ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى
ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى
ئۇنسىي ئەلھاج
1
كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرىسەن، ئەسۇ يادىڭ شامالدا، پۇتلىرىڭ بوراندا.
2
قوللىرىڭ ئىككى دولقۇن بولۇپ مىدىرايدۇ. كارۋات جەنۇبقا باشلىنىدۇ.
3
ھەرپلەر ئۆتىدۇ. ئۆزۈڭنى مۈشۈك دەپ ئويلايسەن. ھەرپلەر ئارا ئۇخلايسەن.
ئۇيقۇ سېنى پادىشاھقا يۆتكەيدۇ.
4
سۆزلەرنىڭ ئۈستىدە چاتقاللىققا كېتىسەن. قورام تاشلارغا يېقىنلىشىسەن - دە، ئەينەكلەرگە ئايلىنىدۇ. شەبنەم ئېرىقلارغا، چېكىتلەر قۇشقاچلارغا، پەشلەر كېپىنەكلەرگە ۋە سانلار دەرەخلەرگە ئايلىنىدۇ.
كارۋات سېنى بىر كۆلچەك بويىدا ساقلايدۇ.
5
قارا بەت بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويىدىغان پەرىزاتتۇر. ئۇ تەتىلدىكى تېشىغا تېپىپ تۇرغان ئەمچەكلىرىڭگە لەززەتنىڭ جىنىنى چاقىرىدۇ.
سېنىڭ قانچىلىك تەشنا بولىدىغانلىقىڭنى ھەم نېمىنى خىيال قىلىدىغانلىقىڭنى ھېچكىم ئويلاپ تاپالمايدۇ.
6
چۈشلىرىڭدىن ئۆزۈمنى قوغداشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەي، گۈزەل ئوقۇرمەن ئايال، سېنى ئازراق بىلىمەن، سەن مېنىڭ ئاشنام ھەم قىز قېرىندىشىم. سۆزلەرنىڭ بېلىدىن قانداق تۇتۇپ قانداق سىقىپ سىقىپ سىقىدىغانلىقىڭنى ئازراق بىلىمەن.
7
يۈزۈڭ يانىدۇ - دە، نۇرنى پەسەيتىسەن.
غايىۋىي قاراڭغۇلۇق ئۆزىدىكى ئەڭ نەپىس نەرسە ئاق تەننىڭ يالىڭاچلىقى دەپ قارايدۇ.
8
ھۇجرا بىر كۈلكە بىلەن ئايرىلىدۇ. ئەمچەكلىرىڭنىڭ قېقىلىشلىرىدا ئۇچىدۇ.
9
ھەر بىر قۇرغا چۈشىدىغان يەردە سېنى يېڭى بىر چاتقاللىق ماراپ تۇرىدۇ. كىتابنىڭ تېشىنى سىلايسەن - دە، نۇرنى تېخىمۇ بەكرەك پەسەيتىسەن.
10
كارۋىتىڭ كېمە ۋە مەپە.
شامال كۈچەيمەكتە. پۇتلىرىڭنىڭ ئەتراپىدا بوران تەلۋىلەشمەكتە.
سەن، ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى، كارۋاتنىڭ قىرىدا، كېتىسەنۇ كېتىسەن...
سۆزلەر كارۋاتقا چىقىپ سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىدۇ.
11
سەن قايتىپ كەلگەندە، نۇر ئاللىقاچان ئۆچكەن بولۇپ، سۆزلەر خوشال ھالدا ئۈستۈڭگە تاشلىنىدۇ، يۈزۈڭدىن نۇر بۇلدۇقلايدۇ، سۆزلەر بېلىڭدىن تۇتۇپ، سېنى سىقىپ سىقىپ سىقىدۇ...
(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)
مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى
ئەرەبچىسى:
أَجْمَلُ الْقَارِئَاتِ
أنسي الحاج
I
تَجْلِسِينَ عَلَى حَافَّةِ السَّرِيرِ، بَالُكِ فِي الرِّيحِ وَقَدَمَاكِ
فِي الْعَاصِفَةِ.
II
تَتَحَرَّكُ يَدَاكِ مَوْجَتَيْنِ. وَيَبْدَأُ السَّرِيرُ إِلَى الْجَنُوبِ.
III
تَمُرُّ الْحُرُوفُ. تَحْسَبِينَ أَنَّكِ هِرَّةٌ. تَنَامِينَ بَيْنَ
الْحُرُوفِ.
يَنْقُلُكِ النَّوْمُ إِلَى الْمَلِكِ.
IV
تَرْحَلِينَ عَلَى الْكَلِمَاتِ إِلَى الْأَحْرَاجِ. تَقْتَرِبِينَ
مِنَ الصُّخُورِ فَتُصْبِحُ مَرَايَا. يَصِيرُ النَّدَى جَدَاوِلَ،
النِّقَاطُ عَصَافِيرَ، الْفَوَاصِلُ فَرَاشَاتٍ، الْأَرْقَامُ
أَشْجَارًا.
وَيَنْتَظِرُكِ السَّرِيرُ عِنْدَ غَدِيرٍ.
V
الصَّفْحَةُ السَّوْدَاءُ جِنِّيَّةٌ تُؤَجِّلُ عَمَلَ الْيَوْمِ إِلَى
الْغَدِ. تَسْتَحْضِرُ رُوحَ اللَّذَّةِ إِلَى نَهْدَيْكِ الطَّافِرَيْنِ فِي
عُطْلَةٍ.
لَا أَحَدَ يَحْزُرُ كَمْ تَشْتَهِينَ وَمَاذَا تَتَخَيَّلِينَ.
VI
أَعْجَزُ عَنْ حِمَايَةِ نَفْسِي مِنْ أَحْلَامِكِ. أَعْرِفُكِ قَلِيلًا
أَيَّتُهَا الْقَارِئَةُ الْجَمِيلَةُ، أَنْتِ خَلِيلَتِي وَأُخْتِي. أَعْرِفُ قَلِيلًا
كَيْفَ تُمْسِكِينَ الْكَلِمَاتِ مِنْ خَصْرِهَا، وَتَعْصِرِينَ،
تَعْصِرِينَ.
VII
يُضِيءُ وَجْهُكِ فَتَخْفِضِينَ الضَّوْءَ.
الْعَتَمُ الْمِثَالِيُّ هُوَ الَّذِي يَعْتَقِدُ أَنَّ أَحْلَى مَا فِيهِ عُرْيُ
الْجَسَدِ الْأَبْيَضِ.
VIII
تَنْفَصِلُ الْغُرْفَةُ بِضَحْكَةٍ. تَطِيرُ عَلَى تَنَفُّضِ نَهْدَيْكِ.
IX
تَتَرَبَّصُ بِكِ أَحْرَاجٌ جَدِيدَةٌ عِنْدَ كُلِّ نُزُولٍ إِلَى
السَّطْرِ. تَلْتَمِسِينَ جِلْدَ الْكِتَابِ فَتَخْفِضِينَ الضَّوْءَ
أَكْثَرَ.
X
سَرِيرُكِ مَرْكَبٌ وَهَوْدَجٌ.
تَشْتَدُّ الرِّيحُ. تُجَنُّ حَوْلَ قَدَمَيْكِ الْعَاصِفَةُ.
أَنْتِ، أَجْمَلُ الْقَارِئَاتِ، عَلَى حَافَّةِ السَّرِيرِ، تَذْهَبِينَ،
تَذْهَبِينَ...
تَصْعَدُ الْكَلِمَاتُ إِلَى السَّرِيرِ تَنْتَظِرُ عَوْدَتَكِ.
XI
حِينَ تَعُودِينَ وَقَدِ انْطَفَأَ الضَّوْءُ، تَرْتَمِي عَلَيْكِ
الْكَلِمَاتُ فَرِحَةً، وَيَتَفَجَّرُ وَجْهُكِ بِالنُّورِ، وَتُمْسِكُكِ
الْكَلِمَاتُ مِنْ خَصْرِكِ تَعْصِرُكِ، تَعْصِرُكِ...
ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە
أَجْمَلُ الْقَارِئَاتِ
ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى
أنسي الحاج
ئۇنسىي ئەلھاج
1
تَجْلِسِينَ عَلَى حَافَّةِ السَّرِيرِ، بَالُكِ فِي الرِّيحِ وَقَدَمَاكِ فِي الْعَاصِفَةِ.
كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرىسەن، ئەسۇ - يادىڭ شامالدا، پۇتلىرىڭ بوراندا.
2
تَتَحَرَّكُ يَدَاكِ مَوْجَتَيْنِ.
قوللىرىڭ ئىككى دولقۇن بولۇپ مىدىرايدۇ.
وَيَبْدَأُ السَّرِيرُ إِلَى الْجَنُوبِ.
كارۋات جەنۇبقا باشلىنىدۇ.
3
تَمُرُّ الْحُرُوفُ. تَحْسَبِينَ أَنَّكِ هِرَّةٌ. تَنَامِينَ بَيْنَ الْحُرُوفِ.
ھەرپلەر ئۆتىدۇ. ئۆزۈڭنى مۈشۈك دەپ ئويلايسەن. ھەرپلەر ئارا ئۇخلايسەن.
يَنْقُلُكِ النَّوْمُ إِلَى الْمَلِكِ.
ئۇيقۇ سېنى پادىشاھقا يۆتكەيدۇ.
4
تَرْحَلِينَ عَلَى الْكَلِمَاتِ إِلَى الْأَحْرَاجِ.
سۆزلەرنىڭ ئۈستىدە چاتقاللىققا كېتىسەن.
تَقْتَرِبِينَ مِنَ الصُّخُورِ فَتُصْبِحُ مَرَايَا.
قورام تاشلارغا يېقىنلىشىسەن - دە، ئەينەكلەرگە ئايلىنىدۇ.
يَصِيرُ النَّدَى جَدَاوِلَ، النِّقَاطُ عَصَافِيرَ، الْفَوَاصِلُ فَرَاشَاتٍ، الْأَرْقَامُ أَشْجَارًا.
شەبنەم ئېرىقلارغا، چېكىتلەر قۇشقاچلارغا، پەشلەر كېپىنەكلەرگە ۋە سانلار دەرەخلەرگە ئايلىنىدۇ.
وَيَنْتَظِرُكِ السَّرِيرُ عِنْدَ غَدِيرٍ.
كارۋات سېنى بىر كۆلچەك بويىدا ساقلايدۇ.
5
الصَّفْحَةُ السَّوْدَاءُ جِنِّيَّةٌ تُؤَجِّلُ عَمَلَ الْيَوْمِ إِلَى الْغَدِ.
قارا بەت بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويىدىغان پەرىزاتتۇر.
تَسْتَحْضِرُ رُوحَ اللَّذَّةِ إِلَى نَهْدَيْكِ الطَّافِرَيْنِ فِي عُطْلَةٍ.
ئۇ تەتىلدىكى تېشىغا تېپىپ تۇرغان ئەمچەكلىرىڭگە لەززەتنىڭ جىنىنى چاقىرىدۇ.
لَا أَحَدَ يَحْزُرُ كَمْ تَشْتَهِينَ وَمَاذَا تَتَخَيَّلِينَ.
سېنىڭ قانچىلىك تەشنا بولىدىغانلىقىڭنى ھەم نېمىنى خىيال قىلىدىغانلىقىڭنى ھېچكىم ئويلاپ تاپالمايدۇ.
6
أَعْجَزُ عَنْ حِمَايَةِ نَفْسِي مِنْ أَحْلَامِكِ.
چۈشلىرىڭدىن ئۆزۈمنى قوغداشقا ئاجىزلىق قىلىمەن.
أَعْرِفُكِ قَلِيلًا أَيَّتُهَا الْقَارِئَةُ الْجَمِيلَةُ، أَنْتِ خَلِيلَتِي وَأُخْتِي.
ئەي، گۈزەل ئوقۇرمەن ئايال، سېنى ئازراق بىلىمەن، سەن مېنىڭ ئاشنام ھەم قىز قېرىندىشىم.
أَعْرِفُ قَلِيلًا كَيْفَ تُمْسِكِينَ الْكَلِمَاتِ مِنْ خَصْرِهَا، وَتَعْصِرِينَ، تَعْصِرِينَ.
سۆزلەرنىڭ بېلىدىن قانداق تۇتۇپ قانداق سىقىپ سىقىپ سىقىدىغانلىقىڭنى ئازراق بىلىمەن.
7
يُضِيءُ وَجْهُكِ فَتَخْفِضِينَ الضَّوْءَ.
يۈزۈڭ يانىدۇ - دە، نۇرنى پەسەيتىسەن.
الْعَتَمُ الْمِثَالِيُّ هُوَ الَّذِي يَعْتَقِدُ أَنَّ أَحْلَى مَا فِيهِ عُرْيُ الْجَسَدِ الْأَبْيَضِ.
غايىۋىي قاراڭغۇلۇق ئۆزىدىكى ئەڭ نەپىس نەرسە ئاق تەننىڭ يالىڭاچلىقى دەپ قارايدۇ.
8
تَنْفَصِلُ الْغُرْفَةُ بِضَحْكَةٍ. تَطِيرُ عَلَى تَنَفُّضِ نَهْدَيْكِ.
ھۇجرا بىر كۈلكە بىلەن ئايرىلىدۇ. ئەمچەكلىرىڭنىڭ قېقىلىشلىرىدا ئۇچىدۇ.
9
تَتَرَبَّصُ بِكِ أَحْرَاجٌ جَدِيدَةٌ عِنْدَ كُلِّ نُزُولٍ إِلَى السَّطْرِ.
ھەر بىر قۇرغا چۈشىدىغان يەردە سېنى يېڭى بىر چاتقاللىق ماراپ تۇرىدۇ.
تَلْتَمِسِينَ جِلْدَ الْكِتَابِ فَتَخْفِضِينَ الضَّوْءَ أَكْثَرَ.
كىتابنىڭ تېشىنى سىلايسەن - دە، نۇرنى تېخىمۇ بەكرەك پەسەيتىسەن.
10
سَرِيرُكِ مَرْكَبٌ وَهَوْدَجٌ.
كارۋىتىڭ كېمە ۋە مەپە.
تَشْتَدُّ الرِّيحُ. تُجَنُّ حَوْلَ قَدَمَيْكِ الْعَاصِفَةُ.
شامال كۈچەيمەكتە. پۇتلىرىڭنىڭ ئەتراپىدا بوران تەلۋىلەشمەكتە.
أَنْتِ، أَجْمَلُ الْقَارِئَاتِ، عَلَى حَافَّةِ السَّرِيرِ، تَذْهَبِينَ، تَذْهَبِينَ...
سەن، ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى، كارۋاتنىڭ قىرىدا، كېتىسەنۇ كېتىسەن...
تَصْعَدُ الْكَلِمَاتُ إِلَى السَّرِيرِ تَنْتَظِرُ عَوْدَتَكِ.
سۆزلەر كارۋاتقا چىقىپ سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىدۇ.
11
حِينَ تَعُودِينَ وَقَدِ انْطَفَأَ الضَّوْءُ، تَرْتَمِي عَلَيْكِ الْكَلِمَاتُ فَرِحَةً،
سەن قايتىپ كەلگەندە، نۇر ئاللىقاچان ئۆچكەن بولۇپ، سۆزلەر خوشال ھالدا ئۈستۈڭگە تاشلىنىدۇ،
وَيَتَفَجَّرُ وَجْهُكِ بِالنُّورِ، وَتُمْسِكُكِ الْكَلِمَاتُ مِنْ خَصْرِكِ تَعْصِرُكِ، تَعْصِرُكِ...
يۈزۈڭدىن نۇر بۇلدۇقلايدۇ، سۆزلەر بېلىڭدىن تۇتۇپ، سېنى سىقىپ سىقىپ سىقىدۇ...