ئاپاق (ئاباق) خوجامنىڭ ئۇمىچى ئەمەس
كۆرۈنۈش
ئاپاق (ئاباق) خوجامنىڭ ئۇمىچى ئەمەس
肆无忌惮 sì wú jì dàn
مەنىسى: ئىختىيارەن، ھەقسىز ئېگىلىۋېلىشقا، بىشەملىك بىلەن قولى يەتكىنىچە ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ؛ خالىغانچە ئالىدىغان، نەرخىنى سوراپ قويمايلا يەيدىغان نەرسە ئەمەس، دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: «ھەي! — دېدى باغۋەن، ھەدەپ ئالما ئۈزۈۋاتقان بالىلارغا ۋارقىراپ، — ھەرقايسىڭ ئۈزۈڭ بىلگەنچە ئۈزۈپ، يانچۇقۇڭغا سالىدىغان ئاپاق خوجامنىڭ ئۇمىچى ئەمەس بۇ».
«ئۇيغۇر ئىدىيوملىرى لۇغىتى»، 1-بەت