ئوتىغۇچ

ئورنى Wikipedia

زىرائەت ئارىسىغا ئۈنگەن تۈرلۈك ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ۋە توپىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى

 

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

زىرائەت ئارىسىغا ئۈنگەن تۈرلۈك ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ۋە توپىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ھەرخىل شەكىللەردە نېپىزلىتىلگەن تۆمۈردىن يۈزلۈك، بىس، بويۇن ۋە دەستە بېكىتىش كوزىسى چىقىرىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە كۆكتات ئوتاشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قالاقسىمان تۈرىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزلۈكى ئالقانچىلىق، سېپى چوكا توملۇقىدا، ئۇزۇنلۇقى 15-20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، كالا مۈڭگۈزى ياكى ياغاچ بىلەن توغرىسىغا ياكى تىكىگە مۇۋاپىق دەستىلىنىدۇ