ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق
1
ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ، ھەمدەمچىلىك ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىرقىي ئايرىمىسى، سىنىپىي تەۋەسى، پارتىيە ياكى تەشكىلات ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت تەجرىبىلىرىنىڭ ئورتاق يەكۈنى شۇ: جەڭ شىددەتلەنگەندە سەپلەر بىرلىككە كېلىدۇ.
دۈشمەننىڭ ياقىسىغا قول ئۇزاتقىنىدەك ھال يوق چاغدا ئۆستەڭدىن ئېرىقلارغا بۆلۈپ تاشلانغان ئاقار سۇدەك ئېقىمدىن ئېقىنلارغا ئاجراپ، بۆلۈنۈپ ۋە كۆپىيىپ ماڭدۇق. پەرقلىق شوئارلار ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن تەشكىلاتچىلىق مودىسى ھۈجەيرە مىسالى غولداپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق گاھ توقۇنۇش، گاھ رەقىبلىشىش، گاھ ھەمكارلىشىش شەكلىدە كۆپ خىللىشىشقا ۋە پەرقلىق شوئارلار ئارقىلىق ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە تۇتۇندۇق. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى، ۋەزىيەت، شارائىت شۇنى تەقەززا قىلدى.
چۈنكى دۈشمەن كۈچلۈك. تارقىلىپ ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر بولدى.
چۈنكى، بىرىمىزنىڭ يولى تاقالسا، يەنە بىرىمىزنىڭ ئېچىلغان يولى ئارقىلىق كۈرەشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك بولاتتى.
چۈنكى، دۈشمەن رەزىل، بىرىمىز يىقىلساق، يەنە بىرىمىز دەرھال قەددىنى تىكلەپ لەپىلدەۋاتقان بايراقنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرىدىغان، دۈشمەننىڭ غەلىبە چۈشىنى بەربات قىلىشقا يارايدىغان ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
بۇلارنى نەزەرگە ئالدۇق-يۇ، كۆپىيىش ۋە تۈركۈملىشىشنىڭ دۈشمەننىڭ ياقىسىغا قول ئۇزىتىپلا قالماي يەنە سانسىزلىغان قوللارنىڭ تېگىش قىلىدىغان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋاقتى كەلگەندە بىرلا چاقىرىق بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن چىقىپ دۈشمەننى بوغۇشقا يارايدىغان ئەۋزەللىك ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقى ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئىستەكلىرىگە ماسلىشىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئارامىدا قىلىشقا يارايدىغان ئېشىندى كۈچلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويۇلسا بولمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ كەتمىدۇق.
2
كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللار ئۆتتى. ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغىنىمىزنى، ئاتلانغان بۇ يولدا دۈشمەننى رەسۋا قىلىش، مىللەتنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك تۈپ غايە ئەمەلگە ئاشمىغۇچە ھېچنەرسىنىڭ بىزنى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ھېچبىر كۈچنىڭ نىيەت - ئىقبالدىكى بىرلىكىمىزنى بۇزالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇدۇق. تۈركۈملىشىشمىز، تۈرلۈك پارتىيە ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشىمىزنىڭ پەرقلىق ئىمكانىيەتلەردىن كۈچ يىغىش، پۇرسەت ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ھەر ئىمكانىيەتنى مونوپوللۇق شەكلىدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە دەۋانى مۈلۈكلەشتۈرۈش خىرىسى كۆزىمىزنى كور قىلىپ تاشلىدى. «مونوپول قىلغان بىزدىن ئەمەس»، دېگەن مۇقەددەس تەلىمات قۇلىقىمىزغا تەسىر قىلمىغۇدەك دەرىجىدە پاڭ بولدۇق. خىيالىمىزچە مۈلۈكلەشتۈرۈۋالغان، ئاللىبۇرۇن ئاتالمىشقا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان ۋە ھەقىقىتى ئۆچۈرۈلۈپ شەكلىيلەشتۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئاللىبۇرۇن روھىنى جىمىقتۇرۇپ ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن «دەۋا» ئاتلىق تاۋارنى قوغداپ قىلىش، ھەمدە تىكلىگەن سىياسىي ماركىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئۈنىمىزنى بوغۇلغىدەك دەرىجىدە جاراڭلاتتۇقكى، جاراڭلاۋاتقان سادالار، سۆزلىنىۋاتقان نۇتۇقلار ھەقىقەتلىرىمىز ئۈچۈن بولماستىن، ئىسكىلىتلىرىمىزغا، ماركىمىزغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن بولۇپ قالدى. قىسقىسى، تىلىمىز ھەقىقەت ئۈچۈن كېكەچ بولۇۋالىدىغان، ئەمما مۈلۈكلەشتۈرۈلگەن ماركا ئۈچۈن سايرايدىغان ھالغا كەلدى. نە ھەقىقەتنى ئويلايدىغان قەلبتىن، نە ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان ئاڭلىقلىقتىن، نە ئۇنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان پاراسەتتىن ئەسەر قالمىغىلى تۇردى.
3
مانا بۇ خىل رېئاللىقلار ماھىيەتتە توپلۇمنىڭ ئاڭلىق زېھىنىيەتلىك ۋەزىيەتتىن چىرىگەن زېھنىيەتكە قەدەم قويۇشقا قاراپ مېڭىشى بولۇپ، سەھنىدە بوي كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ غايە بىلەن ۋاسىتىنى، ۋەزىپە بىلەن نىشاننى پەرق قىلالمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى، شەخسىي مايىللىقى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىنى ئىلغا قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يۇقىرىقى قانائىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەڭ تىپىك ئامىللاردىندۇر. تەشكىلاتلىنىشنىڭ كۆپ قىرلىشىشى، تۈركۈملەرگە ئايرىلغان ۋە ئېقىنلارغا ئاجرالغان ھالدا پەرقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋاسىتە. پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۈشمەننى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش ۋە غەلىبە يولىنى ئىزدەش بولسا ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر تەرەپ غايىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا چىن پۈتكىنىمىزدە، دەرۋەقە بۇ يەردە ۋەزىپىنى ئورۇنداش شەكىللىرى، غايىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاسىتىلەر پەرقلىق. ئەمما ۋەزىپىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش. غايە بىر. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، بۇ قەدەر كۆپلەپ تۈركۈملەرگە ئايرىلىشلار ئەسلىدىكى شەكىللىنىشىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپىنى ئۇنتۇماقتا. پۇرسەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر شەخسىي ئىستەكلەر ئاساسىدا پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. مەلۇم بولدىكى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار دۈشمەننىڭ كۈچ ۋە ھىيلە - نەيرەڭ ئاساسىدا تىكلىگەن ئوبرازىغا زەربە بېرىش، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن ھەمدە بۇ خۇسۇستا بەزى ئىمكانىيەتلەر قولغا كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىرىلىرىنىڭ پاسسىپلىق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىۋاتقاندەك، تەرەپ - تەرەپلەرگە تېزلا سىگنال كېلىۋاتقاندەك كۆپ سانلىقلار ئارا سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئەتراپنى بولسا بىرخىل پاسسىپ ۋەزىيەت قاپلاپ ئۈلگۈرمەكتە.
دۈشمەننىڭ ئۆزىگە قارشى ئۆكتە قوپقان كۈچلەردىن كۈتىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرىمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى توپنىڭ بۆلۈنۈشى ئەمەس، بەلكى مەزكۇر كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشكە تېگىشلىك پەيتتە بىرلىشەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدۇر. مەلۇم بىر ئەمەلىي ھەرىكەت، ياكى يېڭىچە بىر قەدەم قاچانكى دۈشمەننىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزىگە قارشى چىقىۋاتقانلارنىڭ ئامال بار سۈكۈت قىلىپ بېرىشىنى ئىستەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، دېمەك بۇ دۈشمەندىكى مەغلۇبىيەت قورقۇنچىدىن كېلىۋاتقان ئەنسىز تېپىرلاشلارنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق چاغدا ھە دېگەندە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقنى، دۈشمەنگە قارشى ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەرنى ئىزدەۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلارنىڭ دەۋاسىغا سەمىمىي بولۇشى، ھەر تەرەپلىمە مەشغۇلىيەتلىرىنى تاشلاپ دۈشمەننى ھالسىرىتىدىغان ئورتاق نۇقتىغا تەرەپ - تەرەپتىن تېگىش قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى، مەسئۇلىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، جەڭ قىزىشقاندا سەپلەر بىرلىككە كېلىدۇ. بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى بولغان ئىمام غەززالىينىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «شىددەت ھۆكۈم سۈرگەندە ئىچكى توقۇنۇشلار بىر ياقتا تۇرۇپ تۇرىدۇ». ئەمما كۆرمەكتىمىزكى، ۋەتەننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى، مىللەتنىڭ خارلىقتىكى ھالىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان جاي، دەردىنى سوراپ قويىدىغان ئورۇن ئىزدەپ ھارمىغانلار، نەچچە مىڭلاپ ئاۋامنى ھۇرراغا ئاتلاندۇرۇپ قوزغىيالىغان بىر تالاي تەشكىلات، بىرلىك، دەرنەك ۋەھاكازالارنىڭ كۆپ سانلىقى بۈگۈنكىدەك كۈچ ۋە ھەمدەملىكنى بىر نۇقتىغا يىغىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سېلىۋالغان قىياپەتتە كۆرۈنمەكتە. گويا مەسىلە ھەققىدە سۆزلىمەسلىككە قەسەم قىلىۋەتكەندەك سۈكۈتتە. دۈشمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جىمى جاھان ئەھلى كۆتۈرۈلۈۋاتقان داد - پەريادلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان زامانلاردا، يەنە كېلىپ دۈشمەنگە قارشى زەربىنىڭ ئېنېرگىيە كۈچى بولغان ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە تەشۋىقات كۈچلىرىنى ئايىماي سەرپ قىلغان، دۈشمەننىڭ دېرىزە ئارقىسىدىكى مەسخىرىلىك قاراشلىرىغا قارشى ئەڭ ئەمەلىي ئىنكاسنىڭ دۈشمەن قارارگاھىنىڭ كىلومېتىر يىراقلىقىدا تۇرۇپ «پەمىدۇر ئېتىش» سەۋىيەسىدىكى چەكلىك ئىمكانغا ئىگە چاغلاردا بار كۈچى بىلەن ئالدىنقى سەپكە چاقىرغان، تەشۋىقات كۈچىنى كەڭتاشا قويۇۋەتكەن ۋە سەپنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالغان ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بۈگۈنكىدەك خەلقئارا جەمئىيەتتىن «دەردىڭ نېمە؟»، «شىكايىتىڭنى ئاڭلاي» دەيدىغان شەپىلەرنى چىقىرىۋاتقاندا پاسسىپلارچە سۈكۈتنى راۋا كۆرۈشۈۋاتقانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرماي تۇرالمايدۇ.
بۈگۈن دۈشمەننى بىئارام قىلالايدىغان ئەمەلىي قوللاش ۋە ھەمدەملەشكەن ھالدا مەسىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتقاندا، «ئۆلىما» ئاتىقى كەيگەن توپنىڭ «چەمبەرچەس سېلىنغان بىنادەك بىر گەۋدە ھالدا شەرتسىز ئاللاھ يولىدا ئاتلىنىشنىڭ ئاللاھقا سۆيۈملۈك ئەمەل ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئەسكە ئالغان ھالدا قوللاش ئىپادىسى بەرگەنلىكىنى، مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن مەزكۇر مەسىلىنىڭ جىددىيىتى ھەققىدە ئىككى ئېغىز زۇۋان سۈرگەنلىكىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن ئىمان قايغۇسى ھەققىدە سۆز قىلىنسا ئىشتانغا پاتمىغۇدەك چىڭقىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا مىللەتنىڭ زۇلۇمىنى كۆتۈرۈۋېتىش يولىدا كىم ياردەم قىلسا ئۇنىڭ دىنىغا كىرىدىغانلىقى بىلەن جار سالىدىغان ئاتالمىش مىللەتچىلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى سەپەرۋەرلىكى ياكى مەزكۇر ھەرىكەتكە دائىر پائال چاقىرىقى كۆزگە چېلىققىنى يوق. ئەكسىچە سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساش بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بىز يەنە دەۋانىڭ سىستېمىلىشىشىنى ۋە بىر گەۋدە ھالىتىدە پەرقلىق تەرەپتىن ئورتاق ئاۋازدا قارشى ھەرىكەتنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، سىستېمىلىشىش چاقىرىقلىرىدىن ئەندىكىدىغان، ئەمما ئاتاقتىكى تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدا ھەممە بىر ئوبدان بىرلىشىپ قانداقتۇر مىللەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ ھارمايدىغان ئاتالمىش بىرلىكلەر، قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاتلىق گۇرۇپپىلاردا دۈشمەن ئۈستىدىن نۆۋەتتىكى «ئەرز ئاقتۇرۇش» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش، قول - قولچە قوللاش لازىملىقى ھەققىدە تەشۋىقات ۋەياكى سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى قىلىپ سالغانلىقىنى ئاڭلاپ سالمايۋاتىمىز.
بۈگۈنكىدەك بىرلىشىشكە ۋە ھەمدەملىشىشكە سىگنال چېلىنىۋاتقاندا چاغدا قەيەرگىچە ھەمدەم بولۇش ۋە قانداق مېتودتا بىرلىشىشنى بىلمەيدىغان پاسسىپ توپلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئېھتىماللىققا يول ئاچىدۇ. بۇنىڭ بىرى دەۋانىڭ ئىدېئاللىقىنى يوقىتىپ مۈلۈكلىشىشكە، بىباھالىقتىن باھالىق تاۋارغا ئايلىنىپ قالغانلىقى. يەنە بىرى بولسا، ھەرقايسى گۇرۇپپا ۋە توپلارنىڭ تاسمىلىق كۆندۈرۈلگەن تىپلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغانلىقى. ئۈچىنچى ئېھتىماللىق بولسا، كوللېكتىپ زېھنىيەت چىرىشكە مۇپتىلا بولغانلىقى.
پاسسىپلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە قارىتا يۇقىرىقى ئېھتىماللىقلارنىڭ قايسىسى سەۋەب بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر؛ بۈگۈنكىدەك مىللەتنىڭ تەسۋىرلەشكە سۆز ئىجاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى خارلىق ۋە زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشىغا مىڭدە بىر يولى بولۇپ، ئۇ يولنىڭ بېرىش نۇقتىسى «خىيانەت»كە تۇتاشمايدىغانلا بولسا، ھەممە تەرەپتىن ھەمكارلاشمىغان تەقدىردىمۇ، نوقۇل ئاشۇ يول ئۈستىدە بولسىمۇ ھەمدەمچى بولۇش، خاراكتېرى ئەل - ۋەتەنگە خىزمەت ھېسابلىنىدىغان، شۇنداقلا ھە دېگەندە پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدىغان بۇنداق مۇھىم ئىشلاردا ۋاقتىدا نېسىۋىدار بولۇشقا سەل قارىماسلىق، قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئادىمىيلىك بۇرۇچ ۋە ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيەتتۇر.
ئەسكەرتكىنىمىزدەك، ۋەتەن ئازادلىقى ھەمدە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى دۈشمەنگە قارشى زەربە ھەرىكەتلىرى مەلۇم پارتىيە ياكى تەشكىلات ياكى شەخسلەر بىر - بىرىگە دۆڭگىشىپ قويۇشسا بولىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ ئاڭلىماسلىققا، كۆرمەسلىككە سېلىۋالسا بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن ئەمەس. قانداقلا پۇرسەت ياكى ئىمكانىيەت مەۋجۇت تەشكىلىي گۇرۇپپىلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ قولىدا ئەمەلگە ئاشقان بولسۇن، بۇنداق بىر ھەرىكەتتە پۈتۈن تەرەپلەرنىڭ دولقۇن مىسالى يوپۇرۇلۇپ كېلىشى زۆرۈر. شۇنداقلا مەزكۇر پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى قوللاش ھەرىكىتى ماھىيەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئادىمىيلىك سىناق تېشىدۇر. چۈنكى، بۇنداق بىر ئەقەللىي ھەرىكەتكە پاسسىپلىق قىلىش ۋە ئېرەنشىمەسلىك ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق، مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزەرلىرىدىنمۇ ھالقىغان، بەلكى ئادىمىيلىككە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىدە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت مەسىلىسى زۇلۇمنى بىۋاسىتە ياشاۋاتقان بىز ئۈچۈن پاكىتقا، ئىسپاتقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋەزنىمۇ، ھۆكمىمۇ ھەرقانداق مىللەت ۋە خەلقتىن پەرقلىق. بۇ پەرقنى ھېس قىلماستىن ئۆزىنى ئۇيغۇر، ياكى مۇسۇلمان ۋە ياكى مىللەتچى دەپ يۈرگۈچىنىڭمۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسانلىقىدىن گۇمانلىنىش، ئادىمىيلىكىدىن شۈبھىلىنىش لازىم.
زار - زار قاقشاشلارغا، داد - پەريادلارغا بىرىلىرى ئىگە چىقىپ باقماقچى بولۇۋاتقان، ئەزر - شىكايەتلەرنى ئاقتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقاندا، يەنە كېلىپ پارتىيەسى، دەرنىكى ۋە تەشكىلىي تەۋەلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئورتاق ھەمدەم كۈچى شەكىللىنىشى تەقەززا بولۇۋاتقان بۇنداق پەيتلەردە پاسسىپلارچە سۈكۈتلەر، ئەتەي دىققەتنى بۇراش تىپىدىكى ئەرزىمەس تارتىشمىلارنىڭ ئوت پىلتىسىنى يېقىشلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭدەك، بىرىلىرىنىڭ قاپىقىغا قاراپ سادا چىقىرىشقا ئادەتلىنىۋاتقان قالپاقلىقلارمۇ، ھەمدە مىللەتكە خىزمەت، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىقلىرىنى پەش قىلىشتىن، ھەممىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈشتىن ئارام تاپمايۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلارمۇ باشنى ئىچىگە تىقىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. پاسسىپ مەزلۇملۇق ئومۇملاشقاندەك، پاسسىپ سىياسەتۋازلىقمۇ ئەۋج ئالماقتا. بۇ قەدەر بولۇۋېلىش ۋە تەرەپبازچە سىياسىيەتۋازلىقنى ئويناۋاتقان ھەر قايسى گۇرۇپپىلار قاچانغىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ؟ قاچان سۈكۈتنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ، قوللاشقا تېگىشلىكنى قاچان قوللاشقا ئاتلىنالايدۇ؟ ئۇيغۇرلۇق سايىسى ئاستىغا جەملەنگەن ئىنسانلار توپىدىن تەركىپ تاپقان ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ ئەزالىرى قاچان مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قەدەم ئالىدۇ؟ قايسى توپ ھەققانىي بولالايدۇ ۋە قايسىسى پاسسىپىلىقنى پەرقلىق ئۇسۇللاردا داۋام قىلىدۇ؟ بۇنى كۈنىمىز ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەجەبا تارىخ مۇشۇنداق چاغلارنى خاتىرىلىمىسە، يەنە نېمىنى خاتىرىلىسۇن!
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
2020-08-17
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى