Jump to content

ئاچچىق تاۋۇز

ئورنى Wikipedia

شەكلى يۇمىلاق، كىچىك ئانار چوڭلۇقىدا، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئاچ سېرىق رەڭدە، ئىچىدە ئۇرۇقى بار.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

دورا نامى :ئاچچىق تاۋۇز


تۇنۇش نامى :شەھمەنزەل

تەمى :ئاچچىق

ئوردۇچە نامى :ئەندىرائىن

ۋاقتى :9-، 11-ئايلار

ئەرەبچە نامى :شاھمى خەنزەنلى، شاھىقاندەرى ، خـەيـرۇز تەلىـخ. شەھـمـى مەنـزەل

پەسىل :كۈز

خەلقئارا ترانسىپىكسىيىسى :Aqqik tawuz

دورىلىق ئورنى :قۇرۇتۇلغان مېۋىسى

ئېنگىلىزچە نامى :Colocynth

لاتىنچە نامى :Fructus Citrullus colocythi

خۇسۇسيىتى

[تەھرىر]

ئاچچىق تاۋۇزغەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنى سۈرۈش، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، يەل ۋە ئىششىقلارنى تارقىتىش.

خاس تەسىرى: غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى: كۆپ ئىشلىتىلسە ئىسسىق مىجەز كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى: فارماكولوگىيىلىك تەسىرى.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • خۇسۇسيىتى
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • پىششىق دورا ياسالمىسى
  • كېسەللىك مىسالى
  • ئۈنۈملۈك تەركىبى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

1 . ئاچچىقتاۋۇز 33 گرام ، سۇڭپىياز 6 گرام، زاراڭزا چېچىكى9 گرام، شاپتۇل مېغىزى 9 ~ 15 گرام، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرۇپ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاچچىقتاۋۇز 18 گرام، مامكاپتىن 60 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئاچچىقتاۋۇزنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدىن 6 گرام  نىشاستە، ئەرەب يېلىمى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرىدۇ.

4. ئاچچىقتاۋۇزنى سېرىقئوت، رۇم بەدىيان ۋە ئايارەج بىلەن قوشۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى سۈرۈپ، مالىخولىيا، سەرئى، ماخاۋ كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.

مىقدارى: 2.5 ~ 3 گرام.

ئورۇنباسارى: ئابدىمىلىك ياكى باراۋەر مىقداردا قىچا، ئادراسمان.

تۈزەتكۈچىسى:  نىشاستە، كەتىرا، ئەرەب يېلىمى.

يىغىش:  مېۋىسى پىشىپ سارغايغاندا ئۈزۈپ يېغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش: شامالدا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

پىششىق دورا ياسالمىسى

[تەھرىر]

ھەبىبى ھەنزەل، ھەببى قۇقىيا، مەتبۇخى ئەفتىمۇن.

كېسەللىك مىسالى

[تەھرىر]

سۇلۇق ئىششىق، سېرىقلىق چۈشۈش، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، يېرىم باش ئاغرىش، سەۋدا ۋە بەلغەمدىن بولغان باشنىڭ ئېغىرلىقى، يۈرەكنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشى، پالەچ، لەقۋا، تۇتقاقلىق، چىش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق، يۆتەل، دېمى سىقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

[تەھرىر]

مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %6 ئەتراپىدا گلۇكوزىد، سىتروللول (citrullel)، فىتوسىتىرىرول (phytosterot) كولۇسىنتىن (colocynthin) قاتارلىقلار بار.

مەنبەلەر

[تەھرىر]