پېشىن نامىزى

ئورنى Wikipedia

پېشىن نامىزى (ئەرەبچە:صلاة الظهر)، قۇياش دەل تىكلىنىپ سەل قىيىلغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان بىر پەرز ناماز. كۈنلۈك بەش ۋاقىت پەرز نامازنىڭ ئىككىنچىسى.

پېشىن نامىزى پەقەتلا جۈمئە كۈنلىرى جامائەت بىلەن ئادا قىلىنمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا جۈمئە نامىزى ئوقۇلىدۇ.

پېشىن نامىزى بامدات نامىزىدىن 7-8 سائەت سوڭرە ئوقۇلىدۇ. بەئزىدە بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىسى پېشىن بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىدىنمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ.

پېشىن نامىزى 4 رەكئەت ئالدىنقى سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت ئاخىرىقى سۈننەت جەمئىي 10 رەكئەتتۇر.