Jump to content

ئانتانتا دۆلەتلىرى

ئورنى Wikipedia
ئانتانتا دۆلەتلىرى
Inception1 يانۋار 1914
Participant inبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
Participated in conflictبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
Dissolved, abolished or demolished date1 يانۋار 1918
Has part(s)Triple Entente, بېلگىيە, Kingdom of Montenegro, Kingdom of Italy, First Portuguese Republic, Regatul României, Kingdom of Greece, Republic of China, ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
Opposite ofCentral Powers, گېرمانىيە, Austria–Hungary, ئوسمان ئىمپېرىيىسى

ئانتانتا دۆلەتلەر (ئىنگ: Entente Powers) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان يەنە بىر جاھانگىرلىك گۇرۇھى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيەنىڭ 1904 — 1907 - يىللىرى بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. 1893 - يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن روسىيە ئالدى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزگەن. گېرمانىيەنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە مۇستەملىكىلەردىكى زىددىيىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، 1904 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنگلىيە - فرانسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان روسىيە ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،1907 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئەنگلىيە - روسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. بۇنىڭ بىلەن ئانتانتا دۆلەتلەر (كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر) ئاخىرى شەكىللەنگەن.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 25 دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1918 - يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىرلار ئانتانتا دۆلەتلەر نامى بىلەن، سوۋېت روسىيەسىگە ئۈچ قېتىم قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈپ، مەغلۇپ بولغان. ئانتانتا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كەتكەچكە بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتكەن.