ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى

ئورنى Wikipedia

مەشرەپخۇمار ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئەڭ گەۋدىلىك ئوخشاشلىقى مەشرەپخۇمارلىق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەشرىپى ئۇيغۇر مەشرىپىگە سۇ قۇيۇپ بېرەلمىسىمۇ ئامېرىكىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلاردىن سۇس ئەمەس. ئامېرىكىدا بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ ئايدا بىرەر قېتىم ھىچ بولمىسا پەسىلدە بىرەر قېتىم مەھەللىدىكى بىر مەيدانغا ياكى بىرەر يەرگە يىغىلىشىپ دالا تامىقى يىيىشى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق يىغىلىشلارغا ھەممەيلەن ئۆيلىرىدە ئەتكەن تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ تەڭ بەھىرلىنىشىدۇ. كاۋاپدانلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىللە غىزالىنىشىدۇ. مەن ئوقۇغان مەكتەپتىمۇ مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاكۇلتىت بويىچە يىغىلىش بولۇپ تۇراتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردەك مەشرەپتە سازچىسى بولىدىغان بولسا كۈندە يىغىلىش قىلارمىكىن دەيمەن. شۇنچە ھەشەم بىلەن يىغىلىش قىلغان ئامېرىكىلىقلار ناخشا ئۇسسۇلسىز بىر كۈننى گەپ بىلەن كەچ قىلىشىدۇ. بەزىدە ئۇچار تەخسە ئويۇنى، قورغان توپ، ساھىل ۋالىبولى، ۋاسكېتبول ئوينىشىدۇ. مەن مەشرەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى ئورتاق مەشرەپخۇمارلىق ئىنسانىي ئاڭدىكى يۈكسەكلىكنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق ئادەت ئىنساننى تەننىڭ تەقەززاسى ۋە ماددىي پاراغەتنى ھاياتتىكى بىردىن بىر مەنا دەپ قاراشتىن يىراقلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلاردىكى مەشرەپخۇمارلىقنىڭ كارامىتىنى 2010-يىلى ئورىگان ئۇنۋېرىستىتىدا خەۋپتە قالغان تىللارنى خاتىرىلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغاندا بىلدىم. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تىلى شۇ يىللىق ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ خاتىرىلىنىدىغان تىللار تىزىمىلىكىگە تاللانغان بولۇپ مەن تىل مەسلەھەتچىسى بولدۇم. ئەگەر شۇ قېتىملىق يىغىندا تەتقىقاتچىلار بۇ تىلىمىزنى خاتىرلەشكە قىزىقمىسا مەن يىغىنغا قاتناشقۇچى بولۇپلا قالاتتىم ۋە يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمىغا قاتنىشىپ ئارخىپلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەندە قايتىپ كېتىشىمگە توغرا كېلەتتى. مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بۇنداق ئىھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى تۈرلىرى بويىچە، رەسىملىك ۋە سىنلىق تونۇشتۇردۇق. نەتىجىدە بىزگە ئۈچ تەتقىقاتچى تىزىملاتتى. كېيىنكى شەنبە كۈنى ئۇيغۇرچە مەشرەپ قىلدۇق سانىمىز بەشكە كۆپەيدى. مېھمانلارنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ راك مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسىنى قويۇپ قويدۇق،ئۇيغۇرچە تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمىنى قويۇپ ئۇسسۇل باشلىدۇق. مەشرىپىمىز شۇ كۈنى يىغىن تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان زىياپەت بولۇپ بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ سېھرى بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر گروپپىسى تەتقىقاتچىسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر ئۇيۇشما بولۇپ چىقتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىختىساد ئاجرىتىپ يۆلەيدىغان ھەر قايسى يەرلىك ئامېرىكا قەبىلىلىرىنىڭ تىلىنى ئارخىپلاشتۇرۇشنى تاللىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى بىردىن ئاشمىدى. ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلار بۇنداق تىللارنى تاللىسا قازىنىدىغان ئىقتىسادى نەپنى ئۇيغۇرچىنى تاللىغانغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار كېيىنكى تەتقىقاتىدا توپلىغان تىل ماتىرىياللىرىنى قوللىنىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۆلەيدىغان تەتقىقات خىراجىتىگە ئىلتىماس سۇنالايتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئاسمىلاتسىيە قىلغان ئىندىيان قەبىلىلىرىنىڭ تىلىنى بۇ تىللار يوقۇلۇشقا يۈزلەنگەندە خاتىرلەش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇشقا بۇنچە زور مەبلەغ ئاجرىتىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ ئاجراتقان خىراجەتنىڭ كۆپلىكى ھەرقانداق تەتقىقاتچىنىڭ كۆزىنى قىزارتماي قالمايتتى. ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپى يەنىلا ئۇيغۇرچىمىزنى تاللىدى. ئۇيغۇرچىمىز ساقلىغان چاخچاقلار، لەتىپىلەر، ناخشىلار، قوشاقلار ئۇيغۇرچىنى ئارخىپلاشتۇرغان تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇردى. دەرتمەننىڭ دەردىگە، بىمارنىڭ رەنجىگە، باغرى چاكنىڭ دەزلىرىگە مەلھەم بولىدىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ كارامىتى بىلەن بىر يېرىم ئايلىق تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش خىزمىتىمنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك تاماملىدىم.

ئامېرىكىدا مەشرەپ زىياپەتلەر شاتلىنىش، تونۇشۇش، دوستلۇشۇش، تەبرىكلەش، ئۇزۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. قىزىمنىڭ يەسلىسىدە ئېنگىلىزچىنى رۇسچىغا تارتىپ سۆزلەيدىغان بىر ئايال كاتىپ بولىدىغان. شۇ ئايال باشقا خىزمەت تېپىپ كەتمەكچى بولغاندا يەسلى بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇردى. ھەممە ئاتا-ئانىلار تاماق تەييارلىغاندىن باشقا تۈرلۈك سوۋغاتلارنى تەييارلاپتۇ. سوۋغاتلار ئىچىدە كىشىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغان ۋە كاتىپنى ھاياجانلاندۇرغان سوۋغات كىشىلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن ياساپ بەرگەن ھەدىيەلىرى بولدى. كاتىپ ئايال بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى تىزىملاتقىلى كەلگەندە ئېنگىلىزچىسى تازا ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن بىر ئوماق خاتالىق سادىر قىلغانىكەن. مەزكۇر دادا شۇ قىزىقارلىق خاتالىقنى بىر پەشتامىغا تىكىپ سوۋغات تەييارلاپ كېلىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ كاتىپنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى بۇلدۇقلاپ كەتتى. مەشرەپتە ھەممە كىشى ئېلىپ كەلگەن تاماقلىرىغا ئېغىز تېگىشتى. كاتىپ خانىم رۇسچە ناخشا ئېيتىپ بەردى. يەسلى بالىلىرى ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكەن ناخشىلارنىڭ سۆزىنى كاتىپنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قىزىقارلىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ كاتىپ قىزغا بولغان مۇھەببىتى ۋە قىيالماسلىق ھىسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. بۇلارغا قاراپ بىزنىڭ توي، خەتنە توي، زىياپەت قاتارلىقلاردىكى تەبرىكلەش، سوۋغات بېرىش ئۇسۇلىمىز بەكلا ماددىيلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. غەلىبە، خۇشاللىقلارنى تەبرىكلەپ مەشرەپ-سورۇن ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەد شاتلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە بۇنداق سورۇنلارغا تەييارلانغان ھەدىيەلەرمۇ ساھىبخاننى خۇش قىلىدىغان شەكىلدە بولۇشى ئەۋزەل. ئەپسۇسكى ھازىر سوۋغات بېرىشتە قىپ قىزىل پۇل ئايلانماقتا، قىزىق يېرى بۇ پۈتۈنلەي تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش بولۇپ سوۋغىدىن كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ئەقىدىسى ھىس قىلىش قىلچە مۇمكىن ئەمەس. ئەسلى خۇشاللىق ئۈچۈن مەشرەپكە يىغىلغان، بىر بىرىنى مىھمانغا چاقىرغان بوۋىلىرىمىز مەشرەپ-سورۇنلاردا سوۋغات بېرىش يوسۇنىنى ئويلاپ تاپقاندا كۆڭۈلنى ئەۋزەل بىلگەن بولغىيدى. مانا ئەمدى زامان "ئاق مۈشۈك قارا مۇشۇك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك" دەپ ھەممە نەرسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان ھالغا كەلگەچكە پۇلنى كۆرمەي كۆڭۈلنى تونۇمايدىغان ھالغا كەلگەن بولساق كېرەك.


ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا ئىتىقادى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپلىرىگە كۆپرەك داخىل بولدۇم. بۇنداق كىشىلەرنىڭ تونۇيدىغانلىرىمۇ كۆپ بولسا كېرەك ھەر قېتىم بارغىنىمدا يېڭى كىشىلەرنى ئۇچرىتاتتىم. بەلكىم ئۇلار ھەر جۈمە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى مەسجىد ياكى چىركاۋغا يىغىلغاندا ئەمىر مەرۇپلاردا مېھرىۋانلىق تەكىتلىنىدىغانلىقتىن مەشرەپنىڭ ۋاقتىنى شۇ چاغدا يېڭىدىن تونۇشقا كىشىلەر بىلەن بېكىتىپ قويسا كېرەك. ئېنىقكى، دىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى شەپقەتنى، مۇھەببەتنى، خالىسلىقنى، يارىدەمنى، ھەمكارلىقنى تەكىتلەيدىغان بولغاچقا دىندار كىشىلەرنىڭ ئۆملىشىش پۇرستى ۋە ئارزۇسى دىنسىز كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىتىقادلىق كىشىلەر خوشنا خولۇملار ۋە دوست بۇرادەرلەر بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ياشاشنى ئەۋزەل بىلىپ كەلگەنگە نەچچە مىڭ يىل بولدى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ بىر رولىمۇ ئىتىقادنى كۈچلەندۈرۈش، قائىدە يۇسۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ ياشاشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت.


ئۇيغۇرلاردىكى مەشرەپخۇمارلىقنىڭ بۈگۈنكى راۋاجى قاتار چايدۇر. بىنورمال ئۈندۈرمىسى ۋە ياكى غەيرى ئۆسمىسى بولسا رىستۇراپەرەسلىكتۇر. تۇرمۇش رېتىمى ۋە تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى ئامېرىكىدىن تولىمۇ ئاستا ۋە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە رېستۇرانپەرەسلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەيران قالارلىق ھادىسە. ئامېرىكىدا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكىدەك ئاياللار بىلەن ئاياللار تانسا ئوينايدىغان، ئەلەر توختىماي ھاراق ئىچىدىغان ھەيۋەتلىك رىستۇرانلار يوق. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى رېستۇرانغا تەكلىپ قىلىپ باقمىدىم. بىرمۇ ئامېرىكىلىق مېنى رىستۇرانغا باشلىمىدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىدە بولغان مەشرەپلەرگە كۆپ داخىل بولدۇم، بىر بىرىمىزنى ئۆيگە چاقىرىشىدىغان ئىشلار ئايدا بىر دېگۈدەك داۋام قىلىپ تۇردى. يەنە بىر پەرق ئامېرىكىدا مەشرەپلەر ھەرقانچە قىزىغان تەقدىردىمۇ ئىككى سائەتتىن ئاشمايدىكەن. تاماقلارنى ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ بارىدىكەنمىز. ئۇيغۇر رىستۇرانلىرىدىكى ئىسراپخورلۇق بەلكىم ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىسراپچىلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ تورمۇشىدىكى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

خۇشخۇي ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلار

ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىدىكى خۇشخۇيلۇق ۋە ئۈمىتۋارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تارىخى قىسمەتتىكى ھەرقانداق مىللەتتە كەم تېپىلىدىغان خىسلەتتۇر. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار خېلى زور ئورتاقلىقلارغا ئىگە. خۇددى ئۇيغۇرلار توي تۆكۈن ۋە باشقا سورۇنلارغا چاخچاقچىلارنى ئاتايىن چاقىرغاندەك ئامېركىلىقلارمۇ شۇنداقراق قىلىدىكەن. 2011-يىلى ئوباما بىر سورۇنغا بىر چاخچاقچىنى چاقىرىپ پۈتۈن سورۇندىكىلەرنى بىرمۇنچە كۈلدۈردى. ئوباماغا قارشى مەيدانغا چىققان بىر پىرىزدېنت نامزاتى شۇ سورۇندا چاخچاقلارنىڭ ھىچ قايسىسىغا كۈلمەي ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە سورۇندىن قاپاقلىرىنى تۈرگەن پېتى ئايرىلىپ ئامېركىلىقلارنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. شۇ سورۇندا ئوباما ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ياكى تۇغۇلمىغانلىقى ھەققىدە گۇماندا قالغانلارغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان چېغىدىكى سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشنى قويۇپ بەمەكچىلىكىنى ئېلان قىلدى. ھەممە مېھمان ۋە ئاخباراتچىلار تەييار تۇرۇشتى. ئىكراندا كۆرۈنگىنى بولسا "شىر پادىشاھ" فىلىمىدىكى سىمبانىڭ يېڭى تۇغۇلغان كۆرۈنىشى بولدى. پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئالدىدىكى بۇ چاخچاق سورۇندىكى كىشىلەرنى ھارغىچە كۈلدۈردى. ئامېرىكىدا بۇنداق يىغىنلاردا ۋە يىغىلىشلاردا چاخچاق قىلىدىغان ئىشلار ھەمىشە بولۇپ تۇرىدىكەن. ئوبامانىڭ پارلامېنتتىمۇ ياكى باشقا بىر يىغىلىشتىمۇ ئەيتاۋۇر قايسىدۇر بىر يىغىندا ئۇيغۇرلارنى يۇمۇرغا قوشقىنى مېنىمۇ بەك كۈلدۈرگەنىدى.


ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقچىلىقى بەزىدە سورۇن تاللىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى تۈرلۈك ئېلان تاختىلىرى، ئاگاھلاندۇرۇش ئىبارىلىرى، نامايىش شۇئارلىرى، تەۋسىىيە جۈملىلىرىمۇ ناھايىتى ھەجىۋى يېزىلىدىكەن. بىر كۈنى تېلۋىزوردىن بىر شەھەردىكى ئاممىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ قالدىم. نامايىشچىلارنىڭ لوزۇنكىلىرىغا تۈرلۈك ھەجىۋىي رەسىملەر چاپلانغان ئېدى. بىر ھەجىۋىي رەسىمدە شەرقتىكى بىر مۇستەبىت دۆلەتنىڭ رەھبىرى قولىغا يوغان بازغاننى ئېلىۋېلىپ ئۈستىگە "دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالدى"،"دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ئاپەت كەلتۈردى" دېگەن خەت يېزىقلىق چاپان كەيدۈرۈلگەن بىر پاشىنى ئۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان كۆرۈنىشى سىزىلغان ئېدى. بىر كۈنى بىر شەھەردىكى يەنە بىر نامايىشتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا "بىز چاشقان ئەمەس!" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرىۋېلىشقانلىقلىرىدىن كۈلۈپ يېتىپ قالدىم. ئەسلى شۇ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاۋات بىر يولغا يەر ئاستى ئۆتۈشمە ياسىماقچى ئىكەن. كىشىلەر شەھەرنىڭ بۇ پىلانىغا قاشى چىقىپتۇ. چۈنكى ئۇلار چاشقاندەك يولنىڭ ئاستىدىن تېشىلگەن كاماردىن مېڭىشنى خالىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئەۋرەز يوللىرىنىڭ بەلگىلىك يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇۋاقلارنىڭ ئۈستىگە "بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزىمەن دېمەڭ، سىز بېلىق بولمىغاندىكىن" دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ ھەر قېتىم كۆرسەم كۈلۈپ سالاتتىم. ئامېركىلىقلاردىمۇ لەتىپىگە ئوخشايدىغان يۇمۇرلار بار ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك سورۇندا بىۋاستە توقۇلىدىغان چاخچاقلار يوق. تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدىمۇ لەتىپە ژانىرى ئاساسەن مەۋجۇد، ئەمما ئۇيغۇرلاردىكىدەك سورۇننىڭ ئۆزىدىلا توقۇلىدىغان ھازىر جاۋاپ چاخچاقلار ۋە چاخچاقچىلار يوق. ئۇيغۇر چاخچاقلرىدىكى لەقىمىنى كەلتۈرۈش، پاس چىقىرىش، قاتارى بويىچە چاخچاققا قېتىش…قاتارلىقلار يوق. بىر قېتىم ئۆزىگە جۈرئەت دەپ ئىسىم قويىۋالغان بىر ئامېرىكىلىق ماڭا خەت يېزىپ تونۇشلۇق بەردى. ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. پاراڭ جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىنى غۇلجىدا ئۆگەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. سەۋەبىنى سورۇسام بېيجىڭدىكى بىر سورۇندا غۇلجىلىق بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ سورۇندىكى چاخچاقلارنى چۈشىنىش، ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە قارار بەرگەنىكەن.


ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى خۇشخۇيلۇق ئورتاقلىقىنى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك گەپ ۋە پارڭلاردىنمۇ ھىس قىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا "ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دېگەن گەپ بولغىنىدەك، ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىلىقلاردىمۇ "دۇنيانى خۇشخۇي كىشىلەر چۆرگىلىتىدۇ" دېگەن گەپ بار ئىكەن. ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بىر ئامېرىكىلىق بىلەن تولا خەت ئالاقىدا بولدۇق. بىر كۈنى ئۇ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىنى ئەڭ مۇجەسسەم ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇيغۇر خەلق ماقالىنىڭ قايسىلىقىنى سورۇسام "ئۇلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دەيدۇ. ئۇ بۇ ماقالدا ئەكىس ئەتكەن ئۈمىدۋارلىق، قورقماسلىق، قەيسەرلىك، تەۋەككۈلچىلىك، مەغرۇرلۇق ۋە مەردانىلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولىدىكەن.


"ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دېگەن بۇ ئۇيغۇر ماقالىغا ئەقىدە باغلىغان، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمى سىكات ئېدى. ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشىپ تۇردۇق. بىر خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئۇنتۇلماس تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق يېزىپتۇ. "ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ھاياتىمدا كۆپ پىشكەللىكلەرگە ئۇچرۇدۇم. بىر مەزگىل سۇغۇرتىلىرىمنى تۆلىيەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆي ئىجارىسىىنىمۇ قەرز ئالىدىغان، ئىش ئىزدىگەنلا يەردىن رەت قىلىنىدىغان كۈنگە قالدىم. شۇنداق چاغلاردا دۆڭ كۆۋرۈكتىكى يايمىكەش بوۋاي، مومايلارنىڭ مۇز توڭلاپ كەتكەن يولغا يىغىپ كەلسە يۈز يۈئەنگىمۇ يەتمەيدىغان تەئەللۇقاتنى تىزىپ قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىپ ئولتۇرغان تۇرىقى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ كېلىدۇ-دە بۆلەكچىلا جانلىنىپ كېتىمەن. مەن ئامېرىكىلىق، پۇلۇم پەقەت قالمىغان بولسىمۇ يەنە بانكىدىن قەرز ئالالايمەن، دۆلەتنىڭ يارىدىمىنى ئىلتىماس قىلالايمەن، دۆلەتنىڭ پاناھخانىسىغا تىزىملىتالايمەن. ئۈرۈمچىدىكى يايمىكەش ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارچۇ؟ شۇ قەھرىتان سوغۇقتا ئەگەر ئۇلار شۇ كۈنلۈك يىمەكلىكنىڭ پۇلىنى تاپالمىسا، ئاخشاملىق كۆمۈرنى سېتىۋالالمىسا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى كېچىچە توڭلاش، تىترەش بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار نېمىشقا چۈشكۈنلەشمەيدۇ، يەنە نېمىشقا ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇلاردىكى ھاياتقا بولغان قەيسىرانە تەلپۈنۈش، كۈلپەتلىك رىياللىقىغا بولغان مەنسىتمەسلىك، ئۆلۈمگە بولغان قورقۇمسىز يۈزلىنىش نەدىن كەلگەن؟ ئۈرۈمچىدە مېنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگىنىم ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس ھاياتقا بولغان مەردانە ئىشەنچ، مۇشەققەت ئالدىدىكى مەغۇرۇر پوزىتسىيە، مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى جاھىلانە تەۋەككۈلچىلىك روھىدىن ئىبارەت!"


ۋەتەنگە قايتىشقا بىر قانچە ھەپتە قالغان بىر پۇرسەتتە سىكاتنى يوقلاپ ئۆيىگە باردىم. ئۇ مېھمانخانىسىنىڭ ئىشىكتىن كىرىشتىكى تېمىغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئۇرۇش مەيدانىدىكى بىر جەڭچىنىڭ قولىدا مىلتىق، دۈمبىسىگە راۋابىنى تېڭىپ دۈشمەنگە ئوت ئېچىۋاتقان رەسىمىنى چوڭايتىپ ئېسىۋاپتۇ. ئۇ رەسىمگە بەك قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ "قاراڭ، مانا بۇ ئۇيغۇر. ئۇنىڭ يۈدىۋالغان راۋابىنى ئۈمىد، غەلىبە دېسەك، ئۇنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى ئۆلۈمگە ئوخشىتىمىز. مانا قاراڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە، ئۆلۈمنى قاماللىغان بارماقلىرىغا. بىر قورقۇنچنى بايقىدىڭىزمۇ؟ سىلەر ئۆلۈمنى مەنسىتمەيسىلەر شۇڭا سىلەر ئۇيغۇرلار يا" ئۆلۈم يا كۆرۈم" دېيەلەيسىلەر، سىلەرنىڭ مىزانىڭلاردا ئۆلۈم بىلەن ياشام ئارىسىدا ئۆلۈمتۈك بولۇپ ياشاش يوق. سىلەردە "تار يەردە ئاش يىگۈچە كەڭ يەردە مۇش يە" دېگەن ماقال بار. بۇنىڭدىكى مەنا قۇللۇقتىكى توقلۇقتىن ھۆرلۈكتىلى ئۆلۈمنى ئەلا بىلىشتۈر. سىلەر"ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دەيسىلەر. بۇ ماقالدا ھاياتتىكى ھەر قانداق مۇشكۈلاتنى، پىشكەللىكنى ۋە ئامالسىزلىقنى يىمىرىپ تاشلايدىغان جاسارەت جىلۋە قىلىدۇ. يا خۇشاللىق ئۈچۈن ياشايسىلەر يا شۇ خۇشاللىقنىڭ، ھوزۇرنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جان تىكىسىلەر. سىلەر يا مۇھەببەتكە چۈمۈلۈپ، گۈزەللىك يارىتىپ ياشايسىلەر، يا مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ كۈشەندىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلىسىلەر." سىكات بىلەن تۈن نىسپىغىچە قەھۋە ئىچكەچ مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.


ئالدىنقى: كەڭ قورساق ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار

كـىيىنكى: ئامېرىكىدا ۋە ئۇيغۇردا دىنىي ھايات