ئاق بۇژغۇن
كۆرۈنۈش
ئاق بۇژغۇن
ئىمىن ئەھمىدى
خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر
ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى.
تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك
ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى.
سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر
پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى.
ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق
ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى.
نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن
ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى.
يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد
پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى.
ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە
ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى.
مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر
ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى.
1995-يىل ئەتىياز