ئاكتىپ روھىي ھالەت بەرپا قىلىڭ
ئاكتىپ روھىي ھالەت بەرپا قىلىڭ
ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك پەرق بولىدۇ، بىراق، بۇ ئىنتايىن كىچىك پەرق ھەمىشە غايەت زور پەرق پەيدا قىلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئىنتايىن كىچىك پەرق – ھازىرلىغان روھىي ھالەتنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولۇشىدۇر، غايەت زور پەرق – مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەت.
1. ئاكتىپ روھىي ھالەت (PMA ئالتۇن قانۇنىيەت)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەربابنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ئۇنىڭ روھىي ھالىتى. بىر كىشى روھىي ھالەتتە ئاكتىپ بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار مۇئامىلە قىلالىسا، خىرىس ۋە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن تاقابىل تۇرالىسا يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.
بىز شۇنداق بىر غەلىتە پاكىتقا كۆز يۇمالمايمىزكى، بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كۆزگە كۆرۈنىدىغانلار ئاز، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كۆزگە چېلىقماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلار كۆپ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئەركىن، ئازادە ۋە بىمالال ياشايدۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلار چۈشكۈن، جاپالىق ۋە ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتىكى روھىي ھالىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، «روھىي ھالەت»نىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ھەيران قالىمىز.
مال ساتقۇچىلار ئارىسىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغانلار ناھايىتى ئاز: ياۋروپالىق ئىككى سودىگەر خۇرۇم ئاياغ سېتىش ئۈچۈن ئافرىقىغا بېرىپتۇ. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئافرىقىلىقلار يالاڭ ئاياغ يۈرىدىكەن، مال ساتقۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، «بۇ كىشىلەر يالاڭ ئاياغ يۈرىدىغان تۇرسا، خۇرۇم ئاياغلارنى ئالامتى؟» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي مەيۈسلىنىپ كېتىپ قاپتۇ؛ يەنە بىر مال ساتقۇچى بولسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، «بۇلارنىڭ كىيىدىغان ئايىغى يوقكەن، بۇ يەرنىڭ ئاياغ بازىرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن» دەپتۇ - دە، ناھايىتى خۇشاللىنىپ، ھەر خىل ئامال - چارە قوللىنىپ، ئافرىقىلىقلارنى ئاياغ سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپتۇ ھەم باي بولۇپ قايتىپتۇ.
مانا بۇ كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىقنىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەنلىكى. دېمەك، ئوخشاشلا ئافرىقا بازىرى، ئوخشاشلا يالاڭ ئاياغ ئافرىقىلىقلار، ئەمما كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن بىرسى ئۈمىدسىزلىنىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن؛ يەنە بىرسى تولۇق ئىشەنچكە كېلىپ، زور ئۇتۇق قازانغان.
تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇپ كۆزگە چېلىقماي ئۆتىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ روھىي ھالەت قارىشىدا مەسىلە بار. ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ئوڭايلا چېكىنىش يولىنى تاللايدۇ. «مەن بولالمىدىم، يەنىلا چېكىنەي» دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە مەغلۇبىيەت ھاڭىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قېيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بولىدۇ، «مەن قىلاي! مەن قىلاي!»، چوقۇم ئامالى بار!» دېگەنگە ئوخشاش ئوي بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ئامال - چارە تېپىپ، تاكى غەلىبە قىلغانغا قەدەر توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ. ئېدىسون نەچچە 1000 قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيىتىگە ھەرگىز تەن بەرمەي، دۇنياغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان لامپۇچكىنى ئاخىر ئىجاد قىلغان.
شۇڭلاشقا مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنىڭ پېشۋاسى ناپولېئون خېئول مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ – ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدە. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ پەرقى شۇكى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردا ئاكتىپ روھىي ھالەت، يەنى PMA(Positive Mental Attitude) بولىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلار كىشىلىك تۇرمۇشقا پاسسىپ روھىي ھالەت، يەنى NMA (Negative Mental Attitude) بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.» (ئامېرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى ساھەسىدە PMA بىلەن NMA ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان).
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كىشىلىك تۇرمۇشنى PMA ئالتۇن قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلار كىشىلىك تۇرمۇشنى ئاكتىپ تەپەككۇر، ئۈمىدۋار روھ ۋە شانلىق تەجرىبە بىلەن ئىدارە قىلىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلار ئۆتمۈشتىكى خىلمۇخىل مەغلۇبىيەت ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئۇلار ھەمىشە خىيالپەرەرس، قورقۇنچاق، ئۈمىدسىز، پاسسىپ، چۈشكۈن بولۇپ، ئاخىرى مەغلۇبىيەت يولىغا ماڭىدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشنى ئاكتىپ روھىي ھالەت قانۇنىيتىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدىغانلار ئاكتىپ، جۇشقۇن، تەۋەككۈل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلار كىشىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىق، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشنى پاسسىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدىغانلارنىڭ روھىي ھالىتى ئۈمىدسىز، لايغەزەل ۋە چۈشكۈن بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشقا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلە، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايدۇ.
بەزىلەر «ھازىرقىدەك قىيىن ئەھۋالغا قېلىشىمىزنى باشقىلار پەيدا قىلغان، مۇھىت كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىمىزنى بەلگىلىدى» دېيىشكە ئامراق. ئۇلار دائىم: «ئوي - پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس» دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بەلگىلىگەن ئەمەس. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. ناتسېستلار گېرمانىيىسىنىڭ مەلۇم بىر ھەربىي لاگىرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان ۋىكتور فرانكىل: «كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆز پوزىتسىيىسىنى تاللاشتىن ئىبارەت ئاخىرقى ئەركىنلىكى بولىدۇ» دېگەنىدى.
پەيلاسوپ مابكوك: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەلۇم تالانتقا، مەلۇم سېھرىي كۈچكە، ئۆزىمىزدە بولمىغان بەزى نەرسىلەرگە باغلىق، دەپ قاراش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ بەدەل تەلەپ قىلىدىغان خاتالىق» دېگەن. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى ئۆز ئىلكىمىزدە بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت – ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلانغانلىقنىڭ نەتىجىسى. بىرەر كىشىنىڭ يۇقىرىغا قانچىلىك ئۆرلىيەلىشىنى باشقا ئامىللار ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتى بەلگىلەيدۇ.
ناپولېئون خېئول بىزگە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تەقدىرىمىزنى ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ:
1. بىز تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلساق، تۇرمۇشمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.
2. بىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساق، باشقىلارمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.
3. بىزنىڭ بىرەر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى روھىي ھالىتىمىز ئاخىرىدا قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بۇ باشقا ھەرقانداق ئامىلدىن مۇھىم.
4. كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى ئورنى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇلار ئەڭ ياخشى روھىي ھالەتنى شۇنچە ئوڭاي تاپالايدۇ.
بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك مۇھىتىمىزنى – پىسخىك روھىمىزنى، ھېسسىياتىمىزنى تامامەن ئۆز پوزىتسىيىمىز بەلگىلەيدۇ، دېيىش قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئاكتىپ روھىي ھالەت بولسا ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئاكتىپ روھىي ھالەت بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چوقۇم ياخشىلايدۇ. ھالبۇكى، ھەممە ئىشتا مۇددايىڭىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن 17 ماددىلىق مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتىنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە پاسسىپ روھىي ھالەت بويىچە ئىشلىگۈچىلەر چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ناۋادا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ۋاقىتلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقىلىدۇ.
_ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»دىن