ئوتتۇرا شەرق

ئورنى Wikipedia
ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى قۇيۇق يېشىل: ئەنئەنىۋىي قاراشتىكى ئوتتۇرا شەرق؛ يېشىل: گ8 گە كۆرە ئوتتۇرا شەرق؛ ئوچۇق يېشىل: ئوتتۇرا شەرققە يېقىندىن ئالاقەدار ئەللەر

ئوتتۇرا شەرق ياكى ئورتاشەرق، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقانىڭ بىر بىرىگە ئەڭ يېقىنلاشقان يېرى ۋە بىر بىرىگە قوشنا دۆلەتلەر تامانىدىن تەشكىل قىلىنغان رايون. ئاق دېڭىزدىن پاكىستانغىچە ئۇزايدۇ ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ئاتالغۇسى ياۋروپا مەركەزىيەتچى كۆز قاراشقا تايىنىدۇ ۋە بېرتانىيەلىكلەرنىڭ 19. ئەسردە قوللىنىشقا باشلىغان بىر ئاتالغۇدۇر. بۇ ئاتالغۇدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى مەركەز قەبۇل قىلىنغاندۇر: شەرق، ئۇزاق شەرق، يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق دېگەندەك ئاتالغۇلار بۇنىڭغا كۆرە ئوتتۇراىغا قويۇلغان.