ئانام
ئانام
ئىمىن ئەھمىدى
بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار،
قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان.
ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار،
ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان.
ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن،
كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان.
ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن،
سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان.
شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق،
دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ.
كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق،
ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ.
مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان،
ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ.
مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان،
ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ.
چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە،
مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ.
بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە،
ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ.
ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم،
نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا.
بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم،
قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا.
دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم،
ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك.
ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم،
سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك.
رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى،
گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن.
سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى،
چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن.
پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر،
روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر.
كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر،
قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر.