ئاقسۇ گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<ئاقسۇ گېزىتى> - ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى. <ئاقسۇ گېزىتى> - يۇرتىمىزدا ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلنغان گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1935 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا <غەلۋىر> دېگەن نام بىلەن قوليازما ھالەتتە نەشر قىلىنغان، 1936 - يىلى گېزىت نامى <ئاقسۇ ئۇچۇرى> غا ئۆزگەرتىلىپ، شاپىگراف بىلەن بېسىلغان، 3194 - يىلى گېزىتنىڭ نامى <ئاقسۇ گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن ھەم لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گېزىتنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، سەھىپىسى كۆپەيگەن. ئازادلىقتىن كېيىنمۇ گېزىت داۋاملىق نەشر قىلىنغان، 1954 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلىپ، <جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 1958 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى سۈپىتىدە قايتىدىن <ئاقسۇ گېزىتى>نامى بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان، 1976 - يىلى گېزىت چوڭ باسما تاۋاققا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرغىچە ھەپتىدە ئۈچ سان نەشر قىلىندۇ. <ئاقسۇ گېزىتى> دە گېزىت نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەر بېرىلگەن. 1943 - يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن يىللاردا <جەنۇب شامىلى> ناملىق مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ <يىللارغا جاۋاب>، <شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ> قاتارلىق شېئىرلىرىنى، نىمشېھىتنىڭ <مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن> داستانى ھەم يەنە بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان. 1976 - يىلى گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ نامى <بوستان>غا ئۆزگەرتىلگەن، 1988 - يىل 10 - ئايدىن ئېتىبارەن يەنە ئەسلىدىكى <جەنۇب شامىلى> ناملىق سەھىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ بەتكە شېئىر، ھېكايە، نەسر - ئوبزورلار بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]