ئوتقا تۇغۇلغان بالا
ئوتقا تۇغۇلغان بالا
ئىمىن ئەھمىدى
ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن
ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى.
ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ
كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى.
ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ
مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى.
دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم
ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى.
ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت
ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى.
شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى
ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى.
ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن
شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى.
ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ
ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى.
بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن
ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى.
بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن
تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى.
ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت
يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى.
شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى
ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى.
سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ
ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى.
ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ
شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى.