Jump to content

ئالېكىس خالېي

ئورنى Wikipedia

ئالېكىس خالېي 1921-يىلى 11-ئاۋغۇست تۇغۇلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلومى بولمىسىمۇ، قارا تەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي پاراخوتتا ئۇزاق مۇددەت ئاشپەز بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ئۇ جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇخبىر ۋە يازغۇچى بولۇپ، «بايۋەتچى»، «تەرمىلەر» ژۇرناللىرىغا ماقالە ئەۋەتىپ تۇرغان. ئۇ بەزىدە نامراتلىشىپ ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەي قالغاندىمۇ، يەنىلا بوشاشماي يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۇ 1976-يىلى نەشر قىلىنغان «يىلتىز» ناملىق رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 12 يىل ئىزدەنگەن. تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئافرىقا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نۇرغۇن ئارخىپ ۋە ماتېرىيال باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرگەن، ئەنگلىيىنىڭ ئەينى يىللاردىكى نېگىر قۇللارنى يۆتكەپ سېتىشقا ئائىت خاتىرە-ھۆججەتلەرنى تېپىپ ئوقۇغان.

بۇ رومان پۈتكۈل ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىجتىمائىي بەختسىزلىكلىرى، مىللىي ئىزدىنىشلىرى، خورلۇققا، ھاقارەتكە تولغان ھايۋان كەبى تۇرمۇشى، ئىنسانىي ھوقۇقى، تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرى، قۇللۇقنىڭ قارا زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىنسانىي ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى مۇجەسسەملەشكەن بۇ تارىخىي روماننىڭ ئېلان قىلىنىشى چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كەڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالغان.

«يىلتىز» ناملىق رومانى ئۇنىڭغا ئەڭ زور دۇنياۋى شۆھرەت ۋە ئامەت ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر كېچىدىلا مەشھۇر شەخسكە ۋە مېليونېرغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان تېلېگراممىلار ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق ھەققى نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 37 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى.«يىلتىز» ــــ دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى نۇرلۇق بىر مەرۋايىت بولۇپ قالدى. خۇددى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىر ئوبزورچىسى ئېيتقاندەك: «بەزىلەر تارىخنى كۆچۈرىدۇ، بەزىلەر تارىخنى يارىتىدۇ. ئالېكىس خالېي بولسا تارىخنى كۆچۈرگەن ھەم ياراتقان ئادەم.»

ئالېكىس خالېي -1992يىلى -2ئاينىڭ -10كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.