Jump to content

ئانىنىڭ خېتى

ئورنى Wikipedia

ئانىنىڭ خېتى


«سۆيۈملۈك ئانا: مەن يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش □، ئانچە ئالدىراش ئەمەس □، بىكار □؛ دەرسلىرىم ياخشى □، ئوتتۇراھال □، ناچار □؛ يېقىندا ئالغاندىكى ئىمتىھان نەتىجەم 90 دىن يۇقىرى □، 60 تىن يۇقىرى □، لاياقەتسىز □؛ سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى □، ئازراق بىئارام □، ياخشى ئەمەس □؛ مەن يازلىق تەتىلدە □، قىشلىق تەتىلدە □، كېلەر يىلىدا □ ئۆيگە قايتىمەن...»

«بالام، مەن سېنىڭ خەت يازغۇدەك ۋاقتىڭ يوقلىقىنى بىلىمەن، ھازىر بىر مىنوت ۋاقتىڭنى چىقىرىپ، يۇقىرىقى كاتاكچىلەردىكى سېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىرىغا «√» بەلگىسى قويۇپ ماڭا ئەۋەتكىن. مەن كونۋېرتقا ئادرېسنى يېزىپ ماركىنىمۇ چاپلاپ، ساڭا ئەۋەتتىم. بالام، مەن قېرىپ قالدىم، سېنى يەنە قانچىلىك ساقلىيالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مېنى كۆپ ساقلاتمىغىن. سېنى قاتتىق سېغىنغان  ئاناڭدىن.»

ھېكمەت: ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ، ئانىلىق مېھرىمۇ ھەم شۇنداق. ئانىلىق مېھرى سىزگە ۋاقىت بەرگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز خالىغان ۋاقىتتا ئېرىشەلمەيسىز. بۇ ئالاھىدە سالام خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەر كىم ئوخشىمىغان ھېسسىياتتا بولىدۇ. سىزنى سېغىنىدىغان كىشىلەرگە ئازراق ۋاقتىڭىزنى بېرىڭ، بېشىڭىزغا بالايى-ئاپەت كەلگەندە، تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقىدىغىنى دەل شۇلاردۇر!