Jump to content

ئالاخان موناستىرى

ئورنى Wikipedia

ئالاخان موناستىرى ئانادولۇ دۇنيا دىنلار تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولغان جاي. خىرىستىيان دىنى يېڭى دىن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، يېڭى دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى قۇددۇس ۋە رىمدا زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ. ئانادولۇ بولسا، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قاچقانلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن باغرىغا باسىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تۇنجى خىرىستىيانلار ھايات قېلىش، ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىندا ئەركىن ياشاش ۋە دىننى تارقىتىش ئۈچۈن ئانادولۇغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ساينىت پاۋلو بىلەن خىرىستىيان دىنىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك زاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ساينىت بارناباس خىرىستىيانلارنىڭ ئانادولۇغا كىرگەن تۇنجى رەھبەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئالاخان موناستىرى خىرىستىيان ئېتىقادىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە نۇقسانسىز گۈزەل ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىزلىككە سېلىنغان بۇ موناستىرنىڭ بىرى شەرق، يەنە بىرى غەرب تەرەپتە بولۇپ، ئىككى پەرقلىق چېركاۋى بار؛ ئۇلارنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى ئايا سوفيانىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئوخشايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ «مەرسىننىڭ ئاياسوفىياسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار، قۇرۇلۇشلاردىكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېگىز جايغا سېلىنغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، موناستىرنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]