ئاقسېپىل قەدىمى شەھىرى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئاقسېپىل خارابىسى)

 ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى بىر خارابە بولۇپ، بۇ خارابە لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇققا جايلاشقان . تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ، ئەسلىدە شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى7 ~ 8 چاقىرىم بولۇپ، قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى قۇم ئاستىدا قالغان. ھازىر بۇنىڭ 93.6 مېتىر قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. سېپىلنىڭ ئاستى كەڭلىكى 2.5مېتىر، ئۈستۈنكى كەڭلىكى 1.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ، سېپىل ئۈستىدە يوشۇرۇنۇش ئورنى بار. سېپىل ئەتراپىدىكى ئون نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە ئېرىق-ئۆستەڭ ، ئېتىز ئىزنالىرى بار . سېپىل چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان چوڭ تىپتىكى خىشتىن قوپۇرۇلغان . خىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 30~ 40 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىرچە كېلىدۇ . قەدىمكى شەھەرنىڭ يەر ئۈستىنى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى شامال يالاپ كەتكەن بولغاچقا ، سېپىل تام ئاستى ئەسلىدىكى يەر يۈزىدىن 4~5 مېتىرچە تۆۋەنلەپ كەتكەن ، ئىمارەت خارابىسى قالمىغان. بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەسلىدە نېمىدەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس . شەھەر سېپىلى ئاق سېغىزدىن قۇيۇلغان خىشتىن قوپۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن «ئاقسېپىل» دەپ ئاتالغانىكەن . ئەمەلىيەتتە بۇ كېيىنكىلەر قويغان ئىسىم بولۇشى مۇمكىن .

ئاقسېپىل قەدىمكى خارابىسى[تەھرىرلەش]

بۇ خارابىلىكتىن بەش مىسقاللىق مىس پۇل، چىشلىق چاق شەكلىدىكى پۇل، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە خاس مىس پۇل، ئات سۈرەتلىك ئۇدۇن مىس پۇلى، تاق قۇلاقلىق قىزىل ساپال كوزا، ساپالدىن ياسالغان ئات بېشى پارچىسى، خەنزۇچە-كارۇشتىچە يېزىقتكى پۇل، بەش دانە ساپال مايمۇن، تۆت دانە ساپال بۇت پارچىسى، تۆت قۇلاقلىق بىر دانە كوزا، ئادەم سۈرەتلىك بىر دانە كوزا قاپىقى پارچىسى، ئالتە دانە ساپال ئۇرچۇق غالتىكى، سەككىز دانە ئەينەك پارچىسى، بىر قاپ مۇنچاق، قىتان يېزىقىدىكى بىر مىس مۆھۆر... قاتارلىقلار تېپىلغان.

سېپل تېمىغا ئشلىتىلگەن كېسەكنىڭ بىر يۈزىدە يېزىق بولۇپ، ئاجراپ كەتكەن خىشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىغان 17 ھەرپ بارلىقى، ئۇنىڭ 15 ى قەدىمكى كارۇشتى يېزىقى، ئىككىسى قەدىمكى بىراخما يېزىقى ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئسپاتلاپ چىقىلدى . سېپىل تېمىدىكى يېزىقلارغا قارىغاندا، بۇ شەھەر خارابىسى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ.