Jump to content

ئاغرىق-سىلاق ھەققىدە 100 ماقال - تەمسىل

ئورنى Wikipedia

ئاغرىق-سىلاق ھەققىدە 100 ماقال - تەمسىل


ئەمىتاخۇن چۈشكۈرسە،

مەمىتاخۇن زۇكامداپتۇ.

بىر كۈنلىك قىزىتما قىرىق كۈنلۈك كۈچۈڭنى ئالار.

خوراز يېڭىلسە ۋاك دەيدۇ،

دوختۇر يېڭىلسە راك (دەيدۇ).

بىر كېسەل ئون كېسەلنى چىللاپ كېلەر.

بىر يەردە توي بولسا، بىر يەردە ھازا؛

بىر يەردە تۇغۇلسا، بىر يەردە قازا.

ئالتە كۈنلۈك ئۆمۈرنىڭ يەتتە كۈنلۈك ئىشقى بار.

ئاغرىق، تاغ يىقىلغاندەك كېلىپ،

قىل سۇغارغاندەك چىقار.

باش ساق بولسا، تەن ساق بولىدۇ.

باشقا كەلگەن بالا،

ئاغرىق – سىلاقنى ئالا.

بالا ساقلىقى — ئانا بايلىقى.

بايلىقنىڭ بېشى — ساقلىق.

بۇ زامان ئۇزاق زامان، سەندىن، مەندىن قالىدۇ،

كىمنىڭ ھەققى كىمدە بولسا، ئاخىر بىر كۈن ئالىدۇ.

بىدەردنىڭ يېنىدا گەپ قىلساڭ، بېشى ئاغرار.

پاسكىنا ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن بەرىكەت كىرمەس.

پاكىز خوتۇن سەھەر قوپۇپ بېشىنى تارايدۇ،

مەينەت خوتۇن ۋاقچى قوپۇپ ئوچاق كولايدۇ.

پاكىزلىق− ساغلاملىقنىڭ دورىسى،

ئۇيات− ئەدەبلىكنىڭ جورىسى.

پۇتىدىن يىقىلغان قوپار،

ئېغىزىدىن يىقىلغان قوپالماس.

پۇل كېسەلگە دورا بولماس.

پۈتمەيدىغان ئۆمۈر يوق،

كۆيمەيدىغان كۆمۈر يوق.

بىر خىل تۇرساڭ، يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.

بىمار ئۆزىگە ياقمىغان تاماققا ئۆچ.

ئاچ ھالىنى توق بىلمەس،

كېسەل ھالىنى ساق (بىلمەس).

ئەت يېرىلماي قان چىقماس،

ئەجەل يەتمەي جان چىقماس.

ئەتىگەن تۇرساڭ، ئالدىڭدىن كۈن چىقار،

كەچتە تۇرساڭ، ئالدىڭدىن تۈن (چىقار).

ئەتىگەن قىلسا ناشتا،

كېسەل بولماس باشتا.

ئەجەل كەلسە جېنىڭنى ئالار،

تېۋىپ كەلسە پۇلۇڭنى (ئالار).

ئەجەل كەلگەندە ماجال قالماس.

ئەجەل نەگە بارىسەن؟

باينىڭ مېلىنى چاچقىلى،

يوقنىڭ كۆتىنى ئاچقىلى.

ئەجەل يەتمەي جان چىقماس،

بېخىل بايدىن نان (چىقماس).

ئەجەل يولى− كەكلىكنىڭ قەدىمىدىن قىسقا.

ئەجەلدىن بۇرۇن دورا قىل،

ئوچاققا قاراپ مورا (قىل).

ئەجەلسىز ئوق بولماس،

سەۋەبسىز ئۆلۈم (بولماس).

ئەجەلنىڭ ئېتى ئېگەرلىكلىك.

ئەجىلى تولغان قاغىنىڭ كۆكسى قان.

ئەخمەق بىلمەس ئېتىنىڭ ھارغىنىنى،

كوسا بىلمەس ئۆزىنىڭ قېرىغىنىنى.

ئەر ئۆلسە ئۆتۈكى قالار،

دەرەخ كېسىلسە كۆتىكى (قالار).

ئەمانىڭ تىلىكى كۆز،

گاچىنىڭ تىلىكى سۆز.

تاتلىق – تەملىك مىڭ بولۇر،

تەن ساغلاملىق بىر (بولۇر).

تازىلىق — ساقلىق.

تازىلىقى ياخشى كېسەل ئاز،

ئوچىقى ياخشى ئېشى ساز.

تازىلىق− بايلىقتىن ئارتۇق،

سالامەتلىك− شاھلىقتىن ئارتۇق.

تەن ئاغرىسا، جان سېزەر.

تەن ساقلىق – بەختتۇر.

تەن ساقلىق− زور بايلىق.

تەن قېرىسىمۇ روھ قېرىماس.

تەننىڭ ساقلىقى− جاننىڭ راھىتى.

تەننىڭ ساقلىقى− ئۆمۈر بايلىقى.

توخۇنىڭ خىيالى داندا،

ئاغرىقنىڭ خىيالىدا جاندا.

تولغاق ئاغرىقى كۆڭۈلدە تۇرماس،

كۆڭۈلدە تۇرسا قايتا تۇغماس.

تۇخۇ سەمرىسە، تۇغمىقى تەس،

ئادەم سەمرىسە، تۇرمىقى (تەس).

تەننىڭ ساقلىقى− غەمنىڭ يوقلۇقى.

تېنى ساققا كۈندە توي.

تېنىڭنىڭ ساقلىقىڭ− پادىشاھلىقىڭ.

جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق،

چېنىقمىغۇچە سالامەت يوق.

جان بار يەردە قازا بار،

مال بار يەردە بازار (بار).

جان راھىتى تەن بىلەن،

تەن ساقلىقى پەم بىلەن.

ياشلىقتا چېنىقساڭ،

قېرىغاندا مېغىزىنى چاقىسەن.

ئاچ ئۇخلىساڭ تېتىك قوپىسەن.

ئاچچىق بار يەردە ئاغرىق بار.

ئاچچىقى يوق ئادەم ئاسان قېرىماس.

ئادەم سۇنى مەينەت قىلار،

سۇ ئادەمنى پاكىز (قىلار).

ئادەم قېرىسا مۇڭ باسار،

ئاغرىغاننى ئوي (باسار).

ئادەم قېرىلىقتىن ئۆلمەس،

ئەجەلدىن ئۆلەر.

ئادەم ئۆمرى يازدىكى باراڭ،

كۈزدىكى غازاڭ.

ئادەم ئۆمۈرگە تويماس.

ئاز – ئاز يە،

كۆپ چاينا.

ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق.

ئاغرىپ ساقايغان جان ئولجا،

يوقىلىپ تېپىلغان مال (ئولجا).

ئاغرىغان باشقا ئاقچا دورا بولماس.

ئاغرىق ئادەم− كىچىك بالا.

ئاغرىق ئاشتىن كېلىدۇ،

بالا باشتىن (كېلىدۇ).

ئاغرىق توختىسىمۇ، ئەجەل توختىماس.

ئاغرىق ساقايغاندا،

تېۋىپنىڭ نېمە كېرىكى.

ئاغرىق ساقنى يۆلەپتۇ،

قاپ تاغارنى (يۆلەپتۇ).

ئاغرىق نەدىن كېلۇر،

ئىلغىماي يېگەن ئاشتىن.

ئاغرىق ئۆرلىسە، جېنىڭنى ئالار،

شىپا ئۆرلىسە، پۇلۇڭنى (ئالار).

ئاغرىققا تەييارلىق بىكار،

ئۆلۈمگە ھەييارلىق (بىكار).

ئاغرىققا كۈلكە ياقماس.

ئاغرىققا گەپ ياقماس،

ھارغانغا ئويۇن (ياقماس).

ئاغرىقنىڭ ئالدىدا ئۆلۈم توغرۇلۇق سۆزلىمە.

ئاغرىقنىڭ بېلى ئاغرىسا،

دوختۇرنىڭ بېشى ئاغرىپتۇ.

ئاغرىقنىڭ سانجىقى يامان،

سۆزنىڭ ئاچچىقى يامان.

ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلسا،

داۋاسىمۇ تېپىلىدۇ.

ئالما يەپ سۇ ئىچمەڭ ئاغرىيسىز،

جىگدە يەپ سۇ ئىچمەڭ سەمرىيسىز.

ئاياغدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ ئېغىزغا كىرەر.

چېچەكنىڭ ئېتى يامان،

قىزىلنىڭ يېلى (يامان).

چىۋىن دېگەن مەينەت نېمە،

ئۇ قونغان نەرسىنى يۇماي يېمە.

خاتىرجەملىك− كۆڭۈل يايلىقى.

دەۋا كۈچەيسە، پۇلۇڭنى ئالار،

ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى (ئالار).

دۇنيادا ئىككى ئۆلۈم يوق،

بىرىدىن قۇتۇلغان ھېچكىم يوق.

دۈشمەننىڭ ئۆلۈمىنى تېلىگۈچە،

جېنىڭنىڭ ساقلىقىنى تىلە.

رازى بولمىغان ئاش قۇرساق ئاغرىتار.

روھى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ يۈگۈرەلمەيدۇ.

ياشلىقتىكى دۆلەتتىن ساقلان،

قېرىلىقتىكى مەينەتتىن ساقلان.

ياشلىقىڭدا بىلمىدىڭ ساقلىق قەدرىنى،

قېرىغاندا تارتىسەن ئۇنىڭ دەردىنى.

يېشىڭ كۆپەيسە پۇتلىشارسەن،

گېپىڭ كۆپەيسە دۆتلىشەرسەن.

يېغىر قەيەردە،چىۋىن شۇ يەردە.