Jump to content

ئالگورىزم ۋە ئەل خارەزىمى

ئورنى Wikipedia

ئالگورىزم ۋە ئەل خارەزىمى

2024.12.06

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2024-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىنى ئۈچ ئالىمغا بىرىلدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قېتىمقى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتنىڭ يېرىمى ئامېرىكا ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى داۋىد بېكېر (David Baker) غا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقسىل لايىھەلەش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى؛

قالغان يېرىمىنى ئەنگلىيە سۈنئىي ئەقىل شىركىتى گوگۇل DeepMind شىركىتىدىكى دېمىس ھاسسابىس (Demis Hassabis) ۋە جون جۇمپېر (John M. Jumper) غا ئورتاق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلىگەن.

نوبېل مۇكاپاتى ئورگان تورىدا مۇنداق دېيىلدى:

بۇ يىلقى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشى ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا - ئاقسىل قۇرۇلمىسىنىڭ شىفىرىنى يەشتى.

خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بېكېر ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئاقسىل ياساپ چىققان. ئورتاق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ھاسسابىس بىلەن جۇمپېر بىر خىل AI مودېلى AlphaFold 2 نى ئېچىش ئارقىلىق 50 يىلدىن بۇيان ھەل بولمىغان مەسىلىنى ھەل قىلدى: غايەت زور تېخنىكا يوشۇرۇن كۈچى بىلەن ئاقسىلنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىدى.

بۇ يىلقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىدىن كېيىن، سۈنئىي ئەقىل (AI) يەنە بىر قېتىم نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، گوگۇل AI نىڭ 48 ياشلىق رەھبىرى ھاسسابىس ۋە 39 ياشلىق جومپېر نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭغا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن Hinton نى قوشقاندا، AI ئالىملىرى 2024-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىدا «تولۇق نومۇر» غا ئېرىشتى.

يەنى، بۇ يىل سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ھاسسابىس بىلەن جومپېر 200 مىليونغا يېقىن ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل (AI) مودېلى ياراتتى.

ھاسسابىس ۋە جۇمپېر DeepMind ئۈچۈن ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى مۆلچەرلەيدىغان AlphaFold مودېلىنى ياسىدى. 5-ئايدا، DeepMind يەنە AlphaFold 3 مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مودېل ئالىملارنىڭ كېسەللىك مېخانىزمىنى تېخىمۇ ئېنىق نىشانلىشىغا، شۇنداقلا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى AlphaFold 3 يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى، يەنى، ئىنسانلار، ئۆسۈملۈك، باكتېرىيە، ھايۋانات ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاقسىل قۇرۇلمىسنى مۆلچەرلەپ بولدى. بۇ ھازىرغىچە داۋا تېپىلمىغان راك، دىيابىت، ئەيدىز ... دېگەندەك ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ياساش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ.

ئۇلار تەتقىق قىلىپ ئاچقان سۈنئىي ئەقىل مودېلى AlphaFold بىيولوگىيە، خىمىيە ئىلمىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۋەتتى.

توغرا كېلىپ قالغىنى، بۇ قېتىم نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى Demis Hassabis ۋە ئۇلار ئاقسىلنىڭ شىفىرىنى يىشىشكە ئىشلەتكەن گوگۇل سۈنئىي ئەقىل مودېلى AlphaFold ھەققىدە ئالپ سالونىغا 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مەخسۇس تېما يوللانغان.


مەنبە: ئالپ سالونى