ئاقشىدلار

ئورنى Wikipedia

ئاقشىدلار: ئاقشىدلار (ياكى بولشارلار، 白雪) توققۇز ئوغۇزلار ئىچىدىكى ئەڭ شەرققە جايلاشقان بىر قەبىلە بولۇپ، تارىخىي ھۆججەتلەردە، ھۇنلارنىڭ باشقا بىر ئۇرۇقى ئىدى، ئۇلار بايىرقۇلارنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، موغاللار بىلەن قوشنا ياشايتتى، ئەسكەرلىككە يارامىلىقى ئون مىڭ كىشى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن «يېڭى تاڭنامە» دە: «ئاقشدلار سىبىرلارنىڭ كونا زېمىلىرىغا ئۇرۇنلاشقان بولۇپ، ئاستانە (چاڭئەن) بولغان ئارىلىقى بەش مىڭ چاقىرىم كېلەتتى، تۇڭرا، بۆگۈ (بارغۇت) قەبىلىلىرى بىلەن چېگرىلىنىپ تۇراتتى، سىر-تاردۇشلارنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ ئوۋجىشۇي دەرياسى ۋە لىڭجىڭشەن تېغىغا كېلىپ پاناھلانغان. جەنۇبىي قىتانلار بىلەن، شىمالىي ئورقۇنلار( 乌罗浑 ) بىلەن، شەرقىي موغاللار بىلەن، غەربىي بايىرقۇلار بىلەن چېگرىلىناتتى، جايلاشقان يېرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مىڭ چاقىرىم كېلەتتى، تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇراتتى، ئەسكەرلىككە ياراملىقى ئون مىڭ كىشى ئىدى، ئوۋچىلىقنى كەسىپ قىلاتتى، قىزىل جىيەك تۇتۇلغان تېرە كىيىملەرنى كىيەتتى... ئۇلار جۈيەن (居延)، ۋورومۇ (无若没)، خۇاڭشۇي (潢水) قاتارلىق ئۈچ قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى» دېيىلگەن. تەتقىقاتچىلار ئوۋجىشۈي دەرياسى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى لاۋخا دەرياسى(老哈河) كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.