Jump to content

ئاچارچىلىق كۈنلەردە يازغانلىرىم

ئورنى Wikipedia

ئاچارچىلىق كۈنلەردە يازغانلىرىم

مەن ھايات تۇرۇپ ئەھلى ئائىلەم ھالاك بولدى. مەن ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئائىلەم ئۈچۈن تەزىيە يېشى تۆكمەكتىمەن.

ئۆيۈمدىكىلەر، سۆيۈملۈك يارەنلىرىم ئۆلۈپ كەتتى... ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقتى، يۇرتۇمنىڭ ئېگىز تۆپىلىكلىرى قان بىلەن قوپۇرۇلدى...

مەن بولسام بۇ يەردە، ئۇلاردىن يىراقتا، گويا ئەھلى - ئائىلەم ۋە سۆيۈملۈك يارەنلىرىم تۇرمۇشنىڭ تەختىراۋانلىرىدا راھەت سۈرۈپ ياشىغان زامانلارنى ئۆزۈم يالغۇز ياشىماقتىمەن، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى يۇرتۇمنىڭ ئاشۇ ئېگىز تۆپىلىكلىرىنى يالتىرىتىپ تۇرغان زامانلارنى بىر ئۆزۈم ياشىماقتىمەن.

ئائىلەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ئاچلىقتىمۇ ئۆلمەي قالغانلار قىلىچنىڭ تېغى بىلەن ئۆلۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇ تاپ يۇرتۇمدىن ئۇزاق بىر ئەلدە، نازۇ - نېمەتلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىپ، خۇشبۇي ئىچىملىكلەردىن قېنىپ ئېچىپ راھەت سۈرۈۋاتقان، لۆم - لۆم كارىۋاتلاردا قېنىپ ئۇخلاۋاتقان، كۈنلىرىنى بىغەملەرچە كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر شەھەردە ياشىماقتىمەن. ئۇلار كۈنلىرىنى ئاشۇنداق كۈلكە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە، كۈنلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلمەكتە ئىدى...

ئائىلەمدىكىلەر  ئەڭ خار ئۆلۈمنى تېتىدى... مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ ھايات سەھنىسىدىكى بۇ پاجىئەلىك تىراگېدىيەگە قارىماي ئارامخۇدا، خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈپ تۇرۇپتىمەن.

كاشكى ئاشۇ ئېزىلگەن مىللىتىمنىڭ ئارىسىدا ئاچ قويۇلغانلار ۋە ئېزىلگەنلەر قاتارىدا ئۆلۈپ كەتسەم!؟ شۇنداق بولغىنىدا، بەلكىم يۈرىكىمنى تاغدەك باسقان بۇ ئېغىرلىق بىرئاز بولسىمۇ  يېنىكلەپ قالار، كۆزلىرىمنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىغان كېچىلەرمۇ ئازلار بولغىيدى. چۈنكى، تىراگېدىيەنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەن، مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى تەڭ تارتقاندا شەھىدلىككە تۇتاشتۇرىدىغان ئاشۇ دەھشەتلىك پۇچۇلىنىشلارنى يۈرەكتىن ھېس قىلغىلى بولاتتى. ھەتتا بىگۇناھلار قاتارىدا مەسۇمانە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىش مۇمكىن ئىدى.

بىراق مەن ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىنغان مىللىتىم بىلەن بىرگە بولالمىدىم. شەھىدلىك شان - شەرىپىنى قۇچۇپ كېتىۋاتقان ئۆلۈم كارۋىنىغا جور بولالمىدىم. ئەكسىچە بۇ يەردىمەن. يەتتە دېڭىز ئارقىسىدا، ئۇزاققا جايلاشقان بىر شەھەردە، خاتىرجەم، ئەمما بىتابلىق ئىچىدە...

شۇنداق، بۇيەردىمەن، غەم - غۇسسىدىن، ئاچچىق يۇتقۇچىلاردىن يىراق بىر ئەلدىمەن... پەخىرلەندۈرگىدەك بىرەر ئىشمۇ قىلالماستىن، تەسەللىگە يارىغۇدەك تۈزۈك ياشمۇ تۆكەلمەستىن...

كاشكى، يىراقتىكى بۇ سۈرگۈن تەقدىرىمدە ئاچلىق دەردىنى تارتىۋاتقان ئەھلى ئائىلەمگە سۆزلىرىمنى ئاڭلىتالىسام...

ۋادەرىخاھ...! بۇ پاجىئەلەرگە شائىرنىڭ ئاھۇ - ئەفغانلىرى، ئاچچىق نىدالىرى نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيتتى؟!

كاشكى، مايسا بولۇپ يۇرتۇمنىڭ تۇپرىقىدا ئۈنەلىسەم، ئاچلىقتا تېپىرلاۋاتقان كىچىك بالىلاردىن بىرى كېلىپ مېنى كاپلا قىلىپ ئۈزسە، دانلىرىم بىلەن ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالسا...

كاشكى، يۇرتۇمنىڭ باغلىرىدا مەي باغلاپ تۇرغان مېۋىگە ئايلىنىپ قالالىسام. ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقان ئايال مېنى ئۈزۈپ يەۋەتسە، مېنى تاماقنىڭ ئورنىدا چايناپ - چايناپ يۇتۇۋەتسە...

كاشكى يۇرتۇمنىڭ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشقا ئايلىنىپ كەتسەم، ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقان قەۋمدىشىم كېلىپ مېنى ئوۋلىسا، قۇشقا ئايلانغان تېنىم ئارقىلىق ئۆز تېنىنى قەبرىستانلىققا كۆمۈلۈشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسا...

ئەپسۇس، سۇرىيەنىڭ ئېتىزلىقلىرىدىكى بۇغداي بولۇپ قالمىغىنىم، لىۋاننىڭ باغۇ - بوستانلىقلىرىدا پىشىپ مەي بولغان مېۋە بولۇپ قالمىغانلىقىم يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە.

ئۈن - تىنسىز داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۇسىبىتىم مېنى ئۆزۈمگە ئۆزۈم يۈز كېلەلمەس. كېچە ئەرۋاھلىرى ئالدىدا يارىماس قىلىپ قويدى. مانا بۇ مېنىڭ تىلىمنى تۇتۇلدۇرۇپ قويغان، قولۇمنى كىشەنلەپ، مېنى جاسارەتسىز، ئىرادىسىز، ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغان قىلىپ قويغان تىراگېدىيەم ...

******

بۇ ئارىدا ماڭا شۇنداق دېگەنلەرمۇ بولدى: ئەجەبا سېنىڭ ۋەتىنىڭدە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەلەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بېرىۋاتمامدۇ؟ سېنىڭ يۇرتۇڭدا تۆكۈلۈۋاتقان قان - ياشلارنى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى، جاڭگال - ئېتىزلىقلىرىدىكى تۆكۈلۈۋاتقان قان - ياشلار دېڭىزىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە قەترە دېگىلى بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟

ئۇلارغا دېدىم: راست، راست، يۇرتۇمدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تىراگېدىيەنى ئاۋازىنى سىرتىغا چىقىرالمايدىغان تىلسىز تىراگېدىيەگە ئوخشىتىش مۇمكىن. مېنىڭ بۇ تىراگېدىيەم ماھىيەتتە يىلانباش، چايان كاللىلىقلارنىڭ زەھەرخەندىلىكى تۈپەيلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مېنىڭ بۇ تىراگېدىيەم ئەمەلىيەتتە دېكلاماتسىيە قىلىنماستىن، تاماشىبىنىمۇ بولمىغان بىر سەھنىدە ئورۇنلىنىۋاتقان بىر تىراگېدىيە.

كاشكى، مىللىتىم ئاشۇ زالىم ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىپ چىقىپ، ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا. شۇ چاغدا مەن ئۇلار ئۈچۈن: تەسلىمچىلىك ئىچىدە ياشىغاندىن ھۆرلۈك يولىدا ئۆلۈپ كېتىش نەچچە ھەسسە شەرەپلىكتۇر، دېگەن بولاتتىم. چۈنكى قولىدا دۈشمەنگە قارشى شەمشەر تۇتۇپ ئاخىرەتكە يول ئالغانلار ھەقنىڭ ئەبەدىيلىكى بىلەن تەڭ مەڭگۈ ئەبەدىيلىشىدىغان كىمەرسەلەردۇر.

كاشكى، مىللىتىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ جەڭ مەيدانىدا شۇ مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئومۇميۈزلۈك قىرىلىپ مۇنقەرز بولۇپ كەتسە. ئۇ چاغدا مەن ئۇلار ئۈچۈن: بۇ بەئەينى يەر يۈزىدە  دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ چاغلىق نەرسىمۇ قالدۇرمايدىغان رەھىمسىز قارا قۇيۇننىڭ جازالىشى بولدى. قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كەلگەن شاخ - شۇمبۇللارنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈش قېرىلىقنىڭ قۇچىقىدا بىچارىلىشىپ ئۆلگەندىن نەچچە ھەسسە شەرەپلىكتۇر، دېگەن بولار ئىدىم.

مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇلار ئىسيان قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆلمىدى، سۈت ۋە ھەسەل بۇلدۇقلاپ ئاقىدىغان بىر زېمىننىڭ ئىگىلىرى تۇرۇپ ئاچ قېلىپ ئۆلدى.

كاشكى، يەر  قاتتىق تەۋرىگەن، يۇرتۇمنى ئاستىن - ئۈستن قىلىۋەتكەن، ئائىلەمنى، يارەنلىرىمنى يەر يۇتقان بولسا. ئۇ چاغدا مەن ئۇلار ئۈچۈن: بۇ ئىنساننىڭ قۇدرىتىدىن ھالقىغان بىر كۈچنىڭ تەۋرىتىشى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن كۆرۈنمەس بىر يارلىقنىڭ كۈچىدىن ئىكەن. بۇنىڭ سىرلىرىغا يېتىمەن، تىلسىملىرىنى يېشىمەن، دەپ ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇش ئاۋارە بولغاندىن باشقا ئىش ئەمەس، دېگەن بولار ئىدىم.

ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئىسيان قىلغانلىقىدىن بولمىدى. دۈشمىنىگە ئۇرۇش ئاچقانلىقىدىن ياكى يەر يۇتقانلىقىدىنمۇ بولمىدى. بەلكى ئۇلار تەسلىمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرغانلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.

ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران

تىلماچ: بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى