ئالىملار سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالتۇن تاۋلىدى، لېكىن...
ئالىملار سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالتۇن تاۋلىدى، لېكىن...
2025.10.15
بۇ يىل ئالتۇننىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، گىرامىنىڭ باھاسى تېزلا 1000 يۈەنگە يېتىدۇ؛ كۆپچىلىك سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالتۇن تاۋلاشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟
ئالتۇن تاۋلاش يەنى، مىس، قوغۇشۇن دېگەندەك مېتاللارنى تاۋلاپ ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنى ئىنسانلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. قەدىمكى زاماندا ئىنسانلار كىمىياگەرلىك دېگەن پەننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالتۇن تاۋلاشقا ئۇرۇنغان.
كىمىياگەرلىك (Alchemy) ۋە ئالتۇن تاۋلاش (Chrysopoeia) قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە ئىنتىلىشلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئىنتىلىش پەقەت مېتاللارنى ئۆزگەرتىشلا ئەمەس، بەلكى پەلسەپە، روھىيەت ۋە تېبابەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك بىلىم سىستېمىسى ئىدى.
كىمىياگەرلىك قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ 18-ئەسىرگىچە غەربىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادا مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئىلىم، پەلسەپە ۋە سەنئەتنىڭ بىرىكمىسىدۇر.
كىمىياگەرلەر ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ مەقسەتكە يېتىشنى ئۈمىد قىلغان:
1. ئالتۇن تاۋلاش (Chrysopoeia - مېتالنى ئۆزگەرتىش): ئەرزان باھالىق مېتاللارنى (مەسىلەن، قوغۇشۇن، مىس ياكى سىماب) ئەڭ مۇكەممەل مېتال بولغان ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش.
2. ھاياتلىق شىپاسى (Elixir Vitae): بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان، ياشلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋە ئۆلمەسلىككە ئېرىشتۈرىدىغان سۇيۇقلۇق ياكى ماددىنى تېپىش.
3. پەيلاسوپ تېشى (Lapis Philosophorum): يۇقىرىدىكى ئىككى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئەپسانىۋى ماددا. بۇ تاشنىڭ ئازغىنە بىر پارچىسىنى ئادەتتىكى مېتالغا تەگكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى دەرھال ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارالغان.
پەلسەپىۋى ئاساس
كىمىياگەرلىك ئارستوتىلنىڭ «تۆت ئېلېمېنت» نەزەرىيەسىگە (يەنى ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق) ۋە مېتاللارنىڭ سىماب-گۈڭگۈرت نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بارلىق مېتاللار ئوخشاش بىر ئاساسىي ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ ساپلىقى ۋە پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىدە پەرقلىنىدۇ. قوغۇشۇن «كېسەل» ياكى «پىشىپ يېتىلمىگەن» مېتال بولسا، ئالتۇن «ساغلام» ۋە «مۇكەممەل» مېتال ئىدى.
كىمىياگەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تېخنىكىلىق جەريانلار (يەنى قىزىتىش، سۈزۈش، ھەيدەش) ئارقىلىق بۇ «كېسەل» مېتاللارنى «مۇكەممەللىك» ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش ئىدى.
كىمياگەرلەر ئالتۇن تاۋلاش ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن (چۈنكى ئاتوم يادرو ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ جەرياننى ئادەتتىكى خىمىيەلىك ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ)، ئەمما ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى زامانىۋى خېمىيە (Chemistry) ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالغان.
ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى:
1. تەجرىبىخانا تېخنىكىلىرى: كىمىياگەرلەر ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىش ۋە تازىلاشنىڭ نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلدى.
2. ئۈسكۈنىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش:ھەيدەش قازانلىرى، سۈزگۈچ ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوچاقلارنى لايىھەلەپ چىقتى.
3. يېڭى ماددىلارنى بايقاش:ئۇلار سىماب، گۈڭگۈرت، ئارسېن، ھەر خىل تۇزلار ۋە بىر قانچە مۇھىم كىسلاتا (مەسىلەن، سۇلفات كىسلاتاسى، تۇز كىسلاتاسى) قاتارلىق نۇرغۇن خىمىيەلىك ماددىلارنى بايقاشقا ياكى تۇنجى قېتىم ئىشلەپچىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
قىسقىسى، كىمياگەرلىك ئالتۇن تاۋلاش ئارزۇسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى تەجرىبە قىلىشقا ۋە ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەن، شۇ ئارقىلىق زامانىۋى خېمىيە ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان تارىخىي ئىلىمدۇر.
ئالتۇن تاۋلاشنى تېخنىكا جەھەتتە ھەقىقەتەن قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر قىلالمايدۇ، رىۋايەتلەردىكى كىمىياگەرمۇ ئەمەس، بەلكى فىزىكا ئالىمىلىرى قىلالايدۇ.
ئالىملار سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسى ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالتۇن تاۋلىدى.
ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار ئەڭ كۈچلۈك LHC سوقۇشتۇرغۇچ (对撞机) ئارقىلىق تەجرىبە ئىشلىگەن.
ئۇلار ئىككى دەستە قوغۇشۇن ئىيونىنى %99.999993 لىك يورۇقلۇق تېزلىكىدە سوقۇشتۇردى، گەرچە ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سوقۇلۇش يۈز بەرمىسىمۇ، لېكىن بۇ جەرياندا ئېلېكتىر ماگنىت ئىيونلىنىش پەيدا بولۇپ، 82 پىروتونغا ئىگە قوغۇشۇن يادروسى تاسادىپىي 3 پىروتون تاشلىۋېتىلىپ، ئاندىن 79 پىروتونلۇق ئالتۇن ئاتوم يادروسىغا ئايلاندى.
ئالىملار 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان تەجرىبىدە تەخمىنەن 86 مىليارد دانە ئالتۇن ئاتومىنى سوقۇپ چىقارغان.
ئۇنداقتا بۇ ئاتوم يادرولىرى زادى قانچىلىك؟
86 مىليارد دانە ئاتوم 34 مىليارد 500 مىليوندىن بىر گرامغا باراۋەر، ھالبۇكى LHC سوقۇشتۇرغۇچنى سىناشقا كەتكەن تەننەرخ تەخمىنەن 24 مىليارد 370 مىليوندىن 25 مىليارد 50 مىليونغىچە خەلق پۇلى، ھېسابلاپ كۆرسەك، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئالتۇن تاۋلاشتىن چىققان ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ تەننەرخى 21^10×8.6 يۈەن بولىدۇ.
يەنى، ھەر گىرامى 8600000000000000000000.00 يۈەن خەلق پۇلى. (86 نىڭ كەينىدە 20 نۆل بار، ئۆزۈڭلار ئوقۇۋېلىڭلار)
بۇ تەننەرخ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، پۈتۈن دۇنيادىكى پۇلنى قوشقاندىمۇ بۇنچە كۆپ ئەمەس، سوقۇشتۇرغۇچتا ئالتۇن تاۋلاشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
قوشۇمچە:
سوقۇشتۇرغۇچ (对撞机) دېگەن نېمە؟
سوقۇشتۇرغۇچ بولسا زەررىچە فىزىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان، ماددىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئىلمىي ئۈسكۈنىدۇر.
ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى زەررىچىلەرنى (مەسىلەن، پروتونلارنى ياكى ئېلېكترونلارنى) ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەت ۋە ئېنېرگىيەگە تېزلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە سوقۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
سوقۇشتۇرغۇچنىڭ خىزمەت پرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك:
1. تېزلىتىش (Acceleration)
زەررىچىلەر (ئادەتتە ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق) يۇقىرى ئېنېرگىيەگە يېتىپ، نۇر سۈرئىتىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ جەريان ئادەتتە يەر ئاستىدىكى ئۇزۇن، يۇمىلاق تونېللاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. قارشى سوقۇشۇش (Collision)
تېزلەشتۈرۈلگەن زەررىچىلەرنىڭ ئىككى نۇرى بىر نۇقتىدا بىر-بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە سوقۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ سوقۇشۇش ناھايىتى زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەنى بىر كىچىك نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.
3. يېڭى زەررىچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى
ئېنېرگىيەنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن (ئېينىشتېيىننىڭ E=mc² فورمۇلاسى بويىچە)، بۇ سوقۇشۇش جەريانىدا ئادەتتىكى ماددىلاردا ئۇچرىمايدىغان يېڭى، ئېغىر زەررىچىلەر (مەسىلەن، خىگگىس بوزونىغا ئوخشاش) پەيدا بولىدۇ.
4. كۆزىتىش (Detection)
سوقۇشۇش نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سېنزورلار (دېتېكتورلار) بۇ يېڭى زەررىچىلەرنىڭ ئىزلىرىنى، خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە پارچىلىنىش شەكلىنى خاتىرىلەيدۇ.
سوقۇشتۇرغۇچ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ:
1. ماددىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش: زەررىچىلەرنىڭ ئەڭ كىچىك تەركىبىي قىسىملىرى (كۋاركلار، ئېلېكترونلار قاتارلىقلار) ئارا مۇناسىۋەت ۋە ئۆز-ئارا تەسىرلەرنى تەتقىق قىلىش.
2. يېڭى زەررىچىلەرنى بايقاش: نەزەرىيە جەھەتتىن مۆلچەرلەنگەن، ئەمما تېخى بايقالمىغان زەررىچىلەرنى ئىزدەش (مەسىلەن، 2012-يىلى LHC دا بايقالغان خىگگىس بوزونى).
3. كائىناتنىڭ دەسلەپكى شارائىتىنى تەقلىد قىلىش: چوڭ پارتلاش (Big Bang) تىن كېيىنكى دەسلەپكى سېكۇنتلاردا مەۋجۇت بولغان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك شارائىتنى قايتا يارىتىش.
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سوقۇشتۇرغۇچ شىۋېيتسارىيە بىلەن فىرانسىيە چېگراسىغا جايلاشقان ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى (CERN) دىكى چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچ (LHC) دۇر.
چاقماق پالۋان (闪电侠) تىياتىرىنى كۆرگەنلەر سوقۇشتۇرغۇچنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدۇ.
مەنبە: ئالپ سالونى