومانىدىن (شۇ ناملىق كىنومۇ ئىشلەندى) كەلگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىككى مەھسۇلاتى يەر سۈپۈرۈش روبوتى ۋە ھەربىي قوراللىق روبوت.
ئىنسانلارنىڭ ۋەھىمىسى
2022-يىلى تونگا يانار تېغىنىڭ پارتلىشى «يازسىز يىل» توغرىسىدا بىر مەيدان ۋەھىمە پەيدا قىلغان. تارىختا ھەر قېتىم ياز بولمىغان يىللاردا تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەت يۈز بەرگەن.
ئالدىنقى يازسىز يىل 1816 - يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھىندونېزىيەدىكى تامبورا يانار تېغى پارتلىغان. توپلانغان يانار تاغ كۈلى يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاز دېگەندىمۇ 0.4 گىرادۇس تۆۋەنلەتكەن، كىلىمات نورمالسىزلىقى يەر شارى مىقياسىدا ئاچارچىلىق، كېزىك ۋە توپىلاڭ پەيدا قىلغان.
ئاشۇ «نەم، ھەممە يەر پاتقاق، توختىماي يامغۇر يېغىۋاتقان» ياز كۈنلىرى يېڭى توي قىلغان شېللېي ئەر ئايالنى بايروننىڭ جەنۋە كۆلى بويىدىكى داچىسىدا تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر قىلدى. بايرون ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر مەيدان يېزىقچىلىق مۇسابىقىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىمنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ھېكايە يازالايدۇ دەپ شەرت قويدى. شېللېينىڭ ئايالى مارى شۇ مەزگىلدە «فرانكېنستېين» نى يېزىپ چىققان.
بۈگۈن بىزنىڭ «فرانكېنستېين» (弗兰肯斯坦) نى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى فانتازىيىلىك رومان. لېكىن دىققەت قىلىڭ، مارىنىڭ قاتناشقىنى بىر قورقۇنچلۇق ھېكايە مۇسابىقىسى، «فرانكېنستېين» نىڭ قانداق قورقۇنچلۇق يېرى بار؟ «فرانكېنستېين» دا بىئولوگ فرانكېنستېيىننىڭ ئىنسانلارنىڭ جەسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر غەلىتە مەخلۇقنى قۇراشتۇرۇپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىنسانلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىش جەريانىدا، غەلىتە مەخلۇق فرانكېنستانغا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. فرانكېنستېين ئەڭ ئاخىرىدا غەلىتە مەخلۇقنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ياسىغان مەخلۇق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
گېرمانىيە كوبرېنتىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Ulrike Barthelmess ۋە Ulrich Furbach مۇنداق دەپ قارىدى: فرانكېنستېيندا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قەلبىدىكى ۋەھىمە.
ئامېرىكا كىنو نەزەرىيىچىسى Brian Hendersonئېيتقاندەك، مۇھىمى ئەپسانە بايان قىلىنغان يىل، ھەرگىزمۇ ئەپسانىلەردە بايان قىلىنغان يىل ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەپسانە ئەلۋەتتە ئويدۇرما، لېكىن ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق مۇددىئا، قانداق ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن بۇنداق ئەپسانىلەرنى بايان قىلىشى مۇھىم. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «جانلىقلارنى يارىتىش» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كېڭەيتكەندە، «جانلىقلارنى يارىتىش» قا بولغان بۇ خىل ۋەھىمىنى بەلكىم تېخنىكىغا بولغان بىر خىل ۋەھىمە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
يۇنان ئەپسانىلىرىدە، ئوتنى كىشىلەر ئارىسىغا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، پرومېتىئۇس زىۋېسنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ھەر كۈنى بۈركۈت ئۇنىڭ جىگىرىنى چوقۇپ يەيدىكەن. بۇ ھېكايىدە «ئوت» تېخنىكا دېمەكتۇر. بىر خىل ئىلمىي قاراشتىكىلەر ئوتنى ئىگىلەپ، پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېگەچكە، ئىنسانلار كۆپ مىقداردىكى ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلماي خام يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ، تەرەققىي قىلغان چوڭ مېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەل باشقا ھايۋانلارنىڭ ئوتتىن قورقۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلار كېچىدە ياۋايى ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ.
توغرا كېلىپ قالغىنى، «فرانكېنستېين» نىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى دەل «يەنە بىر پرومېتىئۇسنىڭ ھېكايىسى» ئىدى.
يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا، ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىغا بولغان ۋەھىمىسى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيىدە، كىشىلەردە ماشىنىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىدىن ئىنتايىن زور ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، مەخسۇس توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاش ھەرىكىتى باشلاندى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى شۇ قەدەر ئېغىر بولدىكى، ھەتتا پارلامېنت قانۇن چىقىرىپ ماشىنىنى چېقىشنى ئۆلۈمگە مەھكۇم جىنايەت دەپ بېكىتتى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «لۇدچىلار» دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات ھەتتا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشتى.. بۈگۈنكى كۈندە، «لۇدچىلار» يەنىلا بارلىق يېڭى پەن - تېخنىكىغا قارشى تۇرغۇچىلارنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇلار «يېڭى لۇد ئۇنسۇرلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بىز ۋەھىمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ «روبوت ئۈچ قانۇنى» غا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ روبوتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر ۋەھىمە پىسخىكىسىنى كۆرەلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ تەبىئىي ھالدا روبوتنى پۈتۈنلەي بويسۇنىدىغان قۇللۇق ئورۇنغا قويغان (robot دېگەن ئاتالغۇ چېخ تىلىدىكى robota تىن كەلگەن بولۇپ، «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش» دېگەن مەنىدە).
بۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ، بۇ بىزنىڭ روبوتقا بولغان قارىشىمىزغا باغلىق. بىز روبوتنى «قورال» دەپ قارىغىنىمىزدا، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق؛ لېكىن بىز روبوتنى سېزىدىغان جانلىق دەپ قارىغىنىمىزدا، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق ھېس قىلغاندا، بۇ ئىككى «ئىرق» تەبىئىي زىددىيەتلىك بولۇپ، توقۇنۇش ھامان يۈز بېرىدۇ.
رېئاللىقتىكى روبوت قائىدىسى
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۆۋەتتە رېئال دۇنيادا روبوتقا ئومۇميۈزلۈك بىرمۇ قانۇن يولغا قويۇلمىدى. روبوت ،AI ، ئاپتوماتىك ھەيدەش دېگەندەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇقۇملار ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ھەم ئوخشىمايدۇ؛ ئالاھىدە دۆلەت، رايونغا قارىتا تۈزۈلگەن تەكلىپ، يېتەكچى فاڭجېن، ئەخلاق رامكىسىنى بىر قازان داشقايناق دېيىشكە بولىدۇ. دۆلەت قاتلىمىدا، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئەڭ ئاكتىپ قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2024 - يىلىدىكى AI قانۇن لايىھەسى ھازىرغا قەدەر ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ AI نى ئىجتىمائىي نومۇر قويۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىدۇ ( شەخسىي سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ خاسلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش ئىجتىمائىي نومۇر قويۇش كاتېگورىيىسى ) ، AI نىڭ جىنايەتچىنىڭ رەسىمىدە ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدۇ ھەمدە AI دا شەكىللەنگەن مەزمۇنلارغا بەلگە قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ساغلام، بىخەتەر ياكى ئاساسىي ھوقۇققا نىسبەتەن خەتىرى يۇقىرى بولغان AI ئاچقۇچىلىرىغا نىسبەتەن ،ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ AI قانۇن لايىھىسىدە بىر قاتار ئالاھىدە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا پارلامېنتى تېخى AI توغرىسىدا ئەتراپلىق قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئەمما كىرىمنىي جىلغىسى جايلاشقان كالىفورنىيە ئىشتاتىدا شىتات باشلىقى يېقىندا 17 تۈرلۈك سۈنئىي ئەقىل قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى، بۇ ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ رەقەملىك ئوبرازىنى قوغداشتىن سايلامغا مۇناسىۋەتلىك ساختا نەرسىلەرنى ياساشنى چەكلەشكىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كانادا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى «سۈنئىي ئەقىل ۋە سانلىق مەلۇمات قانۇن لايىھەسى» ( AIDA ) نى ئوتتۇرىغا قويدى.
«روبوت ئۈچ قانۇنى» نىڭ سۈنىي ئەقىلگە بولغان كۈچلۈك چەكلىمىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى چەكلىنىدىغان ئاساسىي گەۋدە بولسا AI ئىجاد قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ياۋروپا - ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى چوڭ تىپتىكى پەن - تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. OpenAI CEO سى Sam Altman مۇنداق دېدى: ئەگەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش زىيادە قاتتىق بولۇپ كەتسە ، OpenAI ياۋروپادىن ئايرىلىشى مۇمكىن.
زاكبېرگمۇ 8ـ ئايدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى «مۇرەككەپ ھەم باغلاشمىغان» دەپ تەسۋىرلەپ، بۇنى يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى ۋە AI «ئىقتىسادنىڭ ئېشىش پۇرسىتى» دىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
AI ئۆزىنىڭ تەكلىپى
ماشىنا ياكى AI ئۆزى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟
ئاخىرىدا، بىز ChatGPT دىن ئاسىموۋنىڭ «روبوت ئۈچ قانۇنى»نى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى سورىدۇق. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ جاۋابى:
1.ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا بولغان ھۆرمەتنى كۈچەيتىش.
ئاسىموۋنىڭ بىرىنچى قانۇنىيىتىدە، روبوتلارنىڭ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقى ياكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئىنسانلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچراتماسلىقى تەكىتلەنگەن. AI نىڭ ئىنسانلارنىڭ مۇستەقىل خاراكتېرى ۋە شەخسىي سىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «AI چوقۇم يەككىلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشى ۋە شەخسىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: يېڭى تەكلىپ: «AI چوقۇم ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسى، شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ناتوغرا تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
2. كۆپ قاتلاملىق مەسئۇلىيەت تەقسىماتى.
ئاسىموۋنىڭ قانۇنىدا AI خاتا ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانداق بېكىتىش ئېنىق بەلگىلەنمىگەن. مەسئۇلىيەت تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ھازىرقى جەمئىيەتتە، AI سىستېمىسىنىڭ تەدبىرى مۇرەككەپ ئەخلاق ۋە قانۇن قاتلىمىغا چېتىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ماددىلارنى كۆپەيتىپ مەسئۇلىيەت تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «مەسئۇلىيەت بوش قېلىش»تىن ساقلىنىش كېرەك. يېڭى تەكلىپ: «AI ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەردە، AI ئىشلەتكۈچى، ئاچقۇچىلار، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئاشكارا ئىز قوغلاش كېرەك.
3. AI نىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلىشىنى كونترول قىلىش.
ئاسىموۋنىڭ ئۈچ قانۇنى روبوتلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى يوق دېگەن قىياسنى ئاساس قىلغان، لېكىن AI تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ AI سىستېمىسى مەلۇم دەرىجىدىكى ئۆز-ئۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. AI نىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەدبىرلەرنى چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، AI سىستېمىسىغا «ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش» مېخانىزمىنى سىڭدۈرۈش تەكلىپى بېرىمىز. يېڭى تەكلىپ: «AI سىستېمىسى چوقۇم ئۆزىنى چەكلەش مېخانىزمىنى ھازىرلىشى، ھەرىكىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىنسانلارنىڭ ئېتىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەمدە تەدبىر بەلگىلەش ياكى ھەرىكەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
4. ئەخلاق ۋە ئېتىكا رامكىسىنى كۈچەيتىش.
AI نىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا چوڭقۇر قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى تېخنىكا قاتلىمىدىكى مۇۋاپىقلىققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئېتىكا مەسىلىسىگىمۇ چېتىلىدۇ. مەسىلەن، AI داۋالاش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق سەزگۈر ساھەلەردە تەدبىر بەلگىلەشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئۈچ قانۇندا AI سىستېمىسىنىڭ چوقۇم تەدبىر بەلگىلەشنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئېتىكا ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بەلگىلەش تەكلىپىنى بېرىشكە بولىدۇ. يېڭى تەكلىپ: «AI باشتىن-ئاخىر ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەخلاق ۋە ئېتىكا ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى ھەم مۇرەككەپ تەدبىر بەلگىلەشنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئالدى بىلەن ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئويلىشىشى كېرەك.»
5. تەڭشىلىشچانلىق ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسى.
ھازىرقى زامان AI سىستېمىسى ھەمىشە قارا ساندۇق شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى چۈشىنىش تەس. ئىنسانلارنىڭ AI غا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، AI سىستېمىسىنى ئاشكارىلىق دەرىجىسىگە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەدبىرىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە تەڭشەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تەكلىپ: «AI نىڭ تەدبىر بەلگىلەش جەريانى چوقۇم ئاشكارا بولۇشى كېرەك، ئۇنى مۇۋاپىق سۇبيېكت تەكشۈرۈپ ۋە تەڭشەپ، ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەت قائىدىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»
6. AI نىڭ نىشان بېكىتىشنى چەكلەش.
ئەگەر AI نىڭ نىشانى مۇۋاپىق بەلگىلەنمىسە، ئۇ كۈتۈلمىگەن ۋاسىتە قوللىنىپ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارغا يوشۇرۇن زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، AI نىشانىغا چوقۇم لايىھەلەش باسقۇچىدا قاتتىق چەك قويۇپ، ئۇنىڭ نىشانىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەكلىپ: «AI نىشانىنى بېكىتىشتە جەزمەن ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش، ئۇزاق مۇددەت سەلبىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان نىشاننى ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك».
بۇ سۆزلەرنىمۇ ئەينى يىلى ئاسىموۋ ئىجاد قىلغان «ئۈچ قانۇن» غا ئوخشاش، كود شەكلىدە ماشىنىنىڭ «ئۆزىكى»گە «كىرگۈزۈش» ناھايىتى تەس.
شۇڭا بۇ مەسىللەر پەلىسەپە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىندى. پەن-تېخنىكا ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى پەلىسەپە ھەل قىلالايدۇ.
ئىساك ئاسىموۋ (Isac Asimov)، رۇسىيەلىك يەھۇدىي ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىق فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئامېرىكا ئىلمىي فانتازىيە ئالتۇن دەۋرىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن بىرى. ئاسىموۋنىڭ ئۆمرىدە يازغان ئەسىرى 500 پارچىغا يېقىن بولۇپ، تېمىسى تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، روبېرت خەينلېيىن، ئارتۇر كلارك بىلەن بىللە فانتازىيەلىك رومانلارنىڭ ئۈچ ماگناتى بولغان. 1920-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1992-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ياشىغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «بازا يۈرۈشلۈكى»، «سامانيولى ئىمپېرىيەسى تىرىلوگىيەسى» ۋە «روبوت يۈرۈشلۈكى» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېما «فانتازىيەنىڭ مۇقەددەس كىتابى»دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىلگىرى فانتازىيە ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھيۇگو مۇكاپاتى ۋە ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئالەم بوشلۇقىدىكى 5020-نومۇرلۇق سەييارە، بىر ژۇرنارل ۋە ئىككى تۈرلۈك ئاسىموۋ مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «روبوت ئۈچ قانۇن» «ھازىرقى زامان ماشىنا روبوت ئىلىمىنىڭ ئۇل تېشى»دەپ ئاتالغان.
مەنبە: ئالپ سالونى