Jump to content

ئاق قەغەز ھەرىكىتى ۋە سىياسىي ھەلەق خېرىدارچىلىقى

ئورنى Wikipedia

ئاق قەغەز ھەرىكىتى ۋە سىياسىي ھەلەق خېرىدارچىلىقى

1

مىللەتكە «ئاق ئىت، كۆك ئىت، يېغىپ كەلگەندە ھەممىسى ئىت» پەلسەپەسىدىن دەرس سۆزلەپ كېلىۋاتقان، زىيالىيلىق كىملىكىنى بىر قەدەر سەۋىيە - ساپاغا يانداشتۇرۇپ نامايان قىلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان بەزى ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ يېقىندا خىتاي خەلقىدە باشلانغان ئاق قەغەز ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش چاقىرىقى، ھەتتا ئۆزى بىر قوللۇق ئاق قەغەز تۇتۇپ قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە دىققەت تارتتى. مەزكۇر ئاۋاز قوشۇش چاقىرىقى مەيدانغا كېلىشى بىلەن تەڭ بىر قىسىم سىياسىي ئاكتىپلار، بولۇپمۇ گەپ جانبازلىقىدىن بەكرەك، پىرىنسىپاللىقتا چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىي ساھەدە دادىل قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئاۋانگارتلار مەسىلىگە ساغلام سىياسىي نۇقتىئىنەزەردە قاراپ مۇمكىنقەدەر خىتاي خەلقى بىلەن بىر ۋاگونغا چىقىپ قېلىپ ئارقىدىن چۈشەلمەي قېلىشتەك سىياسىي تەنتەكلىككە دەسسىمەسلىك ئۈچۈن مەسىلىگە سەزگۈرلۈك ۋە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلار بۇ ھەقتە پەرقلىق كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق توغرا قەدەمنىڭ قايسىلىقىنى ئايرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەپسۇس، مەسىلىنىڭ دىياگنوزى توغرا ئانالىز قىلىنمىغاندىن سىرت، مەزكۇر ھېسسىي ئاۋاز قوشۇش گويا ئاقىلانىدەك كۆرسىتىلىشكە تىرىشىلدى. شۇنداقلا مەزكۇر ئاۋاز قوشۇش ھېلىقى زىيالىي ئەپەندىنىڭ ئىپادىسى بويىچە «باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش» تاكتىكىسى شەكلىدە ئىنتايىن يۈزەكى ۋە زېھنىيىتىگە قىلچە سىياسىي ئاڭ يۇقتۇرمىغان بىرىنىڭ ئىپادىسى سىياقىدا بايان قىلىنىپ ئۆتۈپ كېتىلگەن بولدى.

بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا يەنە بەزى تۇيغۇن سىياسىي ئەربابلىرىمىز، جۈملىدىن سىياسىي ساپاسى يېتەكچى ئورۇندىكى شەخسلىرىمىز مەسىلىگە يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكتە مۇئامىلە قىلىپ مەزكۇر چاقىرىققا قارىتا: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەسلى بىز باشلاپ بەردۇق ئوتنى بىز ياقتۇق، ئەمدى قوپۇپ ئۇلار باشلامچى بىز ئەگەشكۈچى بولدۇقمۇ؟ بىز بۇرۇندىن تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ دوراپ ئىش قىلمىساقمۇ، بولىدۇ. ئاق قەغەزگە خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى يوقالسۇن! ئۇلارنىڭ سېپىگە «خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات دەپ يېزىپ قېتىلىش» كېرەك؛ بىز باشقىلارنىڭ بىزگە بېرەلەيدىغىنىنى ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالمايلى. بىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز باشقىلارنىڭ بىزگە بېرەلەيدىغىنىدىن چوڭ. دەۋانى كىچىكلەتمەيلى» دېگەن تەرزدىكى تۈزەتمىلەرنى بەرگەنمۇ بولدى. يەنە بەزى تەشكىلات پېشقەدەملىرى بولسا، مەزكۇر تۈزەتمىنى تولۇقلايدىغان، بەلكى يۇقىرىقىدەك ئاۋاز قوشۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى ئىشنىڭ ئىگىسى ۋە باشلامچىسى بولۇشتىن ئەگەشكۈچىگە، ئاساسچىلىرىغا ئەمەس، فىگورلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا، سۇيۇقلاندۇرۇپ تۇيۇق يولغا سۆرەشكە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بايانلىرىنى، خىتاي خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىلىۋاتقان ئىسياننىڭ ماھىيەتلىك ۋە خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقلەرنى ئايرىپ بېرىدىغان پاسىللارنى ئېنىق بەلگىلەپ ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى.

نەتىجىدە مۇستەقىللىق كۈرىشىدە سىياسىي شوئارلار ئاقىلانە يول بىلەن ئېلىنغان ۋە مىللىي ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلغان ئاساستا بولۇش شەرتى بويىچە ئورتاق ھالدا ئاۋاز چىقىرىش پىلانى ئۈلگۈرە ئۈلگۈرمەيلا مانا ئەمدى ئاق قەغەز ۋە كۆك بايراقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ گويا شارابقا ھالال تامغىسى بېسىپ رېكلام قىلىنغان تۈستە مېدىيالارنى قاپلاشقا باشلاۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ.

2

ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر ئاق قەغەز ھەرىكىتىنىڭ چىقىشى مىللىي مۇستەقىللىق مەيدانى بويىچە كۆزىتىش ۋە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان، ئەمما شۇ پېتى قوشۇلۇشقا بولمايدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكى زېھنىيىتىگە سىياسىي ئاڭنىڭ شىرنىسىدىن تامچە يۇققان كىشى ئۈچۈن ئېنىقلا بىر مەسىلە ئىدى. بىراق مەسىلىگە ھاياجانچە قوللاپ - قۇۋۋەتلەش تەشەببۇسى ئارىلىشىش بىلەن تەڭ ئېنىق ئىش بىردىنلا نائېنىقتەك، مۇستەقىللىق پىرىنسىپىغا ئىگە بولغۇچىلارمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ تارتىشسا بولىدىغاندەك ئىشقا ئۆزگىرىپ كەتتى. سەۋەب نېمە؟ سەۋەب شۇكى، بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ زېھنىيەت قىسمى دەسلەپتىلا ئوسەيگە كېتىپ قالغان. ئاۋاز قوشۇۋاتقانلاردا مەزكۇر ھەرىكەتكە قارىتا كۆك بايراقلىق ياكى بايراقسىز ھالەتتە بولسۇن شۇ پېتى ئاق قەغەز كۆتۈرۈپ ماسلىشىشنىڭ ئۆزىلا مىللىي ئىرادىنى پىرىنسىپ قىلغان بىر زېھنىيەتكە مۇخالىپ كېلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى يېتەرلىك مۇلاھىزە قىلىنمىغان ياكى چولتا مۇلاھىزە قىلىنغان. ئەقەللىسى چوكىدا لەغمەن يېيىشكە كاللا قاتۇرغانچىلىك زېھىن ئۇپۇرتىلمىغان. بۇ ۋەجىدىن يوشۇرۇن ئاڭلىرىدا ئىشنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇنسىز بىر ئىش ئىكەنلىك سىگنالى چېلىنمىغان. ئەگەر زېھنىيەت راستتىنلا ئىددىئا قىلىۋاتقىنىدەك «ئاق ئىت، كۆك ئىت» پەلسەپەسىنى ئۆزلەشتۈرگەن زېھنىيەت بولىدىغان بولسا، مەزكۇر ئاق قەغەزگە شۇ پېتى ماسلىشىشنىڭ، بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىدا پاس چىقىرىپ ئەگىشىۋېلىشنىڭ ناتوغرىلىقى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ۋە مۇددىئاسىدىكى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىنلا مەلۇم بولغان بولاتتى:

بىرىنچى، خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر ئاق قەغەز ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ياكى ئوت پىلتىسى بولغان ئامىل خىتاي خەلقى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىۋاتقاندەك «شىنجاڭدىكى يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشتە ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق قول سىياسەت نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوتتا كۆيۈش ۋەقەسى»، شۇنداقلا «شىنجاڭ»دا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئەندىشىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەسلىدىنلا ھاكىمىيەتنىڭ دىكتاتورچە سىياسەتلىرىگە پارتلاش ھارپىسىدا تۇرغان خىتاي خەلقى كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ موزاينىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقى تەمسىلى بويىچە قارىدى ۋە پۇقرالارنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان زالىم سىياسەتكە قارشى ئىسيان ھەرىكىتى قوزغىدى. يەنى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوت پىلتىسى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئامنىڭ ۋەھشىيلىشىشى بولسا، مەزكۇر خىتاي خەلقى نەزىرىدە «شىنجاڭ»دىن ئىبارەت خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن جىنايەتكە قارشى تۇغان سېلىش، بۇ ئوتنىڭ چاچراپ مەملىكەت مىقياسىغا تۇتۇشۇشىدىن ئەندىشە قىلىش تۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. دېمەك ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىمۇ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭغا، شىنجاڭدىكى خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا بولۇۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، فاشىست سىياسەتنى توختىتىش ياكى يۇمشىتىش بىلەن، ياكى توزىتىش بىلەن تۈگەيدىغان ۋاقىتلىق بىر ھەرىكەتكە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تەڭ ئاق قەغەز كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىنىڭ مەزكۇر ئىسياندىكى مۇددىئاسىنى دەستەكلەش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە خاراكتېر جەھەتتىن ئاق قەغەز كۆتۈرگەن خىتاي خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەس، ئۆزىگە ئوخشاش جۇڭخۇا پەرزەنتى، جۇمھۇرىيەت پۇقراسى دېيىلىۋاتقان خەلقنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە قىلىنىۋاتقان جىنايەتكە، دىكتاتورلۇققا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، مىللىي ئىرادە نۇقتىسىدىن ئاق قەغەز ھەرىكىتىگە بايراقلىق ياكى بايراقسىز ئاۋاز قوشۇشنىڭ قايسى بىرى قىلىنسا ئوخشاش خىتاي خەلقىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيانىغا، زالىم سىياسىتىگە قارشى چىقىش ھەرىكىتىگە پۇقرالار سېپىدە تۇرۇپ ماسلىشىش بولۇشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئورتادا مۇستەقىللىق دەۋاسى بار ھالەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇنداق ئىسياندىن شۇ پېتى ئورۇن ئېلىشى سىياسىي مەۋقە نۇقتىسىدىن پارادوكستۇر. دىكتاتور ھاكىمىيەت بىلەن چىقىشالمايدىغان، قانداقتۇر ئوتنىڭ چاچراپ ئۆزىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىق شەپىسىنى ئالغاندا تۇيۇقى سىرقىراپ ئاتالمىش شىنجاڭلىقلارنى دەپ قوزغالغان «ۋىجدانلىق» خىتاي خەلقى بىلەن ۋاقتى كەلسە پۇرچىقى تەڭ پىشالايدىغان مۆمىن پۇقرا بولالايدىغانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھاياجانغا تايىنىپ ئاۋاز قوشقانلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ ماھىيەتتە ھەر مىللەتتىن تەشكىل تاپقان پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىدە بىر سەپتە بولغانلىق فوتوگرافىنى چىقىرىشتىن باشقىغا خىزمەت قىلمىغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مۇستەقىللىق شوئارىغا ئىگە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە دەستەكچى سىياقىدا، ئاتالمىش «خەقنىڭ چاپىنىدا تەرلەش» سىياقىدا شۇ پىتى ئاۋاز قوشۇشى مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان مۇستەقىللىقنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىش بولماي قالىدۇ. ئەكسىچە بۇ ئىش ئادىل تۈزۈمدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سايىسى ئاستىدا ۋاقتى كەلسە خىتاي خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇپ ئورتاق بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ پۇقراسى بولۇپ ياشىيالايدىغانلىق تۇتۇمىنى ئىپادىلەپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.

ئىككىنچى، مەزمۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، ئاق قەغەز ھەرىكىتىدىكى «ئاق قەغەز»نىڭ مەنىسىلا مۇستەقىللىق شوئارىغا ئىگە شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ شۇ پىتى ئاۋاز قوشۇشىنى چەكلەشكە يېتەرلىك. چۈنكى ئاق قەغەزنىڭ مۇددىئاسى مەزكۇر ھەرىكەتنى ئىزاھلىغۇچى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرى تەبىر بېرىپ ئۆتكىنىدەك: «ئاق قەغىزىمىز بىزنىڭ (خىتاي خەلقىنىڭ) دېيىشنى خالايدىغان، ئەمما دېيەلمەيۋاتقان ھەممە نەرسىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سىمۋول»دۇر، خالاس. دېمەك بۇ سىمۋول خەلقئارانىڭ نەزىرىدە خىتاي خەلقىنىڭ دىكتاتورلۇققا قارشى كۆتۈرۈپ چىققان سىمۋولى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نەزىردىكى شىنجاڭلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەۋجۇت كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىرالمايۋاتقان ئاۋازىنىڭ سىمۋولى. ھالبۇكى، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇستەقىللىق شوئارى ئاستىغا جەم بولغان شەخس ياكى تەشكىلاتلار بولسا، ئاۋاز چىقىرالمايدىغان بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى خەلقنىڭ بىر جۈزئىيسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي ئىرادىنىڭ ئاۋازچىلىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇلار ۋەتەن ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن دېيىشنى خالىغانلىرىنى خالىغىنىچە دېيەلەيدىغان، ئەركىن  سادا چىقىرالايدىغان مۇھىتتىكىلەردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل بولۇش ئىستىكى بار مىللەت دېمەكلىك،  خىتاي ھاكىمىيىتى تۈگۈل خەلقى بىلەنمۇ بىر رىجىم ئاستىدا بىر ۋاگونغا ئولتۇرمايدىغانلىق تۇتۇمىدا بولۇش دېگەنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە سىياسىي تۇتۇم بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقان ياكى شۇ ئىدىيەگە مەنسۇپلەنگەنلەر بولسا، ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى بولۇشنى رەت قىلىپ كەلگەن ۋە ھاكىمىيەتنى ھېچبىر ۋاقىت ئېتىراپ قىلمىغان بىر خەلقنىڭ تەمسىلچىلىرى بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك ھېچبىر ۋاقىت خىتاي خەلقىنىڭ بىر جۈزئىيسى بولمىغانمىز ۋە ئەسلا بولمايمىز دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. مىللىي مۇستەقىللىق خۇسۇسىدا زېھنىيەت بۇ تەرزدە بولغان ئىكەن، مۇقەررەر ھالدا پوزىتسىيە ۋە تۇتۇملاردا بۇ نۇقتىلار چوقۇم ئەكس ئېتىپ تۇرۇشى، مەزمۇنسىز ئاق قەغەز سىمۋولى بىلەن بىر قاتارغا تىزىلىۋالماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك خەلقئاراغا مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئەڭ كۈچلۈك يول بىلەن بىلدۈرۈش كېرەك بولۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي خەلقنىڭ پۇقرالىرى قاتارىدىكى سەپتىن ئورۇن ئېلىپ تۇرۇپ پەرق ھېس قىلدۇرماسلىق خاھىشىغا مايىللىق بىلدۈرۈش، ھەمدە ئوخشاش ۋاگونغا تەڭ سۆرۈلۈۋېلىش ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەش بولسا، بىلىپ تۇرۇپ قىلىنغاندا سۇيۇقلاندۇرۇش قاپقىنىغا دەسسەش، بىلمەي ھاياجاندا قىلىنىۋاتقان تەقدىردە ئوپئوچۇق سىياسىي دۆتلۈك بولۇپ قالغۇسى.

مەيلى خاراكتېر، مەيلى مەزمۇندا بولسۇن مىللىي ئىرادە نۇقتىسىدىن بولسۇن ئىشنىڭ مەزمۇن ۋە خاراكتېرىدە مىللىي ئىرادە پىرىنسىپلىرى بىلەن ئۇيۇشماسلىق تەرەپلىرى بار ئىكەن، پەرقلىق كۆرۈنۈش ۋە پەرقلىق ئاۋاز چىقىرىپ ئىشتىراك قىلىش ئورنىغا، ئاق قەغەزگە شۇ پېتى ئاۋاز قوشۇش چاقىرىقى ئېلىپ بېرىش ياكى قول - قولچە قوللاپ تەڭ ئاق قەغەز كۆتۈرۈشۈپ بېرىش شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ياتىدىغان بىر ئىشنى قوللاش جۈملىسىدىن بولۇپ قالىدۇ. بۇنى ئاقلاپ ئولتۇرۇش بولسا، مىللىي ئىرادىنى خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر ۋارىيانتىغا سۆرەش، زورىغا قىستىلىشقا زورۇقۇش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئەگەر ئاق قەغەز ھەرىكىتىنىڭ ئاداققى غايىسى دېيىلىۋاتقىنىدەك، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ئۆرۈش ياكى مەۋجۇت فاشىست رەئىسىنى تەختتىن چۈشۈرۈش بولغىنىدا، بۇنداق غايىنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇلار بىلەن بىر ۋاگوندا كۆرۈنۈشنىڭ، ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا مىللىي ئىرادە خۇسۇسىدا پىلان ياكى پۈتۈشۈش يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىمىزچە ھاياجانلىنىپ ئاق قەغەزچىلەر بىلەن بىر قاتاردا كۆرۈنۈش ئەخمىقانىلىقتۇر. شۇنداقلا بۇنىڭدىكى سىياسىي مەنتىقىنىڭ تەيۋەن دېموكراتچىلىرى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ تۇرۇشتىن، ھەرىكەت قىلىشتا ماسلىشىشتىنمۇ ئۆتە بىمەنە ئىكەنلىكىگە، سىياسىي ئاڭ جەھەتتىن ھاڭۋاقتىلىق بولىدىغانلىقىدا ھەم شەك يوقتۇر. چۈنكى تەيۋەن خىتايلىرى بىلەن قۇرۇق ئېمىزگۈ سېلىشىشتا بىللە كېتىۋاتقان توپنىڭ سىياسىي تۇتۇمىدا بىر پۈتۈن خىتاي مۇستەملىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش يوق، ئەكسىچە سىياسىي خىتابلىرىدا ئۇرغۇلىنىپ تۇرغاندەك، پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش مۇددىئاسى كۈچلۈك. تەيۋەن خىتايلىرى باشلىغان ھەرىكەتكە بۇنداق زېھنىيەتتىكى توپلارنىڭ بىرلىشىشى ئورتاق دۈشمىنىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بولغانلىقى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق ھەرىكەت قوزغىغۇچىلارنىڭ يىلتىزى خىتاي دۆلىتىدە تۇرۇپ، مەقسىتى دۆلەت پارچىلاش بولماستىن، ھاكىمىيەتنى يامان پەيلىدىن ياندۇرۇش ياكى مۇستەبىت رەئىسنى ئۆرۈش بولغان تەقدىردە، نۆۋەتتىكى ئاۋاز قوشۇش تەرەپدارلىقىدىكى مۇستەقىللىق شوئارىغا ئىگە زىيالىي ياكى تەشكىلاتنىڭ زورىغا ئاۋاز قوشۇۋېلىشى ياكى بۇنى ئاتالمىش تاكتىكا سۈپىتىدە ئاقلاپ قوللاپ يۈرۈشى تاشنى تاياققا زورلاپ تېڭىشتەك توغرا چۈشىنىپ بولمايدىغان ھەرىكەت بولىدۇ. چۈنكى ئاق قەغەز ھەرىكىتىنىڭ غايىسى ۋە تۇتۇمى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھېچ ئورۇن تۇتمىغان. ئەكسىچە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ تۇتۇمى ۋە غايىسى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگودىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە نارازىلىق ياكى ئىسياندىن ئىبارەت بولماقتا. بۇ قەدەر پەرقلىق ئىشقا ئەتەي شەرقىي تۈركىستانلىق سۈپىتىدە خىتاينىڭ ۋاگونىغا ئېسىلىۋېلىشقا زورۇقۇشنىڭ، رولى خىتاينىڭ ئىلكىدە كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا يامىشىۋېلىش قەستىدە پالاقشىپ كېتىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئەسلىدىنلا خىتاي خەلقىنىڭ قوزغىلىشى شەرقىي تۈركىستانغا ھېسداشلىق قىلىشتىن بەكرەك زالىم سىياسەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىپ قىلىشىغا كۆزى يەتكىنىدىن، «شىنجاڭ»نى ۋەتىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىپ «كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغا كەلمەي قويماي»دىغانلىقى ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققان  تۇرسا، بۇنىڭغا فىگور سۈپىتىدە «تەرلىۋىلىش» قەيەرچە سىياسىي ئاڭ؟

3

سىياسەتتە سۆز ئەمەس، ئەمەلىيەت، نىيەت ئەمەس، تۇتۇمنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى ئەقەللىي مەسىلە. شۇنداق ئىكەن، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەئەتىدىن بەكرەك، «شىنجاڭ»نىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشكە ياتىدىغان ئاق قەغەز ھەرىكىتىگە سۇۋاقچىلىق قىلىش نىيەت قانچە ئەلا ۋە ئۈست سەۋىيەدە بولۇپ كەتسۇن، مۇددىئا قانچە تاكتىكىلىق بولۇپ كەتسۇن، شۇ پىتى قاتنىشىپ ماسلىشىش سىياسىي نادانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. ھەم بۇنىڭغا بايراقنى يانداشتۇرۇۋېلىشمۇ مەسىلىنىڭ ئەسلىدىكى سىياسىي ۋەزنى ۋە خاراكتېرىنى بۇرىيالمايدۇ. چۈنكى ئاق قەغەزگە ماسلىشىش ئىستىكىنىڭ بولۇشىنىڭ ئۆزىلا بىر دۆلەت ئىچىدە خىتاي خەلقى بىلەن بىر كۈنلۈك ئاستىدا ئورتاق ئىستەك ئەھلى بولالايدىغانلىقنى تەن ئېلىشكە ياتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىشنىڭ ئەھۋالى «باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش» تاكتىكىسىغا ئوخشاشتىن بەكرەك، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەۋېلىش تاماسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. چۇلۋۇرى قولۇڭدا بولمىغان، رولى سېنىڭ كونتروللۇقىڭدا بولمىغان بىر قوزغىلىشتا فىگورلۇقمۇ قىممىتىڭمۇ يوق تۇرۇپ زورىغا قىستىلىش ۋە بۇنىڭدىن نەپ ئېلىشنى چۈشەكەشتىنمۇ ئارتۇق خىيالپەرەسلىك بارمۇ؟!

كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرگۈچى نۇقتىلارنىڭ بىرى، مەزكۇر ئاۋاز قوشۇش چاقىرىقىنى قىلىۋاتقان ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ ئاقلاۋاتقان شەخسىيەتلەردىن بىرىنىڭ خىتاينىڭ يېمەكلىكىدىن ھارامنىلا ئايرىپ توختىماستىن، ھالالنىمۇ ئايرىشتەك بىر قاتار ئۆزگىچە تۇتۇمى بىلەن كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇشىدۇر. يەنى خەلقىمىز ئۆزىنىڭ مىللىي تائاملىرىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئەكىرگەن بىر قىسىم ھالال تائام كۈلتۈرلىرىنىمۇ مىللىي دەستۇرخانىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاشنى، ھەتتا ئادەت - ئۆزلەشتۈرمىلەرگە ھېچبىر زىيان ياكى ئىدىيەۋى شالغۇتلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان، كۆنۈككەن يات ئادەتلەر قاتارىدا تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ يۈزلەپ ئىمپورت قىلىپ ئېلىپ كىرىلگەن غەيرى ئادەتلەر قارشىسىدا ئالدىراپ نۆۋەتمۇ كەلمەيدىغان چوكا تۇتۇش چاغلىق بىر ئىشتىمۇ رادىكال پوزىتسىيەدە تۇرۇپ چەكلەش تەرەپدارى بولۇش بىلەن تونۇلغان بىر زىيالىينىڭ بۇ چاقىرىققا باش بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئەجەبلىنەرلىك.  بۇ گويا كىشىگە ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغاشقا، ھۆپۈپكە كەلگەندە يۇڭدىماي تاناۋۇل قىلىشقا مەپتۇن خىيالىيلار تائىپىسىنىڭ زۇرۇقۇش تۇتۇمىنى ئەسكە سالىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر زېھنىيەتتىكى تۇتۇم سىياسىيلىققا چېتىلمايدىغان ئادەت كۈلتۈرىگە ياتىدىغان بىر ئىشتا خىتايغا قارشى رادىكال تۇتۇمدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر نېمىسىدىن ئادا - جۇدا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ئالقىش تىكلەيدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ياتىدىغان بىر ئىشقا كەلگەندە، بولۇپمۇ مىللىي دەۋانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى پەرقلىق يوسۇندا تىكلەشكە ئېھتىياج بولۇۋاتقان بىر پەيتتە سەپ تۇتۇش ۋە مەيدان ئىپادىلەشكە ياتىدىغان بىر ئىشقا كەلگەندە، خىتاي خەلقىنىڭ ۋاگونىدىن ئورۇن تۇتۇشتەك سىياسىي گالدىگۇلدۇڭلۇقنى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش»تەك دانالىققا جوراشتىن ئايانمايدۇ. كۈلتۈر مۇستەقىللىقنى رادىكالچە تەشەببۇس قىلىشتا «ھەلەق»تىن نېرى تۇرۇش پەلسەپەسىنى بازارغا سېلىپ خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇشتا گىرام شاشمايدىغاندەك تۇتۇمنى ئىپادىلەيدۇ - يۇ، مىللىي ئىرادىنى تەمسىل قىلىدىغان سىياسىي «داستىخان»غا خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىغا ئاۋاز قوشۇشقا ياتىدىغان سىياسىي «ھەلەق»نى داخىل قىلىشتا كىلومېتىرلاپ شاشالايدۇ. ئەجەبا، بۇ قەيەرچە يەڭگىلتەكلىك، قەيەرچە مەنتىقە؟ ئەجەبا ئىجتىمائىي ھەلەق ھەلەق، سىياسىي ھەلەق تاكتىكىمۇ؟ مەدەنىيەتتە ساپلىقنى قوغداشتا كۆرسىتەلىگەن رادىكال تۇتۇمنى، نېمىشقا سىياسىي ھەرىكەتتە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ؟

يىغىپ كەلگەندە ئۆلچەم قوش بولماسلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭدەك بەل ئۈستى بىرخىل، بەل ئاستى بىرخىل پەدىگە ئۇسۇل ئىجرا قىلىدىغان بىنورمال يۈزەكىلىكتە بولماسلىقى لازىم. شوئارلىرىمىزدا «زىيالىي مىللەتنىڭ ۋىجدانىدۇر» دەپ جار سالغان ئىكەنمىز، ۋىجدان سۈزگۈچىنى شەكلىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولۇشىغا ئىشلىتىپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھەرىكەتكە كەلگەندە گاللاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. نۆۋىتى بار ئىشلارغا كىرىشىپ قالغانچىلىك مۇھىملىقنى سىياسىي ھەرىكەتلەردىمۇ كۆرسىتىشكە سەل قارىماسلىق، ئىجتىمائىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن سىياسىي نۇقتىئىنەزەرنى ئايرىپ ۋە ھەربىرىنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىش زۆرۈردۇر. شۇنداقلا بۇنى ماقامىغا چۈشۈرۈپ ئورۇنداش زىيالىيلىق سۈپەتنىڭ تەلەپ - تەقەززاسىدۇر.

خاتىمە

خۇلاسە قىلغاندا، ئاق قەغەز ھەرىكىتىگە سۇقۇنۇش ياكى قوشۇلۇشنى سىياسىي پۇرسەت بىلگەن ھەمدە بۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتىگە يارايدىغان، شۇنداقلا مىللىي ئىرادىنى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغان پۇرسەت دەپ قارىغان ۋاقىتتا، بۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ يولى مەزكۇر ھەرىكەتنى ئەينەن نۇسخىلاپ دوراش ياكى ئەگىشىش بولماستىن، بەلكى يىلتىز خاراكتېرلىك پەرقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دېيەلمەيۋاتقان مىللىي ئىرادىسىنى داغدام ۋە دادىل جاكارلىيالايدىغان تۈستە، دىققەت تارتارلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتۇر. شۇنداقلا بۇنى يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ قانداقتۇر پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىكتاتورچە سىياسەتنىڭ نەتىجىسىلا بولماستىن، ماھىيەتتە مۇستەملىكە قىلىۋېلىشتىن كېيىنكى سۈمۈرۈش، ئېزىش ۋە قىرغىن قىلىپ يوق قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ شىددىتىنىڭ، ھەتتا بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆز پۇقرالىرىغا تۆلىتىشتىن يانماسلىقتەك ياۋۇزلۇقنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى  ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقىچە ئوتتۇرىغا چىقىش، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتكە قارشىلىقتا، يەنە كېلىپ بىز باشلىغان، ئەمما بىز باش بولمىغان بىر ئىسيان ھەرىكىتىدە خىتاي خەلقىگە ھەمنەپەسلىك تۈسىنى بېرىشنىلا كۆزلەپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تۇيۇق يولغا سۆرەپ تارتىدىغان ئۇرۇنۇشلار بولسا، ئاتىقى ۋە ھېكمىتى قانچىلىك «چوڭقۇر» ياكى «تاكتىكىلىق» بولۇپ كەتكەن بولسۇن، سىياسىي ھەلەق سۈپىتىدە چۆرۈپ تاشلىنىشى، ئىككىلەنمەي رەت قىلىنىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىجتىمائىي ھەلەق خۇسۇسىدىكى ئىددىئالىرىمىزنىڭمۇ پەيتى كەلگەندە سىياسىي ھەلەقنى تاناۋۇل قىلىشقا ھازىرلانغان بىر تۈرلۈك تاكتىكا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرغۇسى، شۇنداقلا مەپكۇرىلىرىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا يىلتىزى ساختا، يۈزەكى ۋە سۈنئىي بولۇشتەك ئەپت - بەشىرىسىنى نامايان قىلىشتىن ساقلىنالمىغۇسىدۇر.

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

2022-12-05