Jump to content

ئالدىدا

ئورنى Wikipedia

ئالدىدا

نىمشېھىت


ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا ،

ئارزويۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا .

بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا،

تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،

يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن  تاڭلا سۇبھان ئالدىدا .


دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى ،

سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى ،

سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم  رەقىبلەر يېشىنى

مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى ؟!

قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا .


سەن ئىدىڭ دۇنيادا بىر ھۆسنى گۈزەل نازۇك بەدەن ،

ئىككىمىزدە باغلىنىش گوياكى ئەردى جانۇ- تەن ،

ئاھ!...گۈزەل يار ئوينىغان قەشقەر، كۇچا، يەكەن، خوتەن ،

نېمىلەر بولدى ئىكىن ئىپلاس ئاياغدا پاك ۋەتەن ؟!

سەن ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنمەس قانچە قۇربان ئالدىدا.


سۇلىرىڭى ئابىھاياتتۇر ،ئەي گۈزەل يارىم،سېنىڭ ،

تۇتىيادۇر تۇپرىقىڭ كۆزۈمگە ،دىلدارىم ،سېنىڭ ،

جانغا جاندۇ ئۇندا ئۆسكەن پارچە غەمخارنىم سېنىڭ ،

ئايرىلىش تىلدى يۈرەكنى ،كۆزى خۇمارىم ،سېنىڭ ،

ئۆرتەنۇر كويىڭغا قەلبىم جەرخى كەيۋان ئالدىدا.


ئاۋۋالىدا سەن ئىدىڭ جەننەتتە ئوخشاش بىر ماكان ،

ئەركە ئويناپ ئۆسكەن ئەردىم قىسمىغان بۇ كەڭ جاھان ،

خۇش پۇراقلىق گۈل - چىچەك تاللاپ ئۈزەردى باغبان ،

ئابرويۇڭنى ساقلار ئەردىم مەن بولۇبان پاسىبان ،

دۈشمىنىڭ كۆز تىكمەس ئەردى شىرى غىرران ئالدىدا.


باغا گۈل ،شېخىدا بۇلبۇل ،نېمىتىڭ شۈكرىن ئوقۇر ،

تاڭ سەھەر تورغايلىرىڭ تەسۋى سېرىپ قانات قاقۇر ،

بەلكى قۇشلار بارچىسى مەدھىيىڭ بىلەن يەرنى چوقۇر ،

چۈنكى خەۋپسىز يەر ، ھاۋا،تاغ، چۆل ۋە سۇ ،دۆڭ ھەم چوڭقۇر ،

ئەركىلەپ ئۆسكەن ئىدىم شاھزادىدەك خان ئالدىدا .


مەن ئۇ چاغدا سەندىن ئايرىلماقنى ئەسلا كۈتمىگەن ،

"ئىېھتىيات قىلغىن رەقىپتىن " دېسە ، ھەرگىز پۈتمىگەن ،

چۈنكى ئۇ كۈندە بېشىمدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ،

ئارغىمىقىمنى ئەپەندى قەبرىدە ئۈركۈتمىگەن ،

باشقا قامچا تەگمىگەنتى يولدا كارۋان ئالدىدا .


بال -شېكەردىن بەلكى شېرىندۇر كۈمۈش رەڭ سۇلىرىڭ ،

تاغلىرىڭدا يايرىشىپ ئەركىن ئۆسەر ئاھۇلىرىڭ ،

چېنىقىپ ئەردى رەقىبكە قارشى قول-بازۇلىرىڭ ،

ساڭا تەسىر يەتكۈزەلمەس ئەردى ھېچ جادۇلىرىڭ ،

سەلتەنەتلىك شەۋكىتىڭ  بولغاچقا ئىنسان ئالدىدا .


ماختىناردىم سەن كەبى بىر نازىنىننىڭ يارى دەپ ،

يارنىڭ كۆكرىگىگە تەككەن بىر سازىنىڭ تارى دەپ ،

ساڭا باغلانغان مۇھەببەت ھەممىدىن يۇقارى دەپ ،

خاھ گۈلۈم ..خاھ بۇلبۇلۇمغا قىش ۋە ياز باھارى دەپ ،

كوكۇلۇڭ بويىن ئۆپەردىم لالە- رەيھان ئالدىدا .


دىلبىرىم ،ئاھۇ كۆزۈم ،خۇرشىد يۈزۈم ،شېرىن سۆزۈم ،

ھۆسنى ئەپلاكىڭدا تۇغقان ئەردى تەلەي يۇلتۇزۇم ،

لەۋلىرىڭدىن قىزغانۇردى باغدا پىشقان تال ئۈزۈم ،

قاشلىرىڭ مىھراب قىلىپ سەجدە قىلاي تەنھا ئۆزۈم ،

چوڭ گۇناھكار بولسىمۇ دىن بىرلە ئىمان ئالدىدا.


ۋادەرىخا ،قايسى كۈندۈز ، شۇم رەقىب باستى ئاياق ،

سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق ،

مەن قۇچاقىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەب دەردى پىراق ،

نېمىتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق ،

بىر تىلەمچىدەك قىسىلدىم كۈزدە خامان ئالدىدا .


يىغلىدىن شۇندىن بۇيان تۈن -كېچىلەر بىدار بولۇپ ،

رەھىمسىز ئۆگەيگە قالغان قىز يېتىمدەك خار بولۇپ ،

ھەۋزىكەۋسەرنى كېچىبان تامچە سۇغا زار بولۇپ ،

تارلىشىپ كەتكەن جاھانغا سىغمايىن بىمار بولۇپ ،

بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك داڭدا ساچقان ئالدىدا .


شۇنداق ئۆمرۈم ئۆتكەنىدى  ئۆرتىنىپ ھەم كۈل بولۇپ ،

ئات ،ئېشەكلەر ئورنىدا دۈشمەنلىرىڭگە قۇل بولۇپ ،

"ئاللا ئەمرى شۇمىكىن؟" دەپ ، ساتسا بەلكى پۇل بولۇپ ،

ئۆتكەن ئۆمرۈم ئەسلىسەم يېشىم تۆكۈلەر كۆل بولۇپ ،

موللىنىڭ ئىمانى بولدۇم خۇددى شەيتان ئالدىدا .


ئاقىۋەت قوغلاندى بولدۇم ، بىر يولى تارتتىم پىراق ،

شۇم رەقىبنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلدى ، مەن بولدۇن يىراق ،

جانغا تويغان خۇددى بىر پەرۋانىدەك ، سەن بىر چىراغ،

كۈنمۇ كۈن ئارتتى ساڭا كۆڭۈلدە بولغان ئىشتىياق ،

تامچە سۇغا زار بولدۇم  بەھرى ئۇممان ئالدىدا .


مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئارت ،

مەيلى مەھبۇم بېشىدا قانلىق قىلىچىق پارقىراق ،

مايلى ۋەھشىيلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات ،

ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات ،

ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا .


ئۆلگىنىم ياخشى نىگارىمدىن تىرىك ئايرىلغۇچە ،

ئۇچىمەن ساڭا بېقىپ تاكى قانات قايرىلغۇچە،

كۈرىشىم قايتماس رەقىب جېنى تېنىدىن ئايرىلغۇچە ،

بولدى ئەمدى سەۋرى يوق ياتتىم  مانا بىر يىلغىچە ،

ئورما ئورماق ئانچە تەس بولمايدۇ دېھقان ئالدىدا .


تارت قولۇڭنى ۋەھشى دۈشمەن ،تېخى جېنىم تەندە بار ،

ئىنشائاللا ،پات يېقىندا سېنى قىلغۇم تارماي ،

ئەي پەلىد، چاپسان يوقال! گۈزەل يېرىمنى قىلما خار ،

سەن قارا زۇلمەتنى يوقاتسام ،سائادەت تاڭ ئاتار،

كۈن نۇرىن كۆرسەتمىگەن سەن پەردە ئاسمان ئالدىدا.


كۈرىشىم ھېچ توختىماس تا قەترە قانىم قالغىچە ،

تەسىرىڭنى يوق قىلۇرمەن قەلبىم ئارام ئالغىچە ،

ئەزرائىل «پۈتتى ئىشىڭ»دەپ تاكى جانىم ئالغىچە ،

تەن سوۋۇپ يۈرەك ، تومۇر ،قان ، ھەرىكەت توختالغىچە ،

شۇندا ئەۋلادىم تۇرار دەۋاغا سۇلتان ئالدىدا .


مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈدنى ئۈزمىگىن ،

دۈشمىنىڭنى ئۇر !پەقەت ئەركىنغىنا يۈرمىگىن ،

ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى-ئىشرەت تۈزمىگىن ،

شۈم رەقىبكە باغلىرىمدىن مىۋىسىنى ئۈزمىگىن ،

پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل-گۈلىستان ئالدىدا .


ئەر ئەمەسمەن تاكى دۈشمەننىڭ قېنىن  ئاققۇزمىسام ،

دۇنيادا خائىنلىق ئەيبىن كۆكسىگە تاققۇزمىسام ،

ئوت زەھەرلىك نەشتەرىلە ئۆزىنى چاققۇزمىسام ،

«ئەللەي ئېتىپ» يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام ،

شۇندا" مەرد " نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا .


ئەي سەنەم ، ئەتراپقا باق ، خەلقىممۇ ھەم تېنچ ياتمىسۇن ،

"تاشلىۋەتتى ، سۆيگىدىن كەچتىمۇ ؟" دەپ باش قاتمىسۇن ،

جىم يېتىپ ،ھەسرەت چېكىپ ،قانلار يۇتۇپ ،دەرد تارتمىسۇن ،

ھىلىگەر مەككار رەقىبكە ئابرويىنى ساتمىسۇن ،

ئەيلىسۇن خار بولغۇنۇمنى ئۇندا زىنداق ئالدىدا .


دەردلى دىل ھېچ توختىماس، سىرلىق قەلەم قايناپ يازار ،

مۇڭلۇق دادىمنى ئىشىتسە خىزرى تەسىبىھدىن ئازار ،

چۈنكى ئول بەتبەخت رەقىبلەر نىمشېھىتكە گۆر قازار ،

مەيلى ئۆلسەم سۆيگۈ يولىدا مەجرۇھ تېنىم بولغاي مازار ،

كۆز يېشىم ئارتار تېخى قىز ۋە ئوغلان ئالدىدا.