ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى

ئورنى Wikipedia


ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىسقارتىلىپ «ئاسىيا بانكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1966-يىلى 12-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان.

قولاي تىزىملىك[تەھرىرلەش]

  • قامۇس باشبېتى
  • سۈرەتلەر

مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى

خەنزۇچە نامى :亚洲开发银行

چەتئەلچە نامى :Asian Development Bank

تىجارەت باشلىغان ۋاقىت :1966-يىلى 12-ئاي

بانكا ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىسقارتىلىپ «ئاسىيا بانكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1966-يىلى 12-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • بانكا ھەققىدە
  • ئەزالىرى
  • كەسپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى
  • ئاساسلىق كەسپى
  • تەشكىلىي ئاپپاراتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

«ئاسىيا بانكىسى» نىڭ ئەزالىرى: بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە غەيرىي رەسمىي ئەزالىرى؛ يەنە بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە بۇ رايوندا بولمىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئىبارەت. 1986-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلىتىمىز بۇ بانكىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلاندى.

كەسپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى[تەھرىرلەش]

ئاسىيا بانكىسىنىڭ كەسپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى: مۇشۇ رايوندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز پۇل ۋە تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەش، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئاساسلىق كەسپى[تەھرىرلەش]

4پارچەئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاساسلىق كەسپى: تۈر قەرزى، تېخنىكىلىق ياردەم، پاي چېكى مەبلىغى، ئورتاق مەبلەغدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەبلىغى ئادەتتىكى مەبلەغ ۋە ئالاھىدە مەبلەغ دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتىكى مەبلەغ ئاساسلىقى ھەرقايسى ئەزالار تاپشۇرغان پاي پۇلى ۋە قەرز پۇلى ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ. پاي پۇلى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدۇ، ھەر قېتىمدا مەلۇم نىسبەتتىكى ئالتۇن ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى تاپشۇرۇلىدۇ. پاي دەسمايىسىنى تاپشۇرۇشتا، بۇ بانكا قەرز پۇلىنى ياكى كېپىللىك پۇلىنى قايتۇرماقچى بولغاندىلا ئەزا دۆلەتلەرنى تاپشۇرۇشقا سۈيلەيدۇ. قەرز پۇل بولسا زايوم تارقىتىش ئۇسۇلى بويىچە خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىن توپلىنىدۇ.

تەشكىلىي ئاپپاراتى[تەھرىرلەش]

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى مۇدىرىيەت، كېڭەش مەجلىسى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە دەپ بۆلۈنىدۇ. بانكا باشلىقى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش بانكا فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا جايلاشقان.



ئىزدە قامۇسى - ئىزدە تورى