ئامېرىكىلىقلاردا ھەرىكەت ۋە ھوزۇر

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىدا تەنھەرىكەت ۋە چېنىقىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشقانلىقىنى بىر ئۇيغۇرنىڭ- ئايالىمنىڭ ھەيرانلىقىدىن بىلدىم. بىر ئۇيغۇرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كەم ئۇچرايديغان ھادىسە بولۇشى مۇقەررەر ئېدى. ئايالىم ئامېرىكىغا كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر يېپىق بازار( ئېنگىلىزچە مول دەيدۇ) دىكى بىر ئاشخانىدىن خىزمەت تاپتى. بىز ئۇنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەدىۋېلىدىكى ھۈنىرى دېگەن كاتەكچىگە "تاماق ئېتەلەيدۇ" دەپ تولدۇرغان ئېدۇق. تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش تاماق ئېتىش ئۇنىڭ ئۆيدىكى ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئېدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئادەتتىكى ھۈنىرى ئامېرىكىدا تېخنىكا سانىلىپ قالدى. نەتىجىدە، خىزمەت ئىزدەش جەدىۋېلىنى ئايالىم بىلەن تەڭ تولدۇرغان ئامېرىكىلىق دوستىمىز، دىنشۇناسلىق دوكتۇرى مارگارىت يەنە ئىشسىز قېلىپ ئايالىم ئىش تاپتى. بىر كۈنى ئايالىم ئىشتىن ئىنتايىن روھسىز كەپتۇ. سەۋەبى پۈتۈن كۈن خېرىدارسىز قاپتۇ. ئادەتتە شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى خېرىدارلىرىنىڭ بەرگەن " چاي پۇلى"نى سىقىملاپ ناھايىتى خۇشال كېلەتتى. ئاڭلىسام شۇ كۈنى ئۇ شەھەردە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بولغانىكەن. كىشىلەر مۇسابىقە كۆرگىلى كېتىپ بازار بوش قاپتۇ. ئۇنىڭغا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئامېرىكىلىقلاردا ئومۇملاشقان تەنھەرىكەت قىزغىنلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈردۈم.

ئامېرىكىلىقلاردا چىنىقىش ئادىتى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى ۋاستىسىدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملاشقان. ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىغا كىچىكىدىن كىچىك زەيتۇن توپ مەيدانى، كىچىك ۋاسكىتبول گارلىرىنى ياساپ بېرىپ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بىللە چىنىقىدۇ. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدە تەتنتەربىيە سارىيى يوق مەكتەپ، شەھەر بازارلار ئىچىدە تەنھەركەت سارىيى يوق بازار يوق. شەھەرلەر، شىتاتلار، مەكتەپلەر ئارا توپ مۇسابىقىلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ كاتتا مىللىي بايرىمى بولغان مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى ئائىلە بويىچە يىغىلىپ زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى كۆرىدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ ئىككى ھويلىسى بار، بىر ھويلىسىدىلا ئۈچ قەۋەتلىك مىڭ نەچچە يۈز كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان تەتنتەربىيە سارىيىدىن ئۈچى بار.

بىز تۇرۇۋاتقان لاۋرېنس شەھرى ئادەتتە كوچىدا ماشىنا بەك جىق ئۇچرىمايدىغان 88 مىڭ نوپۇسلۇق بىر شەھەر، ئەمما مەكتىپىمىزدە توپ مۇسابىقىسى بولغان ھامان قىستى قىستاڭ بولۇپ، تاماششىبىنلارنىڭ ماشىنىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ بەلەتلىرى ئادەتتە يېرىم يىل بۇرۇن سېتىلىپ بولىدۇ. توپ مۇسابىقىسى بولغان كۈنلەردە كۇتۇپخانىلار، تەجرىبىخانىلار قۇپ قۇرۇق دېگۈدەك بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىدا ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپلەرنى تاللىغاندا قايسى مەكتەپنىڭ كوماندىسى قايسى توپ تۈرىدە كۈچلۈك دېگەنگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. قايسى توپ تۈرىگە ھېرىسمەن بولسا شۇ توپتا داڭلىق مەكتەپنى تاللايدىكەن. بىر يىلى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى جەيھاك ئامېرىكا بويىچە چىمپىيۇن بولغانىكەن. مەكتەپ بىر كۈن دەرس توختۇتۇپ تەبرىكلەپتۇ.

ئامېرىكىنى ئاپتۇبۇسلۇق ساياھەت قىلغان يىلىم ئوخشىمىغان شەھەرلەردە مەكتىپىمىز ۋاسكېتبول كۇماندىسىنىڭ كىيىمنى كىيىپ يۈرۈپ جەيھاك مەستانىلىرىنىڭ ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولدۇم. ئامېرىكىدا ئوخشاش كۇماندىنىڭ مەستانىلىرى بىر بىرىنى كۆرگەندە خۇددى ئۇيغۇر بېيجىڭدا ئۇيغۇرنى كۆرگەندەك ھاياجانلىنىپ كېتىدىكەن. كىچىككىنە قىزىمنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ يەسلىسىدە ئەڭ بۇرۇن ئۆگەنگەن ناخشىسى مەكتىپىمىز ۋاسكېتبول كوماندىسى مەدھىيەلەنگەن "مەن كىچىك جەيھاك" دېگەن مارش بولدى. ئامېرىكىلىقلاردىكى بۇنداق تەنتەربىيە قىزغىنلىقى ۋە چېنىقىش ئادىتى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە دائىم دۇنيانىڭ بىرىنجىلىكىنى قولدىن بەمەسلىكىدىكى سىر بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ چېنىقىش ئادىتى يۇقتىمۇ يا تەنھەرىكەتنىڭ موھىملىقى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىم تەسىر قىلدىمۇ قانداق، ئامېرىكىغا كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايالىم يوللاردا يۈگۈرەپ، ۋېلسىپىت مىنىپ، مېڭىپ چىنىقىۋاتقان كىشىلەرگە ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولدى. ۋەتەندىكى قاتناش قورالى ھىساپلىنىدىغان ۋېلسىپىتنىڭ ئامېرىكىدا چېنىقىش ئۈسكۈنىسىگە ئايلىنىپ قالغىنى ئۇنى ھەيران قالدۇردى. خانىم قىزلارنىڭ كېلىشىملىك بوي تۇرىقى ئۇنى ھەۋەسلەندۈردى بولغاي، بۇرۇن شۇنچە دېسەم چىنىقىشقا قوشۇلمىغان كىشى تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ چېنىقىدىغان بولدى. مەخسۇس تەنتەربىيە كىيىملىرى سېتىۋېلىپ چېنىقىشقا كىرىشىپ كەتتى. كۈندە كەچتە ئۆزى بىلەن بىللە چىنىقىۋاتقان ئامېرىكىلىق قىزلارنىڭ ئۇسقىنىنىڭ قانچىلىك جەلىپكار، قاملاشقان ۋە ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى، چېنىققاندىن كېيىنكى ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەيتتى. قارىغاندا ئۇ ئۆزى ھەۋەس قىلغان گۈزەللىكنىڭ كىيىمدە، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان زىبۇ زىننەتتە ئەمەس ھەرىكەت ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ساغلام، ئۆلچەملىك بەدەندە تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك قىلاتتى. پات پات ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلمايدىغانلىقى، مەزگىلسىز سەمىرىپ كېتىدىغانلىقى، زىلۋالىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقى، كىيىم كېچەككە پۇل خەجلەپ چېنىقىشقا سەل قارايدىغانلىقى …قاتارلىقلار ھەققىدە سېلىشتۇرغانلىرىنى دەپ كېتەتتى. مېنىڭچە ئۇنۋېرىسال تەرەققىياتى ئارقىدا بولغان جەمئىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەر جىسمانى گۈزەللىكنى جۇلالاندۇرۇشتا ئۇنى قىممەت باھالىق كىيىم-لىباسلار بىلەن ئوراشقا ۋە تۈرلۈك ھالقا، ئۈزۈك، زىرىلەر بىلەن زىننەتلەشكىلا كۈچەپ شۇ گۈزەل قىياپەتنى تەنھەركەت ئارقىلىق ساقلاپ قېلىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلۇنۇش ئارقىلىق قەدىرلەش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق مۇكەممەلەشتۈرۈشكە سەل قارايدىغاندەك ئېدى. چۈنكى مۇنداق جەمئىيەتتە كىيىم كىشىلىك خاراكتىرنى نامايەن قىلىدىغان ، تەننىڭ ھوزۇرنى كاپالەتلەندۈرىدىغان، ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن بىشارەت بېرىدىغان ۋاستە ئەمەس كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، بايلىقى ۋە نەسەبىدىن خەۋەر بېرىدىغان بەلگە ئېدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇسقىنىغا، ئىھتىياجىغا، قىزىقىشىغا قاراپ ئەمەس قايسى تەبىقىگە مەنسۇپ بولسا شۇ تەبىقىدىكى كىشىلەردە مودا بولغان كىيىملەرنى كىيىشەتتى. چېنىقىشقا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئورۇن ۋە سالاھىيەتتىن دېرەك بەرمەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مودا بولمىسا كېرەك.

چېنىقىش جەريانىدا ئايالىمنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىش كوچىلاردا، كۇتۇپخانىلاردا كۈندە دېگۈدەك نەچچە ئونى ئۇچرايدىغان خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىش زالىدا ئۇچراپ قالمىغىنى بولۇپتۇ. مېنىڭ كۈزىتىشىمچىمۇ مەكتەپتە مۇسابىقە بولسا كۇتۇپخانىلاردا، تەجرىبەخانىلاردا ئىشىنى ئادەتتىكىدەك داۋام قىلىدىغىنى جوڭگۈلۇق ۋە ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بولاتتى. شۇنچە كۆپ نوپۇسلۇق ھىندىستاننىڭ ئولىمپىكتا كۆرىنەرلىك نەتىجە يارىتالمايدىغانلىقى، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ جوڭگۇدىكى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە نوپۇسى نەچچە مىليۇنغا يەتمەيدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى كوماندىسدىن دائىم يېڭىلىپ قالدىغانلىقى بەلكىم بۇ دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك تەنھەركەتلەرگە بولغان سۇسلۇقتىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى قايىل قىلغان يەنە بىر ئىش مەكتىپىمىزدىكى تەنتەربىيە سارايلىرىدا مىيىپلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس مەشقاۋۇل ۋە مەخسۇس ئورون لايىھەلەنگىنى بولدى. ئايالىم ھەر قېتىم چېنىققىنى كىرگىنىدە بىر ئىككى ئەما ۋە پۇت قولى نوقسانلىق كىشىلەرنىڭ چىنىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ غەيرەتلىنىپتۇ.

ئامېرىكىدىكى چېنىقىش ۋە تۈرلۈك تەنھەركەتلەرگە بولغان ئىجتىمائىي قىزغىنلىق كىشىلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانى قىياپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇم 50 ياشتىن ئاشقان قىزغىن، شوخ ئايال ئېدى. بۇ خانىم ۋېلسىپىتلىك چېنىقىۋاتقاندا بىزگە تولا ئۇچراپ قالاتتى. ئوغۇل دوستى بىلەن ساياھەتكە چىقىپ تۇرىدىغان، جەرەندەك تاقلاپ تاقلاپ ماڭىدىغان بۇئايالنىڭ ئىۋەنسىز ئۇسقىنىغا قاراپ ئايالىم ئىختىيارسىز شۇ ئايال بىلەن تەڭ ياشتىكى ئانىسىنى ئەسلەپ قالاتتى. مەنمۇ قىرىق ياشقا كىرمەي تۇرۇپ قېرىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا خۇشتار ئۇيغۇر خانىملىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئەپسۇسلىناتتىم. دېمىسىمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئۆزىنى ئاللىقاچان قېرىغانغا چىقىرىپ چېنىقىش تۈگۈل تالا تۈزگىمۇ تولا چىقىپ كەتمەيتتى. مەن دائىم بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلىمەن. نېمىىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ ئەجەبا بۇنىڭدا روھى جەھەتتىكى قانائەت، جۈرئەتسىزلىك ۋە كۆنۈپ قېلىشلاردىن باشقا جىسمانى سەۋەبلەر يوقمۇ؟ مەنچە بۇ يەردە جىسمانى سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ جىسمانى ساغلاملىقنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئاسرالماسلىقى، چېنىقىشقا ئادەتلەنمىگەنلىكتىن بولغان تەننىڭ ئاجىزلىقى ۋە جىسمانىي ئېىنىرگىينىڭ ھاياتتىكى مەجۇرىيەتلەر سەۋەبىدىن مەزگىلسىز خوراپ كېتىشى ئېدى. ھېيىتقا ئاز قالغان بىر كۈنى سىڭلىم "مۇشۇ ھېيىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلماي تۇرۇپ ئويلىساممۇ ھېرىپ كېتىمەن" دەپ قالدى. ھېيىتتىن كېيىن قارىسام راستىنلا چىرايدىن چارچاپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ قاپتۇ. مەن قەشقەرگە كېلىپ ياشاش ۋە تىل مەكتىپى ئېچىش جەريانىدا ئەتراپىمدىكى قىز چوكانلاردا بۇنداق ھېرىپ كېتىشلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى جىق كۆردۈم. مەسىلەن، تېخى ئەمدى ئوتتۇز ياشتىن ھالقىغان ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ ئىچىدە تۆرتىنجى قەۋەتتىكى ئىشخانامغا ھاسىرىماي كىرىپ كېلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس ئېدى. بىزدە چېنىقىشقا بولغان ئىجتىمائىي قىزغىنلىق، شارائىت ۋە تەربىيە يېتەرلىك بولمىغاچقا كىشىلىرىمىزدە تەنھەرىكەت ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتەلمىگەن.

مەنچە جەمئىيىتىمىزدە ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، كىشىلىرىمىزگە ھەرىكەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگۈزۈشتە مائارىپ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇنچە ھاياجان بىلەن ھەرىكەتنى باشلىغان ئايالىمنىڭ چېنىقىش قىزغىنلىقىنىڭ بۇنچە ئاسان سۇسلاپ كېتىشى ئۇنىڭ قانداق چېنىقىشنى بىلمىگەنلىكىدىن، چېنىقىشتىن ھوزۇر ئالالمىغانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭ ئۆزى دائىم ھەرەج تارتىدىغان سۆڭەك ئۆسۈكچىسى كېسىلىگە چېنىقىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك ئىلاجنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەتتىن توختىۋالغانلىقى دەل ھوزۇرسىقزلىقتىن. مەنچە ئۇ تېخى ھەرىكەتنىڭ ھوزۇرنى ھېس قىلىپ يەتمەيلا ۋاز كەچكەنلەرگە مەنسۇپ ئېدى. تەجرىبەمدىن قارىغاندا كىشى چېنىقىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىدە پەيدەك بىر يېنىكلىكنى ھېس قىلاتتى. بەدىنىدىن ئاققان تەر بىلەن قەلبىدىكى خەستىلىكلەرمۇ يۇيۇلۇپ كېتەتتى. ئۆزىدە بىر جۇشقۇنلۇق، راھەت ۋە ھوزۇر ھىس قىلىپ جاھان كۆزىگە يېڭىلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇلارنى مەن بېيجىڭدا تۆرت يىل ھەر سەھەر يۈگىرەش جەريانىدا ھىس قىلغان. مەنچە تەنتەربىيە مائارىپى كىشىگە مۇشۇ راھەتنى بېرەلىسە ئاندىن جەمئىيەتتە چېنىقىش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بىز ئالغان مائارىپ بىزگە پەن ئۆگەتكەن بىلەن بىزنى پەننىي بايقاشنىڭ شاتلىقىغا چۈمدۈرەلمىدى، رەسىم ۋە مۇزىكا دەرسى تەسىس قىلغان بىلەن سەتئەتنىڭ سېھرىگە ئەسىر بولۇشنى ئۆگىتەلمىدى، تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقان بىلەن ھەرىكەتنىڭ ھوزۇرىدىن قانداق بەھرىمەن بولۇشنى بىلدۈرەلمىدى. مائارىپ بوخچىمىزدىكى كىتاپلارغا ئوخشاش بىزگە يۈك بولدى. بۇ يۈكتىن تامامەن قۇتۇلغان چېغىمىزدە يا قولىمىزدا جاننى باققىدەك ھۈنەر، يا قەلبىمىزدە تۇرمۇشنى تەرتىپلىگۈدەك پاراسەت، يا ئۆزىمىزدە كۆڭۈلىنى خوش قىلغۇدەك ماھارەت يوق قايمۇقۇپ قالدۇق. نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلەر تەننىڭ ھوزۇرىنى ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بولغان تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئىزدىيەلمەي پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىغا ئورتاق ئىھتىياجلارغا غەرق قىلماقتا. بەلكىم، ئىنساننى قەلبنىڭ ھوزۇرى بولغان خالىغاننى ئويلاش ۋە دېيىشكە ئادەتلەندۈرەلمىگەن، تەننىڭ ھوزۇرى بولغان نەپىس، قارام، خەۋپلىك ھەرىكەتلەرگە كۆندۈرۈەلمىگەن مائارىپ، كىشىلەرنى خالىغانچە يىيىش، ئويناش ۋە كېيىشكە بەنت قارا قويۇق ئەگەشكۈچىلەردىن، نائىلاجلار تەقلىدچىلەردىن قىلىپ چىقسا كېرەك.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا خالىس يېتەكچىلىك قىلدىم. بەزى نومۇرى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنى قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلغىنىمدا ئالغان جاۋابىم "ياق" بولدى. ئۇلار ئۆزى قىزىقمايدىغان كەسىپتە، قىلچىمۇ ئىستىقبالى يوق مەكتەپتە ئوقۇشقا رازى ئىكەنكى قايتا ئىمتىھان بېرىپ سىناپ بېقىشنى خالىمايدىكەن. مەنچە بۇ ۋەتەندە تەنتەربىيە مائارىپىنىڭ پەقەتلا تەكىتسىز قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر نەچچە يۈز تاماششابىننىڭ ھەتتا نەچچە ئون مىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىز تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا ئۇتۇپ ياكى ئۇتتۇرۇپ كۆنگەن بولسا ئېدى، ھاياتتىكى نۇسرەت ۋە تالاپەتلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۆگىنەلىگەن بولاتتى. شۇڭا ئىمكان بار دائىرىدە ئاممىۋىي تەنتەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەرىكەتنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلدۇرۇش، مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ چېنىقتۇرۇش جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكلىرىنى مەھەللە ۋە جامائەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق تولۇقلاش بىزنىڭ كۈندىلىك مۇلاھىزە نۇقتىمىزغا ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلىنىشى زۆرۈرۈر.


ئالدىنقى: ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار- مەسىلە ۋە مۇلاھىزە

كـىيىنكى: كەڭ قورساق ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار