Jump to content

ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق

ئورنى Wikipedia

ەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ "ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" ناملىق 476 بەتلىك كىتابى 2005 ‏-يىلى 10 ‏-ئايدا نەشر قىلىندى. بېيكىر ئەپەندىنىڭ خىتايدا ئەسلى ۋەقەنى بېشىدىن كۆچۈرگەن كۆپ كىشىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ خاتىرىلەپ، رەتلەپ چىققان بۇ رىيال تارىخي خاتىرىسى گوللاندىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب چەتئەللەردە كىشىلەرنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقلا ئەمەس، پۈتۈن كوممۇنىزم لاگېرىدا يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ ئاچارچىلىقلار ھەققىدىكى ئەس -خاتىرىسىنى قوزغاتتى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىنىڭ پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر مۇئەللىم خانىم خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالدىنقى پوست" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.