ئاھالە

ئورنى Wikipedia

ئاھالە، ئەرەبچىدىن تىلىمىزغا كىرىگەن سۆز بولۇپ، ئىسىم تۈرىگە تەۋەدۇر.

ئاھالە، مەئلۇم بىر ئورۇن ياك مەملىكەتتە ئولتۇراقلىشىپ ياشىغۇچى ئادەملەر توپى؛ خەلق، ئالامان. دۇنيادا بۇگۈن، 2016- يىلى ئىتىبارى بىلەن تەخمىنەن 7 مىلىيارد 300 مىلىيوندىن كۆپرەك ئىنسان ياشىماقتا بولۇپ، 2050- يىلى دۇنيا نۇپۇسى 9 مىلىيارددىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. دۇنيادىكى 194 دۆلەت ئىچىدە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت سۈپىتىدە جۇڭگودا 1 مىلىيارد 366 مىلىيوندىن كۆپرەك ئاھالە ياشىماقتا.

دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى 5 دۆلەتتە ياشىماقتا بولۇپ، ئۇلار نۆۋبەت بىلەن:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى: 1 مىلىيارد 366 مىلىيون 630 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ ئاھالىسى دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تەقرىبەن 20% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ھىندىستان: 1 مىلىيارد 251 مىلىيون 695 مىڭ 584 كىشى بولۇپ دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 17.4% ئاھالىسى بۇ دۆلەتتە ياشايدۇ.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى: 321 مىلىيون 362 مىڭ 789 كىشى بىلەن 4.4% دۇنيا ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھىندونېزىيە: 255 مىلىيون 993 مىڭ 674 كىشى

برازىلىيە: 204 مىلىيون 259 مىڭ 812 كىشى بىلەن بۇ بەش دۆلەت دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 53% ىنى تەشكىل قىلماقتا.