مەلىكە ئاماننىساخان

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئاماننىساخان)

مەلىكە ئاماننىساخان

ھاياتى[تەھرىر]

مەلىكە ئاماننىساخان
مىللىتى ئۇيغۇر



(1533 - 1567)

مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائېرە، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشتخاننىڭ شارائت يارىتىپ بېرىشى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۇردى. ئۇ ناھايىتى قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر سەنىتىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قىلغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئاغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى.

ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺩﻭﻻﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﻛﯩﺖ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ) ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﻧﺎﭖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺳﺎﺗﺎﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﻣﺒﯜﺭ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﺴﺎ ، ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ، ﺳﺎﺯ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ”ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﺳﯩﻘﻴﯘﻥ ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﺋﯩﺴﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻧﯧﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ :

” ….. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺯﯨﺮ – ﺋﻪﻣﯩﺮ ﯞﻩ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﺷﺘﯩﮕﻪ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﺨﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻗﻮﻧﯘﭼﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﮬﺮﺍ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﯧﺮﯨﯟﺍﻧﻪ ﻗﻮﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ – ﺳﻪﺗﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻮﻧﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺑﯘ ﺋﯚﻱ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ساتتارﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﺗﯩﻦ ساتتار ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ : ‘ ﻣﻪﻥ ساتتار ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ساتتار ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ ، ﺩﻩﭖ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ، ﻗﯩﺰﯨﻢ ﭼﺎﻟﯩﺪﯗ ” ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ : ‘ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ، ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ‘ ﺩﯦﺪﻯ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﯩﺰ ساتتارنى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﻪﻧﺠﯩﮕﺎﮬ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻤﺎ ﺑﯧﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ :

ﺳﻪﯕﺎ ﻳﯜﺯ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻳﺎﺭﻩﺏ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻐﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﻰ ﻓﻪﻧﺎﮬ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ .

ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻞ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺴﻘﻪ ، ﻛﻰ ﺷﺎﮬﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻎ ﮔﯘﻧﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ .

ﻏﻪﺯﻩﻝ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ : ‘ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻛﯩﻢ ؟ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻏﻪﺯﻩﻟﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ؟ ‘ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻗﯩﺰ : ‘ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ، ﻓﯘﺯﯗﻟﻰ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ، ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﯘﻡ ‘ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ : ‘13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ” ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻗﻮﭘﯘﭖ ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ : ‘ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻱ ، ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺌﯧﺮ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ ‘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﯩﺰ ﺩﯛﯞﻩﺕ ، ﻗﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ ؛ ﻳﺎﺭﻩﺏ ﺑﯘ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺳﯘﺋﯩﺰﻩﻥ ﻣﻪﯕﺎ ، ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯜﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺗﯩﻜﻪﻥ ﻣﻪﯕﺎ .

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ : ‘ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ‘ ﺩﯦﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﮬﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ : ‘ﺑﯩﺰ ﮬﯧﻠﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺰ” ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﮔﺎﮬﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﯞﻩﺯﯨﺮ – ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﺝ ﻛﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﯞﺍﺝ ﻳﺎﭘﺘﻰ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﻥ ﻗﻮﻱ ﯞﻩ ﺷﺎﻳﻰ – ﺋﻪﺗﻠﻪﺳﻠﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ . ﺗﯜﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ 40 ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ …… ” ﺷﺎﺋﯧﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ، ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ، ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ” ﺗﻪﯞﻩﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﺳﻘﯩﻴﯘﻥ ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ‘ ” ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ <ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻧﻪﻓﯩﺴﻰ> ﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﭖ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ، ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ،<ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺟﻪﻣﯩﻠﻪ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﺩﻯ . <ﺷﯘﺭﯗﮬﯘﻟﻘﯘﻟﯘﺏ> (ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭ ﺷﻪﺭﮬﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺯ . ‘ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﺋﻪﯕﮕﯩﺰ’ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻢ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ” ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ” ﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ . خﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﯜﺭﻩﻙ 1567- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﻪﮬﻪﻝ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ .

ئاماننىساخان(1534-1567). يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن.[1]

ئىجادىيتى[تەھرىر]

ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى – ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىسىتېملىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ يەنە خانىم – قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلىيە»،«شۇرۇلقۇلۇپ»(قەلىبلەر كېڭىشى)،«دىۋان نەفىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان. 1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان[2]


Amannisahan.jpg

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىلىرنىڭ ئىسمى:

1.راك مۇقامى

2.چەببيات مۇقامى

3.مۇشاۋىرەك مۇقامى

4.چارىگاھ مۇقامى

5.پەنجىگاھ مۇقامى

6.ئۇزھال مۇقامى---ئەھۋاللىشىش

7.ئەجەم مۇقامى

8.ئوشاق مۇقامى

9.بايات مۇقامى

10.ناۋا مۇقامى

11.سىگاھ مۇقامى

.12ئىراق مۇقامى


مەنبەلەر[تەھرىر]

  1. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورى
  2. گۆھەربان ئۆمەر،ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر