"ھەنەفىي مەزھىپى" تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Jump to navigation Jump to search
no edit summary
ئازراقلا
== ئېنىقلىما: ==
ھەنەفىي مەزھىپى
ئېنىقلىما:
 
ھەنەفىي مەزھىپى ئىسلام دۇنياسىدا تارقالغان سۈننى ئەقىدىسىدىكى فىقھىي مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئمان (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسمىغا ئاساسەن ھەنەفىي مەزھىپى دەپ ئاتالغان.
 
== قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى: ==
 
مەزھەپنىڭ ساھىبى: ئەبۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئمان ئىبن سابىت ئىبن زۇتېي ئەتتەمىيمىي ئەلكۇفىيدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 80 ـ يىلى كۇفەدە تۇغۇلۇپ، ھىجرىيەنىڭ 150 ـ يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان. ئەسلى مىللىتى پارس بولۇپ، تابىئىنلارنىڭ تابىئىلىرىدىندۇر. ئۇنى بەزىلەر ساھابىلەردىن تۆت كىشىگە ئولاشقانلىقى ئۈچۈن تابىئىنلاردىن دەپ قارايدۇ. بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كېيىن ئوقۇشقا يۈزلىنىپ، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان، سۈننەتلەرنى ئۈگەنگەن ۋە فىقھىدا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ توغرىسىدا شافىئىي مۇنداق دېگەن: "فىقھىدا ئەبۇ ھەنىيفەدىن ئالىمراق بىرىنى كۆرمىدىم". ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "كىشىلەر فىقھىدا ئەبۇ ھەنىيفە ئائىلىسگە تەۋەدۇر"
 
== ئەسەرلىرى: ==
 
ئۇنىڭ ئىلمى كالامغا ئائىت «"الفقه الأكبر» ناملىق بىر كىتابى، يەنە «مسند الحديث»، «العالم والمتعلم» ناملىق كىتابلىرى ۋە "قەدەرىييەگە رەددىيە" ناملىق رىسالىسى بار. ئۇ مۇئەييەن فىقھىي كىتاب قالدۇرمىغان، پەقەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىملا قىلىپ بەرگەن، بۇ ئاساستا ئىمام مۇھەممەد ئىبن ھەسەن ئەششەيبانىي ئۇلارنى توپلىغان.
 
== كەمتەرلىكى: ==
كەمتەرلىكى:
 
ئۇ ھەمىشە «بىزنىڭ بۇ سۆزىمىز بىر خىل قاراش، بۇ بىزنىڭ ئىمكانىمىز يەتكەن ئەڭ ياخشى سۆز، كىمىكى بىزنىڭ سۆزىمىزدىنمۇ ياخشى بىر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ئۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ، بىز ئۇنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىمىز.»
 
 
زەفەر ئىبن ئەلھۇزەيل (110ھـ ـ 158ھـ): ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ قىياسقا بەكرەك ئېسىلىدىغان ساھىبلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنى چوڭ بىلەتتى، ئولۇغلايتتى. ئۇ ئىشەنچلىك، ئىبادەتخومار ۋە زاھىد كىشى ئىدى. قازى بولۇشنى رەت قىلىپ، بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى چېقىۋېتىلگەن، كېيىن ئۇ قايتىپ كىلىپ ئۆيىنى رىمونىت قىلغان ۋە ئوخشاشلا قازىلىقنى رەت قىلغانلىقى ئۆيى يەنە چېقىۋېتىلگەن. ئۇ قازىلىق مەنسىپىنى تۇتقىلى ئونىماي، ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەن، دۇنيادىن زاھىد بولۇپ كەتكەن. ئۇنى بەسرەلىكلەر ياخشى كۆرەتتى، ئۇ شۇ يەردە ۋاپات بولغان.
 
 
ئەلھەسەن ئىبن زىياد ئەللۇئلۇئي (ھىجرىيەنىڭ 204 ـ يىلى ۋاپات بولغان): ئۇ دەسلەپكى ئەبۇ ھەنىيفەگە، ئارقىدىن ئەبۇ يۇسۇفقا كېيىن مۇھەممەدكە شارگىرت بولغان... ئالدى بىلەن سۈننەت، ئىككىنچى قەدەمدە فىقھىي بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ ناھايىتى ھۇشيار، قەلبى ئويغاق، زىرەك ۋە رىۋايەتلەرنى يادلىغان كىشى ئىدى.
 
== ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئىجتىھادتا تۇتقان يولى: ==
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئىجتىھادتا تۇتقان يولى:
 
ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە مەزھىپىدە قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ، ساھابىنىڭ سۆزى، بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەرىئىتى ۋە باشقا ئىختىلاپلىق شەرىئەت مەنبەلىرىگە تايانغان.
 
ــ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھىي ئالىملىرى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بىرىدۇ: ئەبۇ ھەنىيفە سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىسلەرنى رەت قىلمايتتى، بەلكى ھەدىس ياكى خەبەر ۋاھىدنى قوبۇل قىلىشتا ناھايىتى چىڭ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆزرىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ كۇفەدە ئىدى، كۇفە سىياسىي گۇرۇھۋازلىق، پىتنىنىڭ ئوۋىسى ئىدى، ئۇ يەردە پىرقىلەر پارچىلىنىۋاتقان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەدىسكە سەل قاراپ، رىۋايەتلەرنى يۇشۇرىدىغان، ھەتتا ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىگە يارىدەمچى تېپىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىدىغان جاي ئىدى... كۇفە ۋەھيى نازىل بولغان، سۈننەتنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ھىجازدىن يىراق ئىدى. بۇ سەۋەبلەردىن ئىمام ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ئېھتىيات قىلاتتى.
 
== ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى: ==
 
بۇ مەزھەپ تۇنجى بولۇپ، ساھىبى ئۆسۈپ يېتىلگەن، كەچمىشلىرى جەملەنگەن ئىراقتا تارقىدى.
 
يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، ھەنەفىي مەزھىپى ئىسلام دۇنياسىدا تارقالغان ئىسلام سۈننى فىقھىي مەزھەپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسچىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئماندۇر. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسى قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ ۋە قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ، ساھابىنىڭ سۆزى، بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەرىئىتى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەتتۇر. ھەنەفىي مەزھىپى دەسلەپتە ئىراقتا تارقالغان، كېيىن ئابباسىيلار دۆلىتى ئۇنىڭغا ئىمكان ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇ ھازىر ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە تارقىلىۋاتىدۇ.
 
== ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى: ==
 
(ئا) ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ مۇھىم كىتابلىرى:
 
ئەلمۆۋلا تەقىييۇددىين ئىبن ئابدۇلقادىر ئەتتەمىيمىي ئەددارىي ئەلغەززىي ئەلمىسرى ئەلھەنەفىي (1005ھـ ۋاپات بولغان): "الطبقات السنية في تراجم الحنفية ـ تحقيق عبدالفتاح محمد الخلو"
 
== ئۇنۋېرسال كىتابلار: ==
ئۇنۋېرسال كىتابلار:
 
ـ د.ھەسەن ئەھمەد مۇرئېي: "الاجتھاد في الشريعة الإسلامية" ـ بۇ، ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مەجلىسى تەرىپىدىن نەشرى قىلىنغان (1401ھـ / 1981م) بىر يۈرۈش تەتقىقاتلارنىڭ بىرى.
 
 
ــ د.مۇھەممەد شەتا ئەبۇ سەئد: "محاضرات في الشريعة الإسلامية" قاھىرە، 1407ھـ
 
== قاراڭ ==
[[شافىئىي مەزھىپى|شافىئىي مەزھىبى]]
 
[[ھەنبەلىي مەزھىبى]]
 
[[مالىكىي مەزھىبى]]
[[تۈر:ئىسلام دىنى]]
[[تۈر:ئىسلام مەزھەبلىرى]]
5,919

قېتىم تەھرىرلەنگەن

يولباشچى تىزىملىكى