ئانا يۇرت ھىجرانىمىزنىڭ مەردانە كۈيچىسى: سەرۋى
ئانا يۇرت ھىجرانىمىزنىڭ مەردانە كۈيچىسى: سەرۋى
بىر مىللەتنى ياتلاشتۇرۇشنىڭ ئۈچ يولى بار دېيىلسە، بۇ يولنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئەدەبىياتىنى شالغۇتلاشتۇرۇش، يەنە بىرى دىنىنى شالغۇتلاشتۇرۇش، يەنە بىرى ئېستېتىك زوقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، دېيىشكە بولىدۇ. بۇلاردىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى ئېستېتىكىمىزنىڭ بۇلغىنىشى، زەۋقسىزلىق بىتابلىقىغا مەھكۇم بولۇشىمىزدۇر. زەۋق ئېلىشنى بىلمىگەن، پەرق ئېتىشتىن مەھرۇمدۇر. ھالال ۋە ھارام پەرقى، ھەقىقەت ۋە سەپسەتە پەرقى، ئادالەت ۋە زۇلۇم پەرقى، ئېستېتىك ۋە چىركىنلىك پەرقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىللىي زەۋق سۈزگۈچىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتمىگەندە، قىممەتلىك قىممەتسىزگە، ھەق باتىلغا، ئۆتمۈش چۆچەككە ئايلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. تارىخىمىزدىن روھ ئالالماسلىقىمىز، ئەجداد روھىدىن فەيزلىنەلمەسلىكىمىز، ھەتتا فەيز ئۇقۇمىنىڭ كۈنىمىز قامۇسىدا تېگىشلىك ئورنى بولمايۋاتقانلىقى، قىممەت دۇنيايىمىزدا بىرە مەنە ئىپادە قىلمايۋاتقانلىقىمۇ، ۋۇجۇدىمىزنىڭ ئۆزۈكى بولمىش ۋىجدانىمىز تارىنى چېكەلمەس بولۇپ قېلىشىمۇ زەۋقسىزلىق دەرىجىمىزنىڭ نەقەدەر بەتتاملاشقانلىقىغا گۇۋاھ بولسا كېرەك. ئۈششۈگەن زەۋققە ساھىب ئاڭدىن، ئۈششۈگەن قەلبكە ئىگە جەسەتسىمان ۋۇجۇدلاردىن زەۋق تىلنىڭ ھاياتلىققا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ بولسۇنمۇ؟
شېئىر ئۇشبۇ زەۋق تىلىنىڭ چوققىسى، شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ زەۋق قابىلىيىتىنىڭ كەشتىلەنمىش ھالەتلىرىدىن بىرى. شېئىردا ئۆزلۈك بار. شېئىردا خاسلىق بار. شېئىردا مىللەت بار. شېئىر نە پەقەت زەنجىرسىمان كەلىمىلەرنىڭ قېلىپلاشقان ھالىتى، بەلكى ئۇ ئىچكى دۇنيانىڭ، مەنە ئالىمىنىڭ ۋە سۈزۈك تۇيغۇلارنىڭ كەلىمىلەر ۋۇجۇدىغا نەقىشلەنگەن ئوبرازى. شېئىر باركى، تۇيغۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەرىكەتلىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جەزملەش مۇمكىن. تۇيۇمىنى يوقاتمىغان، تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش تىلىغا باي شېئىر ئۇشبۇ ئۈششۈشلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكۈچى، تۇيغۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، توڭلاشنىڭ ئۆلۈمگە تەڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرغۇچى جاكاردۇر. ۋىجدان پەريادلىرىنى، ئورتاق سېغىنىش، ئورتاق ئۈمىدلەرنى قەلبتىن قەلبكە يايغۇچى، ئورتاق غايە تامان ئىلگىرىلىگۈچى تۇيغۇلارنى بىر - بىرىگە باغلىغۇچى رىشتىدۇر. ئۇ جەھەتتىن مىللەت ئورتاق تۇيغۇسىنى، ئورتاق غايىسىنى، ئورتاق دەردىنى پەقەتلا شېئىرلارغا پۈتۈش ئارقىلىق ئەبەدىيلەشتۈرۈپ كەلگەن. يېزىلغانلا نەرسىنىڭ ئەدەبىي بولۇشى، پۈتۈلگەنلا قاپىيەلەر دۆۋىسىنىڭ شېئىر بولۇشى ناتايىن. كۆڭۈل بېرىپ توقۇلغان كەشتە تىككۈچىنىڭ روھ دۇنياسى، زېھنىگە پۈكۈلگەن تەسۋىرلەر كەشتىگە سىپتىلىق بىلەن سىڭىش بىلەن، ھەمدە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن سەۋر - تاقەت كەلتۈرۈشى، ھەربىر توقۇشتا يىڭنە ئۇرغاندا زېھنىدىكى تەسۋىرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بۇزمايدىغان بىر ئەجىر، بىر مېھنەت سەرپ قىلىشى بىلەن روياپقا چىقىدۇ. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار كەشتىلىرىنى سوغا قىلغىنىدا، بىر پارچە خەسە ئۈستىگە توقۇلغان رەسىمنى كۆزلىگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سىڭگەن يۈرەك قېنىنى، ئەجىر مېھنىتىنى سوغا قىلىدۇ. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن كەشتىلەنگەن خەسە قىممەتلىك ئەمەس، ئۇنىڭغا سىڭگەن ئەجىر، مېھىر ۋە تۇيغۇ قىممەتلىك بولىدۇ. شېئىرمۇ ئەنە شۇنداق. ئۇنىڭدىكى قىممەتمۇ رەتلىك تىزىلغان كەلىمىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىل چىقىرىشلىرىدىكى ماھارەتلەردە ئەمەس، ئۇنىڭدا ئاڭلىتىلغان تۇيغۇ، ئۇنىڭغا سىڭگەن روھ، ئۇنىڭدىكى ئېستېتىك، ئۇنىڭدىكى چوڭقۇرلۇقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. نىچشىنىڭ: «يۈرەك قېنىڭ بىلەن ياز» دېگەن سۆزىدىمۇ ماھارەتنىلا ئەمەس، ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغان قىممەت، تۇيغۇ ۋە روھنىڭ ئەكس ئېتىلىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئېرفانىي تىلىمىزدا كەلگەن «فۇتۇھات»نىڭ سەمەرىلىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. نەۋائىي شېئىرلىرىدىكى ئاتا يۇرت سېغىنىشى كەلىمىلەر قەسرىگە جايلاشتۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر قىممەتلىنىپ، سۆيۈلگەن بولسا، بۈگۈنكى ئۆز ۋەتىنىدىن جۇدا بولمىش ئەۋلادلىرىنىڭ پەريادلىرى، سېغىنىشى ۋە ئۈمىدۋارلىقلىرىمۇ سۆيۈلۈشكە ھەقلىق بولمىقى لازىم. بەلكى بىزنىڭ بۇ تۇيغۇلارنى سەگىتىپ تۇرۇشىمىز، ۋىجدانىي ئويغاقلىقنى بىردەممۇ يوقىتىپ قويماسلىقىمىز زۆرۈردۇر. نەتىجىدە ئاتا - بوۋلىرىمىزنىڭ سېغىنىشى كۆپىنچە مۇساپىرانە ۋە ئىختىيارىي ئايرىلىش ھېسابلانسا، بۈگۈنكىلەرنىڭ سېغىنىشى مەجبۇرلۇقتىن، جۇدالىقتىندۇر. بۇ جۇدالىق مۇساپىرلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ھەيدەپ چىقىرىلىشتىن، مەھرۇم قىلىنىشتىن، جان بېرىپمۇ، مال بېرىپمۇ ئۆز ئانا تۇپرىقىغا ئېرىشەلمەيدىغان، كۆمۈلەلمەيدىغان دەرىجىدە تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولۇش بىلەن پەرقلىنىپ تۇرماقتا. سەرۋى شېئىرلىرىدا بۇ تۇيغۇلار قويۇق ۋە رەڭدارلىققا ئىگە. ئۇنىڭ گويا كەشتە مىسالى توقۇغان ھەربىر مىسرالىرىدا بىر دەرد، بىر سېغىنىش، بىر ئۈمىد چاقنايدۇ. ئۇنىڭ دۇنياسىدىكى ھىجران ئوتلىرى ئۈششۈگەن ۋىجدانلارغا تەپت بېرەلەيدۇ، ئۈششۈگەنلىكىنىمۇ سەزمەي تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان جەسەتلەرگە ئۇچقۇن بولۇپ تېگەلەيدۇ. ئېھتىمال ئوخشاش ھىجران، ئوخشاش ئوقۇبەت ۋە ئوخشاش دەرد ئىگىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ماددىي فەتىھلەردىن ئاۋۋالقى مەنىۋى فەتىھلەرگە مۇشەررەپ بولۇش قەدىمىمىزگە، تۈگەل باشقىلارغا چىرمىشىپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كېتىشتىن ئۆزىمىزگە، ئۆزلىكىمىزگە قايتىشقا سىگناللار چېلىنىۋاتقاندۇ. ئەمما قۇلاق ئاڭلاشقا تېگىشلىكنى ئاڭلىغىلى، كۆرۈشكە تېگىشلىكنى كۆرگىلى، قەلب چۈشىنىپ يېتىش كېرەك بولغاننى چۈشەنگىلى ئۇنىمىسا نە چارە!!!
شۇنداقتىمۇ دىلنىڭ كىلىتى بولمىش تىلغا، تىلنىڭ قۇدەرت تىمسالى بولغان شېئىرغا مۇراجىئەت قىلىش بىرئاز بولسىمۇ تەسكىنلىك، بىرئاز بولسىمۇ چوڭقۇر نەپەسكە، ئۆزىمىزگە كېلىشكە باھار شامىلى كەبى مەيىنلىك ئېلىپ كەلسە ئەجەب ئەمەس. قايسى قوشۇننىڭ غازىيلىرى بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى، فەتىھ مەنزىلىمىزنىڭ قاياققا توغرىلىنىشىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بۇ بۇرۇقتۇملۇق كۈنلەردە يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان قۇرلار چۆلدىكى بۇلاق سۈيى كەبى ئارزۇلۇق ۋە قەدىرلىكتۇر. غەپلەت ئۇيقۇسىغا ئەسىر بولۇپ ياتقان روھىي خامۇشلۇققا زىلال سۇلىرىنى پۈركەپ تۇرۇۋاتقان، زەۋق قابىلىيىتىمىزنى نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا بىر قولىدا ئەلەم، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇش ئارقىلىق تۇمارىس ۋە نەفىسەلەر روھىنى جەۋلان قىلىۋاتقان، مىللىي دەۋايىمىزغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان سەرۋى خانىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئامەت، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە ئېسەنلىك يار بولغاي!
-بۇرھان مۇھەممەد
يارىدار قەشقەر
ئاپتورى: سەرۋى
ئاھ قەشقەر،
تىرناقلىرى يۇلۇنغان تامام،
كۆزلىرىدىن ياشلىرى تارام.
سەنتۈرۈلۈپ، مۈدۈرۈپ مېڭىپ،
ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ بىلەتنى،
سېتىۋالار تالىشىپ يۈرۈپ.
ئايروپىلاندا شۈمشەيگىنىچە،
دۇئا - سالام يوللايدۇ ماڭا.
ناتونۇش تىل، ناتونۇش كوچا،
ئارىسىدىن مېنى ئىزدەيدۇ.
كۆردۈڭلارمۇ قەشقەر قىزىنى،
يۈرىكىدە ئىزىم بار دەيدۇ.
سوراپ يۈرۈپ مېنى قۇشلاردىن،
ئاق ئېچىلغان ماگنولىيەدىن.
تېپىۋالار قىينىلىپ يۈرۈپ،
مەن سۆيمىگەن ۋىرجىنيەدىن.
ئىشىكىمنى چېكىدۇ ئاستا،
قان سىرغىغان قوللىرى بىلەن.
چاقىرار ئىسمىمنى يىغلامسىرىغاچ:
بىغەم قىزىم ئىشىكىڭنى ئاچ،
يارىلانغان قەشقىرىڭ كەلدى.
قەشقەر،
تامام قىلىپ سۈرە فاتىھە،
داستىخانغا يايار سىرىنى.
ئېلىپ كەپتۇ ئاھ ماڭا دوستلار،
شايى ياغلىق ئىچىگە تۈگۈپ،
ئانام باققان ناماز شام گۈلنىڭ،
ئۇرۇقىدىن دەل قىرىق بىر تال.
ئاھ، نامازشام گۈللەر،
ئارقا ھويلامدا مەڭگۈ ياشناپ قال.
شام ۋاقتىدا ئېچىلىپ نازۇك،
ئېيتىپ بەرگىن ماگنولىيەگە،
خاقانىيەنىڭ ھېكايىسىنى.
قەشقىرىم مېنىڭ، ئانىجان قەشقەر،
ۋىرجىنىيە بىلەن تىنىقلىرىمدا،
كېسىشىپ ھەر كۈن چارچىغان شەھەر.
ئاڭلىغىن قۇشلارمۇ شەرىپىڭ ئۈچۈن،
قەشقەرچە بىر مۇقام ئېيتتى بۇ سەھەر.
يىغلىما ئانىجان قەشقەر.
قان تامچىغان بارماقلىرىڭدىن،
چوڭقۇر - چوڭقۇر تارتۇقلىرىڭدىن،
قوراي كەبى يادەك تېنىڭدىن،
يىرتىق - ياماق چۈشكەن كىيىمىڭدىن،
خىجىل بولۇپ ئۆكۈنمە پەقەت.
قولۇڭنى بەر يارىدار قەشقەر،
يۇيۇپ قوياي ياشلىرىم بىلەن.
ئاق ماگنولىيەنىڭ تاۋار بەرگىدىن،
ئاياقلىرىڭغا پايانداز سالاي.
سەلتەنىتى سۇنغان خان ئۆزۈڭ،
كەل، يۈرىكىمگە مەن سېنى ئالاي.
2021 - يىلى، 23 - ئاپرېل
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى