Jump to content

ئىراق: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

تەھرىرلەش خۇلاسىسى يوق
Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
47 -قۇر:
= تارىخ=
ئېفرات ۋە دەژلە دەرياسى ئارىلىقىدىكى مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدىكى مۇنبەت زېمىندا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت - سۇمېر، بابىل ۋە ئەسسۇرىيە مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە 656 - يىلى بۇ رايوننى ئەرەپ ئىمپېرىيەسى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خېل ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بۇ جاي پېرسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 762 - يىلى ئابباس خەلىپىلىكى (مىلادىيە 750 - يىلدىن 1250 - يىلغىچە) قەدىمقى بابىل يېنىدىكى باغدادقا كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تاكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئۇنى قۇشۇۋالغىچە، باغداد ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان.
ئەنگىلىيە ئارمىيەسى 1915 - يىلى ئىراقنى بېسىۋىلىپ، تاكى ئىراق 1932 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ھاشىم خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق نامىدا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1968 - يىلى سوتسىيالىزىم ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئىراق گۈللىنىش پارتىيەسى ھاشىم خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. سادامسەددام ھۈسەيىنھۈسەين 1979 - يىلى مەزكۈر پارتىيەنىڭ داھىيسى بولغان ھەم مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. سادامسەددام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە ھەدەپ زەربە بەرگەن ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1980 - يىلى ئىراق قوشنا دۆلەت ئىران بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇشقان بۇلۇپ، 1988 - يىلى ئىككى دۆلەت ئاندىن ئۇرۇش توختاتقان.
 
1990 - يىلى ئىراق ئارمىيەسى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغان، 2 - يىلى يانۋاردا پارس قۇلتۇقى ئۇرۇشى پاتىلغان بۇلۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قۇشۇنى ئىراقنى مەغلۇپ قىلىپ، كۇۋەيتتىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئىراققا ئۇزاق ۋاقىت جازا يۈرگۈزگەن ھەم « ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور قۇراللار بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، ب د ت نامىدا ئىراقنىڭ قورال - ياراغلىرىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرگەن. 2003 - يىلى 20 - مارت ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر :« ئىراقنىڭ قىرغىنچىلىقى زور قوراللىرى بار، شۇنداقلا ب د ت بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئىراققا بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئاپرېلدا گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيتى ئامېرىكا - ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئىراق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتۇرۇللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور بولغان قوراللار بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە دەلىل - ئىسپات تېپىلمىدى.
20

قېتىم تەھرىرلەنگەن