ئامباردا ساقلاش توختامى
20- باب ئامباردا ساقلاش توختامى
381- ماددا ئامباردا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ئامبار ساقلانمىسىنى ساقلايدىغان ۋە ساقلاتقۇچى ئامباردا ساقلاش ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
382- ماددا ئامباردا ساقلاش توختامى پۈتكەن چاغدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
383- ماددا ساقلاتقۇچى ئاسان ياندىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى ئاسان سۈپىتى ئۆزگىرىدىغان بۇيۇملارنى ساقلاتماقچى بولسا، شۇ بۇيۇملارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
ساقلىغۇچى ئالدنىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ساقلاتقۇچىنىڭ ساقلانمىسىنى ساقلاشنى رەت قىلسا بولىدۇ، زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇناسىپ تەدبىر قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى ساقلاتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ساقلىغۇچى ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ساقلاشتا مۇناسىپ ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىشى كېرەك.
384- ماددا ساقلىغۇچى ئامبارغا كىرگەن ساقلانمىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ساقلانمىنىڭ پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقىنى بايقىسا، ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ساقلانمىنىڭ تۈرى، سانى، سۈپىتى پۈتۈشكىندەك بولمىغانلىرىنىڭ زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
385- ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى تاپشۇرغان چاغدا، ساقلىغۇچى ئامبار تالونى بېرىشى كېرەك. 386- ماددا ساقلىغۇچى ئامبار تالونىغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك، ئامبار تالونى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ساقلاتقۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم- فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى؛ (2) ساقلانمىنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى، ئورۇسى، بىرلىك سانى ۋە بەلگىسى؛ (3) ساقلانمىنىڭ ئۇپراش ئۆلچىمى؛ (4) ساقلاش ئورنى؛ (5) ساقلاش سۈرۈكى؛ (6) ساقلاش ھەققى؛ (7) ساقلانمىدىن سۇغۇرتا بېجىرىلگەنلىرىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى، سۈرۈكى، شۇنىڭدەك سۇغۇرتىچىنىڭ نامى؛ (8) تالون كەسكۈچى، كەسكەن جاي ۋە كەسكەن ۋاقىت. 387- ماددا ئامبار تالونى ساقلانمىنى ئالىدىغان ئىسپاتتۇر. ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشى تالون كەينىگە ئىمزا قويغان ھەمدە ساقلىغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن، ساقلانمىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. 388- ماددا ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ساقلانمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى ئەۋرىشكە ئېلىشقا قوشۇلۇشى كېرەك. 389- ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەنلىكى ياكى بۇزۇلغانلىقىنى سەزسە، ساقلاتقۇچىغا ياكى تالون بار كىشىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 390- ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكتىن ياكى بۇزۇلغانلىقتىن، باشقا ساقلانمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ساقلىنىشىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى سەزسە، ساقلاتقۇچىنىڭ ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىنىڭ زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىشىنى سۈيلىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولسا، ساقلىغۇچى زۆرۈر بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى ساقلاتقۇچىغا ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 391- ماددا ئالاقىدارلار ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى خالىغان چاغدا ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، ساقلىغۇچىمۇ ساقلاتقۇچىدىن ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچىدىن ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىپ كېتىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن زۆرۈر تەييارلىق ۋاقتى بېرىش كېرەك. 392- ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشقاندا، ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى ئامبار تالونىغا ئاساسەن ئېلىپ كېتىشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونى تۇتقۇچى مالنى مۇددەتتىن كېيىن ئالسا، ساقلاش ھەققىنى ئاشۇرۇپ ئېلىش كېرەك؛ مالنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالسا، ساقلاش ھەققى كېمەيتىلمەيدۇ. 393- ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشسىمۇ، ساقلاتقۇچى ياكى تالون بار كىشى ساقلانمىنى ئالمىسا، ساقلىغۇچى ئۇنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئېلىپ كېتىشكە سۈيلىسە بولىدۇ، مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئالمىسا، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئېلىپ ساقلاپ قويسا بولىدۇ. 394- ماددا ساقلانما ساقلىغۇچىنىڭ ساقلاش سۈرۈكى ئىچىدە ئوبدان ساقلىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇزۇلسا، يىتۈپ كەتسە، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ساقلانمىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئورۇسى پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقى ياكى كۈچكە ئىگە ساقلاش سۈرۈكىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان بولسا، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 395- ماددا بۇ بابتا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرىغا ساقلاش توختامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.