Jump to content

ئاشىق ۋە مەشۇق

ئورنى Wikipedia

ئاشىق ۋە مەشۇق

جاسارەت تاش


مۇھەببەت ئوقىدا يارىلانغان دىل

ۋىسالسىز بىر ئۆمۈر تاپالماس شىپا.

دەرد تارتقان ئاشىقنىڭ كۆڭلى نازۇك-زىل،

كۈنبويى ئەيلەيدۇ ئۈن-تىنسىز نىدا.


ئاشىقلىق يوللىرى ئەمەستۇر راۋان،

ئۇنىڭدا بار قويۇق چاتقال-تىكەنلەر.

ئۇچرىسا تاغ كەبىي ئېگىز-تىك داۋان،

ئەلەملىك دادلايدۇ مەن-مەن دېگەنلەر.


ئاشىققا ئاساندۇر ھاياتتىن كېچىش،

مەشۇقنىڭ مېھرىگە قىيماق تەس بىراق.

مۇمكىنمۇ ۋىسالنىڭ بەھرىدىن قېچىش،

ۋىسالسىز ھاياتقا تۇرسا دەرد-پىراق؟


ئاشىقلار ئىنتىلىپ مەشۇق ۋەسلىگە،

ئۆتسىمۇ بىر ئۆمۈر چېكىپ دەرد-ئەلەم،

كىرگەندە ھاياتنىڭ خازان پەسلىگە،

نەپرەتنىڭ يولىغا تاشلىماس قەدەم.


ئاشىقنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان سىر

مەشۇقنىڭ كۆڭلىگە بولمىسا ئايان،

ئاشىقنى ئۈمىدكە ئۈندىگەن پىكىر—

گۈللىرى ۋاقىتسىز ئەيلىنەر خازان.


كۈنداشلىق بىر ئۆمۈر ھەمراھ ھاياتقا،

كۈنلەشمۇ ئاشىققا ئازابلىق ھۇزۇر.

مەشۇقنىڭ نىگاھى تاشلانسا ياتقا،

قىينايدۇ ئاشىقنى خارلانغان غۇرۇر.


ئاشىققا يار ئەيلەر چەكسىز كۈچ-مادار

مەشۇقنىڭ مۇمكىنسىز ۋىسالى ئەبەد.

ئاشىقنىڭ مېھرىدىن يارالغان باھار

ئىللىقلىق بېغىشلار مەشۇققا پەقەت.


ئاي-كۈنلەر ئۆتىدۇ قوغلىشىپ ھامان،

ئاشىقنىڭ تەمەخور كۆڭلىنى ياساپ.

مەشۇقتا بولمىسا ساداقەت ئايان،

ئاشىقنىڭ قەلبىدە دولقۇنلار ئازاب!


ئاشىقتەك مەرد ئىنسان بارمۇ جاھاندا؟

مەشۇق دەپ كېچەر ئۇ بايلىق، ھاياتتىن.

نامەردلىك قىلماسمۇ ئاشىق پىغاندا،

مەشۇقى ئىزدىسە بەختنى ياتتىن؟


مۇھەببەت ئىنسانغا ئەڭ ئالىي سىناق،

ئۆلچەملىك جاۋابتۇر ساداقەت پەقەت.

ئاشىق يۈز نومۇرنى ئالسىمۇ، بىراق

مەشۇق تەن ئالمىسا، نۆلگە تەڭ ئەبەد!


ئاشىقنىڭ قەلبىدە لاۋۇلدىغان ئوت

مەشۇققا بەرمىسە ئىللىقلىق ئەگەر،

ئۇ نە ئوت، مىسالى بولۇپ مۇدھىش جۇت،

مەشۇقنىڭ كۆڭلىگە يەتكۈزەر زەرەر.


ۋىسالسىز ئاشىقتەك دەردمەن نەدە بار؟

مەۋجۇتمۇ مەشۇقتەك ئەتىۋار جانلىق؟

ئاشىققا مەشۇقنىڭ ۋەسلى بولسا يار،

ئوردىدەك تۇيۇلغاي چەللە-سامانلىق.


ئاشىقنىڭ بەدىلى نېمانچە ئېغىر؟

تاپامدۇ ئۇنىڭدىن مەشۇق ئىناۋەت؟

ئاشىقنىڭ كۆڭلىنى ئەيلىسە يېغىر،

مەشۇققا ئارتىلماس نېچۈن جىنايەت؟!


ئاشىقمەن، ھىجراننىڭ چۆلىنى كېزىپ

ئىزدەيمەن مەشۇقنىڭ چىمەنزارىنى.

ساداقەت كانىدىن زەر-ئۈنچە قېزىپ،

بېزەيمەن سۆيگۈمنىڭ خىلۋەت غارىنى.


مەنبە: جاسارەت تاش ئەدەبىيات سالونى