ئورخۇن ئابىدىلىرى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئورخۇن ئابىدىلىرى، موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەريا ۋادىسى بىلەن سىبىرىيەدىكى يەنسەي دەريا ۋادىسىغا تىكلەنگەن ئابىدىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئاساسەن قەبرە تاشلىرى، قەبرىلەر ۋە خاتىرە تاشلارغا پۈتۈلگەن يازمىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئابىدىلەرنىڭ تارىخىنى 13- ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئارىيەت ئېلپ ئىشلەتكەن موڭغۇل تارىخى ۋە يېزىقلىرىغا باغلاپ قويۇش كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان قاراشتۇر. ئەمىلىيەتتە بۇ ئابىدىلەردىكى يېزىق قەدىمقى تۈرك يېزىقىنىڭ گىرمانلارنىڭ رۇنىك يېزىقىغا شەكىلداش يازمىلىرى بولغىنى ئۈچۈن بەزىلەر بۇ ئابىدىلەرنى قەدىمقى تۈرك –رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر دەپمۇ ئاتايدۇ. ھازىر ئۇرخۇن ئابىدىلىرى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە كەڭ ۋە تار مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدىغان بولۇپ كەڭ مەنىدىكى ئۇرخۇن ئابىدىلىرى ئۇرخۇن ۋادىسىغا تىكلەنگەن تۈرك، ئۇيغۇر، قىرغىز مەڭگۈ تاشلىرىدىن يەتتەسۇ ۋە تارىم - جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئامۇ-سىر دەريا ۋادىلىرىدىن ئۇرخۇن- سېلېنگا دەريا ۋادىلرىغىچە تارقالغان نەچچە ئون خىل يېزىق ۋە تىللاردا پۈتۈلگەن مەركىزى ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتسە، تار مەنىدىكى ئۇرخۇن ئابىدىلىرى ئۇيغۇرلارنى يادرۇ قىلغان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئۇرخۇن دەرياسى بويىدا قالدۇرغان يازما ئابىدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى تۈرك ئۇرخۇن يازما يادىكارلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇرخۇن يازما يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرخۇن يازما يادىكارلىقلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخدىكى ئەڭ موھىم نامايەندە بولۇپ، ئاساسلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيە، ئېتنىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي تەركىبى ۋە خاراكتېر خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى ئەڭ موھىم بىرىنچى قول ماتىرىياللار بولۇپ، بۇلار خىلمۇ-خل نوقتىلاردىن چىقىش قىلىپ تەتقىق قىلىش ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ ئۇرخۇن ئابدىلرىدىكى دۇنيا قاراش مەسىلىسى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىۋاستە ئەۋلاتلىرى بولغان ئۇيغۇر لارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەلسەسىنىڭ ئاساسى بولغان دۇنيا قاراش مەسىلىرىنى تەتقىق قىىشتا، بۈگۈننى چۈشىنشى ئارقىلىق كەلگۈسى دۇنياقاراش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلشتا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكەئىگە. 

بۇ يەردىكى دۇنيا قاراش كەڭ مەنىدىكى كىشىلەرنى دۇنيانى بىلىش، ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى كۆز قاراشلىرىنى كۆرسەتمەستىن تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىكى تۈ*رك ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانا ماكانلىرىدىكى قەدىمقى دەريا ئۇرخۇن– سىلىنگان، ئامۇ سىر، تارىم ئىرتىش دەريالىرى ۋە بۇ يەردىكى ئوزۇن ۋە ماكان مەنبەسى بولمىش ئۆتۈكەن، ئالتۇن، تەڭرى، قاراقۇرۇم، ئالتاي تاغلىرىنى بىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە چۈشىنىش جەريانلىرىدىكى خىلمۇ-خىل ئەقلى پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دىنشۇناسلىق، ئاستىرونومىيە، جۇغراپىيەگىچە تۇتىشىدىغان ئىنتايىن كەڭ مەنىدىكى بىر ئوقۇمدۇر.

بىز تەھلىل قىلىدىغان ئۇرخۇن ئابىدىلىرى موڭغۇل يايلاقلىرىدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان تۈرك خانلىغى (مىلادى552-744) ۋە ئۇيغۇر(مىلادى 744-840) خانلىغى ئىشلەتكەن يېزىقتا خاتىرلەنگەن مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزىلەر بۇ يېزىقنىڭ گىرمانلارنىڭ رۇنك يېزىقىغا ئوخشايدىغانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنى «تۈرك-رۇنىك يېزىقى» دەپمۇ ئاتايدۇ.  يەنە بەزىلەر بۇ يېزىقنىڭ تىپىلغان ئورنىغا قاراپ «ئۇرخۇن ينسەي يازما يادىكارلىقلىرى» دەپمۇ ئاتايدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ يېزىقنى يالغۇز تۈرىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپلا قالماستىن يىنسەي دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان قىرغىزلارمۇ ئىشلەتكەنلىگى ئۈچۈن بۇ يېزىقتا قىرغىزچە نۇرغۇن ئابىدىلەرمۇ ساقلانغان.

ئورخۇن ئاتالغۇسى[تەھرىرلەش]

«ئۇرخۇن» دېگەن بۇ نام كېلىپ چىقىش نوقتسىدىن ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ مەركىزى، ئۇلانباتۇر شەھرىنىڭ غەربىگە 360 كىلومېتر كېلىدىغان بىر دەريانىڭ نامى بولۇپ، كەڭ كەتكەن دەريا ساھىلى ئۇرخۇن دەريا ۋادىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قارىماققا بۇ نام موڭغۇللار بىلەن زىچ باغلىىشتەك قىلسىمۇ، نورغۇنلىغان تارىخى كىتابلىرى بۇ جاينى 13-ئەسىردەك چىڭگىزخان بىلەن تونۇلغان موڭغۇل قەۋملىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرسمۇ تارىخقا سەل ئىلگىرلەپ نەزەر سالغاندا موڭغۇللاردىن بۇرۇن بۇ جاينىڭ ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئانا ماكان بولغانلىقى، ئۆتۈكەن تېغى ۋە ئۇرخۇن يىنسەي ۋادىلىرىدا تىرىكچىلىك قىلىپ ئات بلەن ئىتنى كۈندۈرۈشتىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا بىر تۈركۈم يېڭى ئاتالغۇلارنى ئالىپ كىرگەنلىگىنى بايقاش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 8-ئەسىردىكى بۇ ۋادىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىمپىراتۇرلىغىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق (قارا بالغاسۇن) قېزىلمىلىرىدىن بۇيەردىكى موڭغۇل مەدەنىيتىدىنمۇ ھالقىغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىدۇ. بۇ يەردىكى 50 كۋادىرات كىلومېتر ئارلىققا جايلاشقان ئارخىئولوگىيەلىك قېزىلما ئورۇنلرى، بۇتخانا، قەدىمى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنلىرى ۋە خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىدىن ئورخۇن نامىنىڭ يالغۇز موڭغۇللارغىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارغا، تېخمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا مەركەزى ئاسىيا تۈرك – موڭغۇل ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ، ھون، ئارىيانلارنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تېپىلىشى[تەھرىرلەش]

   «مەڭگۈتاشلار» ۋە «ئۇرخۇن يازما يادىكارلىقلىرى» دېگەن ئاتالغۇ 1962-يىلى گوللاندىيەلىك ن. ۋىدزېن (N.Windzn  ) ئۆزىنىڭ «شىمالى ۋە شەر*قى تاتارىيە» دېگەن ئەسىرىدە بىرىنچى بولۇپ  تىلغا ئىلىنغان بولۇپ، سېبىرىيە رايۇنىدىكى تاشلارنى مىسالغا ئىلىشىدىن باشلاپ ئىلىم ساھاسىدە قوللىنلىشقا باشلىغان، 1696-1697-يىللىرى رۇسيەلىك سېمېىن رېمېزۇپ (Remezov Semen ) ئۆزىنىڭ «سېبىرىيە خەرىتىسى» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ يېزىق ھەققىدە توختالدى. ئەمما رەسمى ئىلمىي خەۋەرەلەر 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا تەۋە بولۇپ، 1730-يىلى شۋېتسېيىلىك سترالېنبېرىگ ( F.J.Stralenberg) سىتوكھولىمدا «ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالى قىسمى ۋە شەر*قى قىسىمى» دېگەن كىتابدا ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىدىن ئەينى دۋىردە تىپىلغانلىرىنىڭ رەسىمى ئىلاۋە قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ 1793-يىلى پاللاس( P.S. pallas)،1818-يىلى سىپاسىكىي( G. Spaskiy) ئۆز ئەسەرلىرىدىكى مەلۇم ماقالىلەردە قەدىمقى يادىكارلىقلار ھەققىدە ماقالە، ئىزاھات ۋە دەسلەپكى تەرجىمىلىرىنى ئىلان قىلىدى. 1822-يىلى فىرانسيەنىڭ مەشھۇر شەر*قشۇناسى، ئالىم رېمۇسات  (A.Remusat )، 1884-يىلى فىنلاندىيەلىك ئاسپىلېن (J.R. ASplin)،1889-يىلى رۇسيە ئارخىلوگىيە جەمئىيتىنىڭ شەر*قى سېبىرىيە شۆبىسى يادرىنتىسېپ (N.M.Yadrintsev ) باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا بۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ مىللى تەۋەلىگى، ھەرىپ سانى، جايلاشقان ئورۇن ۋە خارابىلەر، ھەققىدە نورغۇنلىغان پەرزە ۋە ئاساسلارنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق قىلىپ 1890-يىلى فىنلاندىيەلىك ھېيكېل (H.Heikel )،1891-يىلى رۇسيە پەنلەر ئاكاددىمىيسىنىڭ ئالىمى رادلۇف ( W.W.Radloff)، يەنە شۇ يىلى فىنلاندىيەلىك ئاسپىلېنلار موڭغۇلىيەدە ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ ئونگىن دەرياسى بويىدىن ئاسپىلېن تۇنجى بولۇپ «ئونگىن مەڭگۈ تېشى» نى تاپتى ۋە رۇسيە، فىنلاندىيە ئارقا ئارقىدىن مەڭگۈ تاش يېزىقلىرنىڭ رەسىمىنى نەشىر قىلدى. ھەم بۇلارنى «ئۇرخۇن مەڭگۈ تاش يېزىقى» دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ تىلشۇناسلىق ۋە ئارخىلۇگىيە ۋە تارىخى ساھاسىدە ئۇرخۇن يېزىقى دېگەن بىر ئاتالغۇ قىتىلدى. ھەم 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تومسېن ( V.Thomsen) دانىيە پادىشاھلىق ئاكادېمىيسىنىڭ مەجلىىسىدە ئۆزىنىڭ قەدىمقى تۈ*رك رۇنىك يېزىقىنى غەلبىلىك يىشىپ ئوقۇغانلىقىنى «ئۇرخۇن ۋە يەنسەي مەڭگۈتاش يېزىقىنىڭ ئوقۇلىشى- دەسلەپكى نەتىجە» ناملىق دوكىلاتىدا ئوتتۇرغا قويدى. ھەم 1894-يىلى كوپىنھاگىندا نەشىرقىلدى.  تومسېن بۇ يېزىقتىكى ئالامەتلەرنىڭ 38گە يىتىپ بارىدىغانلىقىنى، تاۋۇش ئىلمىنىتلارغا ئاساسلانغان ھەرىپلىك يېزىق بولماستىن، بوغۇملۇق يېزىق ئىكەنلىگى، بىر تاۋۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان بەلگىلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى ۋە 8 سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان 4 سوزۇق تاۋۇش بەلگىسىنى ئىنىقلىدى . 8 جۇپ ئۈزۈك تاۋۇش بەلگىسىنىمۇ يەشتى. شۇنداقلا موشۇ ئاساستا «تەڭرى، كۆلتىكىن، ۋە تۈ*رك» دېگەن سۆزلەرنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تىلى، كىملىگى ۋە تارىخى دەۋىرى ئاشكارە بولدى. شۇندىن كىيىن ئارقا ئارقىدىن «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى»،«بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «تالاس مەڭگۈ تېشى»، «چورېن مەڭگۈ تېشى»، «قۇتلۇق قاغان( مويۇنچۇر) مەڭگۈ تېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر ئايتەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ ئالىپ بىلگە قاغاننىڭ ھەربىي سىياسى پائالىيەتلىرى مەڭگۈ تېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى ئارقا ئارقىدىن تېپىلدى، تەتقىق قىلىندى  ۋە يېشىپ ئوقۇلدى.

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئىشلتىلگەن تىل[تەھرىرلەش]

تومسېن بۇ 38 ھەرىپتىن 23ھەرىپنىڭ ئارامى يېزىقى ( سام يېزىقى) دىن كەلگەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىران مىللەتلىرى ئارقىلىق تۈ*ركلەرگە كىرگەنلىكىنى بايقىدى. تۈ*ركلەرنىڭ سوغدىلار ئارقىلىق ئارامى يېزىقىنى ئۈگەنگەن ۋە تۈ*رك تىلىغا ماسلاشتۇرۇلغان جاي قۇچۇ ۋە شىنجاڭ مىلادى 439-يىللارغا توغرا كىلەتتى. ياپۇنيەلىك شەنتىيەن «بەلكى 6-ئەسىرنىڭ كىينكى يىرىمىدا مۇقان قاغان ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغاندا ، موشۇ يېزىقنى قوللانغان ۋە ھۆكۈمەت تىلى قىلغان» دەپ قارىدى. شۇندىن كىيىن رادلۇف تومسېننىڭ تاشلارنى يېشىپ ئوقۇغانلىقى توغىرسىدىكى دوكىلاتتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى بىلەن كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشىنى پۈتۈنلەي تەرجىمە قىلىشقا كىرىشپ، 1894-يىلى لاتىنچە ۋە سىلاۋىيانچە ئۆرۈپ يېزىلىشى ۋە نىمىسچە تەرجىمىسىنى «موڭغۇلىيەدىكى قەدىمقى تۈ*رك مەڭگۈتاشلىرى» دېگەن تىمىدا ئىلان قىلدى. شۇندىن باشلاپ « ئونگىن مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «تالاس مەڭگۈ تېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، «چورېن مەڭگۈ تېشى»، «مۇيۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «تەڭرىدە بولمىش ئەل ئىتىمىش بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى»، «ئۇيغۇر مۇيۇ قاغان مەڭگۈ تېشى» ۋە يىنسەي دەرياسى ۋادىسىدىكى قىرغىزلارغا تەۋە بولغان يەتمىشتىن ئارتۇق قەبىرە خاتىرە تاشلىرى تىپىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا يەتتە سۇ ۋادىسدىن تىپىلغان تاشلارمۇ 10نەچچىگە يىتەتتى. بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆپ قىسىمى 9-10- ئەسىرلەرگە تەۋە ئىدى.

مەڭگۈ تاشلارنىڭ تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇرخۇن ئابىدىلىرى تەلەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىرقانچە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، رايۇنىغا قاراپ تۆۋەندىكىچە 7 تۈرگە بۆلىنىدۇ:

⑴ شىمالى موڭغۇليە ئىگىزلىگىدىن چىققانلىرى. ⑵ يەنسەي دەرياسى ۋادىسىدىن چىققانلىرى. ⑶ لېنا دەرياسى بىلەن بايقال كۆلى ئەتىراپىدىن چىققانلىرى. ⑷ ئالتاي رايۇنىدىن چىققانلىرى. ⑸ شىنجاڭ (تۇرپان بىلەن مىرەن) ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دونخۇاڭ رايۇنىدىن چىققانلرى. ⑹ ئوتتۇرا ئاسىيا (يەتتە سۇ، پەرغانە رايۇنلىرى) دىن چىققانلىرى. ⑺ شەر*قى ياۋرۇپا (دونتېس ۋە دوناي دەريا ۋادىسى) دىن چىققانلىرى 

سىياسى جەھەتتىن ۋە قەبىلىلەرگە تەئەللۇقلۇغى جەھەتتىن تۆۋەندىكى 7 تۈرگە بۆلىنىدۇ:

⑴ شەر*قى تۈ*رك خانلىقىغا تەئەللۇقلىرى. ⑵ قەدىمى قىرغىزلارغا تەئەللۇقلىرى. ⑶ قورقانلارغا تەئەللۇقلرى. ⑷ غەربىي تۈ*رك خانلىقىغا تەئەللۇقلىرى. ⑸ گۇبى چۆلىنىڭ شىمالىدا خانلىق قۇرغان ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇقلىرى. ⑹ قۇچۇ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلقىغا تەئەللۇقلىرى. ⑺ پەچەنەكلەرگە تەئەللۇقلىرى.

مەزمۇن جەھەتتىن يەنە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:[تەھرىرلەش]

⑴تارىخ، تەرجېمىھال خاراكتىردىكىلىرى. ⑵ قەۋرىلەرگە قويۇلغان خاتىرە تاشلار. ⑶ قىياتاشلارغا ئويۇلغان خاتىرىلەر. ⑷ دىننى مەزمۇندىكىلىرى. ⑸ ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ خاتىرلرى. ⑹ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا پۈتۈلگەن پۈتۈكلەر قاتارلىقلار دىن ئىبارەت بولۇپ  بۇ تۈرلەردىن مەلۇمكى مەڭگۈ تاشلار يالغۇز تاش ئابىدىلەرنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن قىياتاش، ئۆڭكۈرۋە تارشا، قەغەز پۈتۈكلرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. پەقەت موشۇ دائىرلەردىن تەتقىقات ئىلىپ بارغاندىلا يايلاق-بوستان، چۆل-شەھەر مەدەنىيتىدە ئۆز مەۋجۇتلۇغىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلىغىنىڭ ھەقىقى دۇنيا قاراشلىرىنى توغىرا شەرىھلەرپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا ئەلۋەتتە سىلشىتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلىنى بىر گەۋدەقىلىش ئىنتايىن موھىم.

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە مەلۇم بىر شەخىسنىڭ مەلۇم بىر قاغانغا ھەمكارلىشىپ دۆلەت قۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقى، تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆز ھاكىمىيتىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش تارىخى شۇنداقلا قازانغان ھەربىي مۇۋاپىققيەتلىرى، خانلىق قۇرغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي مۇۋاپىققيەتلىرى، خوتۇن-بالا، ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان مەرسىيە –خاتىرلەشلىرى، ھەربىي خىزمەتلەر ھايات ئىزنالىرى، مانى دىنىنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانلىرى، ئۆز نەسلىدە مال چارۋىلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلار جانلىق تىل بىلەن سۈرەتلەپ بىرلگەن بولۇپ، بۇ ئابىدىلەر 1893-يىلى يىشىپ ئوقۇلغاندىن تا بۈگۈنگىچە بولغان 118يىل جەريانىدا تارىخشۇناسلار، تىلشۇناسلار، ۋە مەدەنىيەتشۇناسلار تەتقىق قىلىپ  ئىنگىلىز، نىمىس، خەنزۇ، رۇس، ياپۇن، ۋە تۈ*ركىي تىللارغا تەرجىمە قىلدى.

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى دۇنيا قاراش ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە قوللۇنۇلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1893-يىلى يېشىپ ئوقۇلغىنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 118يىلدىن تۈ*ركى خەلىقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىغىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئورنۇتۇلغان ئەڭ ئىشەنچىلىك يازما مەنبە بولۇش سۈپىتىدە تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىپ كەلدى. ئەمما ئۇيغۇرلار تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ، قوللانغان يېزق ۋە ئۇچىراشقان مەدەنىيەت سىستىمىسىنىڭ خىلمۇخىللىقى سەۋەبىدىن ئۆز روھىيتىگە نىسبى تۇراقلىق، نىسبى ئۆزگىرىشچان خاراكتىرلىىرىنى سىڭدۈرگەن بولۇپ يايلاق، بوستان، چۆل جۇغىراپىيەسىنىڭ تەسىرىدە شۇنداقلا ئۇلار ئىتىقاد قىلغان تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىگى، شامان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى قىسمەن دائىردىكى خىرىستىيان دىنى ۋە 11-ئەسرىدىن كىيىن كەڭ كۆلەملىك قوبۇل قىلىنغان ئىسلام دىنىنى ئىتىقادلىرى ئۇلارنىڭ روھىيەت ۋە دۇنياقارىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مەڭگۈ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن دۇنيا قاراشلار ئاساسەن تەبىئەت ئىتىقادچىلىقى، شامان ۋە كىينكى مانى دىنلىرىنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ئۇرخۇن تۈ*رك خانلىقىنىڭ يىمىرلىشى ئۇيغۇر قەبىلىرىلەر ئىتىپاقىنىڭ كۈچەيگەنلىگىدىن بۇلغان بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ يىمىرلىپ ئۈچ يول بويىچە چوڭ كۆچۈش ئىلىپ بېرىشى ئاساسلىغى سىرىتقى دۈشمەن قىرغىزلارنىڭ ھوجۇمىدىن سىرىت بۇيەردە تارقالغان ۋابا ۋە مانى دىنى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئىددىيە بۆلۈنمىچىلىگى ۋە دۇنيا قاراشنىڭ پەرىقلىىشىدىن ئبارەت ئىدى. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ، بىر قەۋمنىڭ جۈملىدىن بىر مىللى توپنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان دۇنيا قاراشنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتىرىيال ھىسابلىندىغان بۇ ئۇرخۇن ئابىدىلىرىنڭ رولى ئىنتايىن چوڭ . ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئاساسەن سوغدى يېزىقى بىلەن تۈ*ركىي تىلنى ئىپادىلەش ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، ئاساسەن ئەينى دەۋىر ئۇرخۇن يىنسەي ۋادىلىرى، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرى ئەتىراپىدكى قەدىمقى تۈ*رك ئۇيغۇر خەلىقلىرىنىڭ تۈرلۈك دىنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي، ھاياتى كەچمىشلىرى ۋە قىممەتلىك دۇنيا قاراشلىرى سىڭگەن بولۇپ، ئاساسەن تەبىئەت ئىتىقاتچىلىغى، مىللى تۇتۇم ۋە تەڭرى شۇنداقلا تەڭرىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەكىلى بولغان شاھلار ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئەشۇ شاھلارنىڭ يىنىدىكى دانىشمەن ۋەزىرلار، ئۇيۇشقاق مىللەت ئەزالىرى، پەن مەدەنىيەت، قانۇن ئىنتىزام، دىننى ئەھكاملىرى ئاساسى تېما قىلىنغان. بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار بىزگە قەدىمقى ئۇيغۇر تىل يېزىقنىڭ ئۆ زامانىسىدا ھىنگا تاغلىرىدىن تارتىپ كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان ڭەڭ رايۇنلاردا تۈ*ركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلىقەرنىڭ سىياسى ھاياتىدا موھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. شۇڭا ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا بولۇپمۇ «كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» ۋە «مۇيۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىك تاشلارنىڭ بىزگە قولايلىق بولغان تەرجىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا مەڭگۈ تاشلاردىكى دۇنيا قاراشلارنى ئاساسەن تەبىئەت قارىشى، ئىلاھىيەت قارىشى،  ئىنسان قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قارشى، مىللەت قارىشى، تۆھپە قارىشى،  ۋەتەن، ماكان قارىشى دىن ئىبارەت 8 نوقتىدىن تەھلىل قىلىش مۆمكىن.

1. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى تەبئەت قارىشى[تەھرىرلەش]

تەبئەت قارىشى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلگېنىدىن باشلاپ ئىنسانى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىلىرىغا يەتكۈچى بولغان ئارلىقتا ئۆزى ياشاۋاتقان موھىتنى چۈشىنشى، ھۆرمەتلەر ۋە ياكى شۇ تەبئى موھىتنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىى ئىلاھى قۇدىرەت بىلەن باغلاپ ئىتىقات قىلىش ھادىسىسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەڭرى يايلاقتا ئاپرىدە بولۇپ، تۇنجى قىتىم ئاتنى ۋە ئتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئارىيان، ساك، سوغدى، تۈ*رك ئۇيغۇر نەسىللىرىدە ۋە ناملىرىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەجداتلىرىمىز ئۇرخۇن يازما مەنبەلىرىدە باشتىن ئاخىرى تەبئەت مەۋجۇتلۇقىنى ئاساس سۈپىتدە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ تەڭرى ئوماي ۋە يەر سۇب ئىلاھلىرىنى ئۆزلىرىگە مەدەت بەرگۈچى دەپ قارىسا، يەنە بىر نوقتىىدىن ئۆتۈكەن تىغىنىڭ ئۇيغۇر تۈ*ركلىرىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسى دەپ قارىغان. كەڭرى يايلاقتا كۆررۈنگەن قوياش، ئاي، يۇلتۇزلارنى ئىلاھى كۈچ دەپ تونۇپ ئۆز خاقانلىرىنى ئىلاھنىڭ يەريۈزىدىكى ۋارىسى نامىدا ئاي تەڭرى، كۆك تەڭرى، ئاي بىلگە دېگەندەك مۇقەددەس ناملاردا ئاتىغان.  شۇنداقلا بىرقانچە مەڭگۈ تاشلاردا قايتا قايتا تۈ*رك بەگلىرىنىڭ مۇقەددەس يايلاقتىن ئايرىلمىسا، كۆپ تەڭرى ۋە يەر، سۇ ئىلاھلىرى قوللاپ بەرسە ئەل ئەل بولىدىغانلىغى، مەڭگۈ خانىۋەيران بولمايدىغانلىغى تىلغا ئىلىنسا، يەنە بەزى ئابىدىلەردە كىينكىلەرنىڭ بۇرۇنقىلارنى ئۇنتۇپ، يەر ۋە كۆككنى ئۇلۇغلاشنى تەرك ئىتپ سىپىللاردىن ھالقىپ غەيرى ئىتىقاتلارنى باشلاپ كەلگەنلىگى شۇ سەۋەبتىن ۋاپا ۋە بۆلۈنمىچىلىك يۈزبىرىپ ئەل خاراپ بولغانلىغىنى نەسىھەت خاراكتىردە تاشلارغا نەچچە خىل يېزىقتا يېزىپ قالدۇردۇ. مەسىلەن:«كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەر*ق تەرىپى بىرنچى قۇرىغا: ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپىراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتام بوۋام بۇمىن خاقان، ئىستەمى خاقان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەخىتتە ئولتۇرۇپ تۈ*رك خەلىقىنى ئىلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن تۈزىمىنى تۈزۈپتۇ  دەپ يازغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى توغرىسىدا ئالائىددىن ئەتامەلىك بىننى باھائىددىن مۇھەممەد جۇۋەينى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي جاھانكۇشاي» (جاھاننى ئىستىلا قىلغۇچىلار تارىخى) ناملىق ئەسەردە مۇنداق رىۋايەتلەر يېزىلغان: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇرخۇن دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دەريا قارا قۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان تاغدىن باشلىنىدۇ. قاغان بىنا قىلىغان شەھەر مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ دەريا نۇرغۇن ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ ھەر بىر ئېقىننىڭ بويىدا بىردىن ئۇرۇق ئولتۇراقلاشقان. ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، قەبىلىلەر ئىچىدىن بىرنى باشلىق قىلىپ سايلايتتى. ئۇلار 500 يىلنى شۇ تەرقىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۆكۈخان دېگەن بۇ باشلىق ئوتتۇرىغا چىققان.  رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ قاغان ئاپراسياپ ئىكەن. قارا قۇرۇم تاغنىڭ ئىچىدە بىر كونا خەندەك بار ئىكەن. ئەينى زاماندا قارا قۇرۇمدا ئىككى دەريا بار ئىكەن. بۇ دەريالارنىڭ بىر تۇغلار دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. يەنە بىرى سېكىنگا دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن. ئىككى دەريا بۇ جايدىكى دەريالارنىڭ ئارىلىقىدا بىر-بىرىگە قوشۇلىدىكەن. بۇ جايدىكى دەريالارنىڭ ئارلىقىدا بىر-بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرىنى «سىتوك» دەيدىكەن. ياز كۈنلىرى كۆكىرىپ يېشىل تۇرىدىكەن. ئۇرۇقىنىڭ رەڭگىمۇ خۇددى قارىغاي ئۇرۇقىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىكەن. يەنە بىرىنى «توز» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئىككى دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسدا بىر كىچىك دۆڭ بولۇپ بۇ دۆڭگە قۇياش نۇرى چۈشكەنسېرى بارغانسېرى ئېگىزلەپ تۈرىدىكەن. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇ مۆجىزىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ دەرھال بۇ جاينى خاسىيەتلىك دەپ تاۋاپ قىلغاندا بۇ جايدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق مۆجىزىلىك ئەھۋالدا ھەر كۈنى كەچتە بىر پارچە نۇر شۇ دۆڭنىڭ ئوتتۇز قەدەم چۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىكەن. دۆڭ ھەر كۈنى دېگۈندەك ئېگىزلەپ تۇرىدىكەن. ھەر كۈنى ئېگىزلەۋېرىپ ئۇنىڭدىن ئۇستۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئىشىكنىڭ ئىچىدە چېدىرغا ئوخشايدىغان بەش ئېغىزلىق ئۆي تۇرۇپتۇ. ھەر بىر ئۆيدە بىردىن ئوغۇل بالا ئولتۇرغۇدەك. بۇ بالىلارنىڭ ئېغىزىغا بىردىن ئېمىزگە سېلىنغانىكەن. ھەر بىر ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆيگە بېسىلغان كۈمۈش تور بار ئىكەن. قەبىلە باشلىقلىرى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، بۇ بىر ئىلاھ دەپ نۇر چىققان ئۆيگە تەزىم قىلىپ چوقۇنۇپتۇ. بىردىنلا غۇر-غۇر شامال چىققاندەك بولۇپتۇ-دە، بالىلار ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا چىقىپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئۇيغۇرلار بۇ بالىلارنى خوتۇنلىرىغا ئەمدۈرۈپ چوڭ قىلىپتۇ. بۇلار گەپ قىلىشقا باشلاپ ئاتا-ئانىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇلاردىن سوراپتۇ. ئۇلار دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشلەرنى ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار كىشلەرنى تاۋاپ قىلدۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى تۈپ دەرەختىن زۇۋان چىقىپ، ئەي بالىلار سىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭلار. بىز سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر، مەڭگۈ شان-شەرەپ تىلەيمىز، دېگەن سادا كېلىپتۇ. شۇ رايوندا ياشاۋاتقان قەبىلە باشلىقلىرى بۇ بەش بالىنى خۇددى شاھزادىلەردەك كۆرۈپ، ھۆرمەت، ئىززەتلەپتۇ. ئۇلار قايتىش ۋاقتىدا بۇ بەش بالىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چوڭىغا شۇڭقار تېكىن، ئىككىنچىسىگە قۇت تېكىن، ئۈچىنچىسىگە توقلا تېكىن، تۆتىنچىسىگە ئورتېكىن، بەشىنچىسىگە بۇقار تېكىن دېپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئۇيغۇرلار بۇ تېكىنلەرنى تەڭرى ئاتا قىلغان تېكىنلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى سايلىماقچى بولۇپتۇ. بۇقا تېكىننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، تەمكىن، باشقا بالىلاردىن ئېشىپ چۈشىىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەممە ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قاغان قىلىپ سايلاپتۇ. كۆپچىلىك تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنى تەختىكە چىقىرىپتۇ»، «بۇقا تېكىن قاغان بولغاندىن كېيىن ئەل ياخشىلىنىپ خەلق خاتىرجەملىكتە ياشاپ نۇپۇسىمۇ كۆپىيىپتۇ. بۇقا تېكىن ئاق تاغ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەردە بىر پەرىزات بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ يەتتە يىل ئالتە ئاي 20 كۈن بىللە بوپتۇ. ئاخىرقى قېتىمدا پەرىزات بۇقا تېكىن بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭغا كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى سىزگە قارايدۇ. سىز بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىپ خەلقنى ياخشى باشقۇرۇڭ. دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇقا تېكىن قېرىنداشلىرىنى باشقا ئەللەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار يىراق ئەللەرنى ئىگەللەپ، ئولقا ئېلىپ ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ۋە تۈ*ركىستاندا بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ. شەھەرگە ئوردا بالىق (ئوردا شەھەر) دەپ نام قويۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈنچىقىش تەرەپتىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەل بولۇپتۇ.  بۇقا تېكىن بىر كۈنى چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ كۆرگەن چۈشىدە قولغا ھاسا تۇتقان ۋە ئاق چاپان كېيگەن بىر بوۋاي كېلىپ بىر پارچە مەرمەر تاشنى ئۇنىڭغا بېرىپ، سەن بۇ تاشنى ئۆزۈڭدىن مەڭگۈ ئاجراتماي، ئوبدان ساقلا دەپتۇ. بۇقا تېكىن بۇ كۆرگەن چۈشىنى ۋەزىرلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەتىسى بۇقا قاغان زور قوشۇن تەشكىللەپ كۈنپېتىش تەرەپكە يۈرۈش قىلىپۇت. ئۇنىڭ زور قوشۇنى تۈ*ركلەرنىڭ ماكانىغا كەپتۇ. بۇ جاي بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان خۇش پۇراق، ھاۋالىق جاي ئىكەن. بۇقا قاغان بۇ ھاۋاسى ياخشى جايدا تۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ جايدا «بالا ساغۇن» دېگەن بىر شەھەرنى بىنا قىلىپتۇ. ئاندىن قوشۇنلارنى ئەتراپلارغا ئەۋەتىپ ئەللەرنى ئىدارە قىلىپتۇ».  «بۇقا قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىرى تەختكە ۋارسلىق قىلىپ تەختىكە چىقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ جايدىكى جىمى قۇشلار، ياۋايى ھايۋانلار ھەتتاكى بوۋاق بالىلاردىن چوڭلارغىچە ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا كۆچ-كۆچ دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ. بۇ ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلار كۆچۈشكە باشلاپتۇ. كۆچۈش جەريانىدا ھېلىقى كۆچ دېگەن ئاۋاز توختىماپتۇ. ئۇلار تىنچىپ بۇ جايدا توىتاپتۇ. بۇ جايدا بەش شەھەر بىنا قىلىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى «بەشبالىق» دەپ ئاتاپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇقا قاغان ئەۋلادى ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ باشلىقى «ئېدىقۇت» دەپ ئاتىلىدىكەن.   ، بىراق قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈ*رك يېىقىدىكى «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا سېلىنگا، ئورخۇن، تۇغلا دەرياسى قاتارلىق سەككىز دەريا ۋادىسى ئارىلىقىلىرىدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بارلىقى ئېيتىلغان. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە چېدىرلارنى ئۆي قىلىپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى. قاغانلىق قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا، ئاھالىلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى. مەسلەن، سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدا بايبالىق (ئۇيغۇرلار پايتەختى)، بۈگۈنكى ئېرغۇنا دەرياسى بويىدا خاتۇنبالىق شەھىرى بەرپا قىلىندى. شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قاغان ئوردىسى ھەشىمەتلىشىپ، قەسىر-سارايلار سېلندى. ئوردىنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سوقۇلدى. قاتناش قورالىدىن ئات، ئېگىز چاقلىق ھارۋا، چېدىر ھارۋىلار بار ئىدى. جۈملىدىن ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە تەبئىەت بىر خىل دەرىجدىن تاشقىرى كۈچ تەرىقىسدە مۇئامىلە قىلىنىپ ئۇنى ئاسىراش، ئۇنىڭ قانۇنىيەتلرىگە ئەمەل قىلىش تەكىتلىنىدۇ.

2. ئۇرخۇن ئابىدىلرىدىكى ئىلاھىيەت قارىشى[تەھرىرلەش]

يۇقارقى مەزمۇنلاردا قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇرخۇن ئابىدىلىرى ئاساسلىغى ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىكى مىلادى 5-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان موڭغۇك يايلاقلىرىدىكى تۈ*رك، ئۇيغۇر قىرغىز خەلىقىنىڭ قالدۇرغان ئابىدىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولپ بۇ دەۋىردە ئۇلار ئاساسەن تەبىئەت ئىتىقادچىلىغى، شامان دىنى ۋە مانى دىنىنى ئاساسلىق دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ بۇ دىن ئۇستازلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز دۇنيا قاراشلىرىنى بىيتىقان بولسا قىسمەت دائىرىدە نىستۇرىيان ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ياكى بۇ دىن بىلەن ئۇچىرىشىپ ياكى توقونۇشۇپ، شۇ جەرياندا تەبئى يۇسۇندا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تەشىرىگە ئۇچىراش مۇناسىۋىتىدە بولغان. بولۇپمۇ ساكلارنى مەركەز قىلغان مانى دىنى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەكلىك خەنزۇ مەدەنىيتىنى ئاساس قىلغان مانى تەرىقەتچىلىرنىڭ ئىلاھىيەت قاراشلىرىنى ئۆز دۇنيا قاراشلىرىغا مۇجەسسەملىگەن.

مەسىلەن:«كۆلتكىن مەڭگۈ تېشى» شىمال تەرىپى 10 قۇردا: ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن، تەڭرى ياشايدۇ. دەپ يازسا،شەر*ق تەرىپى 10-،11- قۇردا: ئۈستىمىزدىكى تۈ*رك تەڭرىسى، تۆۋەندىكى تۈ*رك مۇقەددەس يەر سۈيى مۇنداق دەپتۇ: «تۈ*رك خەلىقى يوقالمىسۇن! ئۇلار خەلىق بولسۇن!»، يەنە 15 قۇردا: تەڭرى مەدەت بەرگىنى ئۈچۈن دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىپتۇ،خاقانى بارلارنى خاقانىدىن ئايرىپتۇ...23-قۇردا مۇقەددەس ئۆتۈكەتەن تىغىدىكى خەلىقلەر كەتتىڭلار...،29-قۇردا تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن دېگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق باشتىن ئاخىرى تەڭرىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويۇپ ئۆز دۇنيا  قاراشلىرىنى مەنىگە ۋە مۇكەممەللىككە ئىرىشتۈرگەن.

بۇلاردىن باشقا كۆپ قىسىم مەڭگۈ تاشلاردا «ئۇيغۇرلار بىز دەسلەپتە ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئاۋۇغان دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ دەريانىڭ مەنبەسى ئۇلار قارا قۇرۇم دەپ ئاتايدىغان تاغ (يەنى ئۆتۈكەن تېغى) دىن باشلىنىدۇ.» بۇ ھەقتە يەنە مەڭگۈ تاشلاردىن باشقا 14-ئەسىردىكى ئېلىخانىيلار خانلىقىنىڭ تارىخشۇناسى راشىددىن يازغان «جامىئۇل تەۋارىخ» («تارىخىلار جەمئىيىسى» ) دىمۇ مۇنداق دەپ خاتىرىلىگەن: «بۇ رايونلارنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قوۋملىرى ئاشۇ دەريالارنىڭ بويلىرىدا، ئاشۇ تاغلاردا ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ياشىغانىكەن. ئون دەريا بويلىرىدا ياشىغانلىرى توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپتۇ. ھېلىقى ئون دەريا ئون ئارغۇن دەپ ئاتىلىدىكەن.» مۇڭغۇل خانلىقلىرى دەۋرىدە شەر*ققە كەلگەن غەرب مىسسىيۇتىرى روبلۇكنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ئاساسىدا ئېيتشىچە، شۇ چاغدىكى قىپچاق قەبىلىلىرىدىمۇ بىر تېرە قاپچۇققا كىگىزدىن ياسالغان ئايالچە قونچاقنى سېلىپ ساقلاش، قونچاق قۇلىقىغا ئۆلگۈچىنىڭ چېچىدىن سېلىپ قويۇش، تاماق ۋاقتىدا قونچاقنىڭ ئاغزىغا گۆش سۈركەپ قويۇش ئادىتى بولغان.  مەيلى ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە بولسۇن ياكى باشقا يازما خاتىرىلەردە بولسۇن خاتىرلەنگەن بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ھامان ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيتى ۋە ئىلاھىيتىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ھىچقاچان ئىتىقادسىز ياشىغان ئەمەس . ئەكسىچە ئۆز ئىتىقادىنى مەڭگۈ تاشلارغا ناھايتى ئىنىق قىلىپ خاتىرلەش ئارقلىق ئۆز ئىلاھىيەت قارىشىنى ئەمىلىي پاكىتلارغا ئىگە قىلغان.

3. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى ئىنسان قارىشى[تەھرىرلەش]

ئىنسان تەبئىەت دۇنياسىنىڭ ئاساسى، ئىنسان بارلىق ئىجتىمائى پائاليەتلەرنىڭ مەركىزى. ئۇرخۇن دەرياسى بويىدە ياشاپ، ئۆز ئابىدىلىرىنى قالدۇرغان ئەشۇ ئۇلۇغ ئەجداتلرىمىزنمۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئىقىنىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ سۈپىتىدە ئۆز ئابىدىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، كۆك، يەر، سۇ نى مەدىھلەش بىلەن بىرلگە ئەشۇ مۇقەددەس تۇپىراقتا ئۆسۈپ يىتلگەن مىللى گەدىنىڭ شەكىللىنشى، گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى تەرەققىياتىنى تەرتىپ بويىچە بايان قىلىپ خەلىقنى ئىنسانى مەۋجۇتلۇقى ۋە ھوقۇقىنى ساقلاپ ئادەمدەك ياشاشقا دەۋەت قىلغان. مەسىلەن:«كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» شەر*ق تەرەپ بىرىنچى قۇردا: ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپىراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. دەپ سۆزىنى باشلىسا، جەنۇب تەرەپ 8-قۇردا: تۈ*رك خەلىقى، سىلەر قانائەتچانسىلەر، ئاچ توق قالىدىغىنىڭلارنى ئويلىمايسىلەر، تويغان ۋاقتىڭلاردا ئاچ قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر، شۇنداق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى بىقىۋاتقان خاقانىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ھەرتەرەپكە پىتىراپ كەتتىڭلار، ئۇيەرلەردە ھالسىزلاندىڭلار، جىنىڭلاردىن ئايرىلدىڭلار...دىيىش ئارقىلىق تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈ*رك خەلىقنىڭ ئىنسانى  ئاجىزلىقلىرىنى ئوتىرغا قويسان. «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ 61-قۇرىدا: ئىلتەرش خاقان ۋە مەن بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، قاپاغان خاقان ۋە تۈ*رك سىر خەلىقى موشۇنداق ياشاپ قالدى. 29-قۇرىدا: قوشۇن تارتىپ ئۇلارغا يۈرۈش قىلمىساق، ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ يازغان بولۇپ مەڭگۈ تاشلاردىكى بۇخخل ئىنساننى ئۇلۇغلاش، ئۆز قەۋىمىنى سۈيۈش مەنىىسىدىكى بايانلاردىن ئەينى دەۋىر كىشلىك قاراشلاردى ئىنسان ئۇلۇغلۇق قارىشىنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز.

دىمەك ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى ئىنسان قارىشى ئەمىلىيەتتە مەڭگۈ تاشلارنى قالدۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئىنساننى ئۇلۇغلاشنى،ئاسىراشنى ۋە سۆيۈشنى ئاساس قىلغان.

4. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى ھوقۇق قارىشى[تەھرىرلەش]

ئىنسانلار ھامان ئىجتىمائىيلىق ئارىسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدۇ. ئىجتىمائىلىق ھامان مەلۇم بىرخىل ئىجتىمائى تۈزۈلمىسىنى ۋە ھوقۇق سىستىمىسنى ئاساس قىلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائى دەۋىرلىرىگە تەۋە ۋارۋارلىق دەۋىرىدە ئىنسانلار جىسمانى قۇدىرەتنى ھوقۇقنىڭ ئاساسى ۋە تەبئىەت ئبستىدىن غەلبە قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ قارىغان بولسا، مىلادى 5-ئەسىرلەردىن كىيىن مىسلىسىز ئات مەدىنىيتى يارىتىپ ياۋرۇپانى ئاسىياغا تۇتاشتۇرۇپ مىڭىلغان مەدەنىيەت ئالىمىشىشىلىرىغا سەۋەب بولغان ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۆزىلىرىنىڭ ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ھوقۇقىنى يەنىلا يۇقىرى ئورۇنغا قويغان. ئەمما كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرى شۇكى بۇ يەردىكى ھوقۇم كۆپ قىسىم مەڭگۈ تاشلاردا ناھايتى ئادىل سايلام ياكى قۇرۇ*تاي ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدىغانلىغى، گەرچە بۇيەردە قاغان چىقىدىغان ئۇرۇق مەۋجۇت بولسىمۇ ھاكىميەتنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇق ۋە قەۋىملەر ئارىسىدا ئالمشىىپ تۇرىدىغانلىقى تەكىرار ۋە تەكىرار قەيىت قىلغان. بۇخىل ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللى، ساقلاش ئۇسۇللىرى ۋە توغىرا ھاكىميەت يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىلىرى مەڭگۈ ئەستە تۇرسۇن دەپ تاشلارغا پۈتۈپ ساقلانغان. بۇ ئابىدىلەردە يەنە باشتىن ئاخىر جىسمانى كۈچ-قۇدىرەت بىلەن ئەقىل پاراسەتنى ھوقۇقنىڭ يادرۇسى سۈپتىدە ئوتىرغا قويغان. بۇ خىل ھوقۇق قارىشىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۆلگىسى دەل «كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» ۋە «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» بولۇپ بۇ تاشلاردىك تۆۋەندىكى مىسىرالار بۇ تەھلىللىرىمىز نىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى بولالايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدا شۇنداق مەزمۇنلار خىلى بار: 

بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇشتۇم. دەسلەپكى ئۇرۇش تۇغلا (toghu )شەھىرىدە بولدى. مېنىڭ قوشۇنۇم تۇغلا ( toghla ) دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش  antarghu دا بولدى. مەن ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم. دەپ يېزىپ ھەربى يۈرۈشلەردىكى ھوقۇق يەنى بويسۇندۇرۇش بويسۇنۇش مۇناسىۋىتىنى ئىپادىە قىلسا «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تىشى» نىىڭ 31-قۇرىدا: ئىنەل خاقان بىلەن تاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرلىسۇن، دېدى. ئۇ مەنىكى تۇنيۇقۇققا مۇندا دېدى: «دەن بۇ قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىل، قىين ئىشلاردا ئۆز كۆڭلۈڭچە قارار چىقرىۋەرگىن...»، «كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» شەر*ق تەرەپ 9-قۇردا:  بارلىق رۈرك پۇقرالىرى  «ئىلى بار خەلىق ئىدۇق. ئەمدى ئىلىمىز قىنى؟ كىمگە ئەل قۇرغۇزىمىز؟ خاقانلىق خەلىق ئىدۇق، خاقانىمىز قىنى؟ قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىز» دەپ يېزىپ ئۇرخۇن ۋادىلىرىدڭى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن كۈچلۈك ھوقۇق قارىشغا ئىگە خەلىق ئىكەنلىگخنى كۆرسىتىپ بەرگەن.دېمەك ھوقۇق قارىشى ئەينى دەۋىر دۇنيا قاراشلىرىىڭ موھىم تەركىبى قسىملىرىنىڭ بىرى بولغان.

5. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەت قارىشى[تەھرىرلەش]

كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ۋە مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدكى باراۋەرلىك ۋە يۇقىرى تۆۋەنلىك ھامان كىشىلىك مۇناسىۋەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە كىشلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى كۆپراق خاقان بىلەن ۋەزىر، ئەلەمدار بىلەن قەلەمدار ۋە ھۆكىمران بىلەن پۇخرا ئارىسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرىدىن باشقا يات مىللەت ۋە ئەللەر ئارىسىدىكى قانداق مۇناسىۋەت قىىش يوللىرى ئنتايىن پاكىتلىق ۋۋە جانلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. ھەر بىر مىللەتنىڭ خاسلىغى، خاراكىتىرە ۋە ئاجىزلىرقلرى قايتا قايتا سۆزلەنگەن. مەسىلەن: مەركىزىي ئاسىيادا بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى- چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدىن ئايرىمچە خاس ئىگىلىك شەكلى سۈپىتىدە دېھقانچىلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى ساكلارنىڭ كۆچمەنچى خاراكتېرىدىكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەھكەملىشىش ۋە ئاخىرلىشىش دەۋرىدە يۈز بەردى. ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراقلاشقان بوستان مەملىكەتلىرى كۆپمەنچى بەدەۋى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ خاتىمسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى – چارۋىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى بولۇپ ئۆتتى. قول ھۈنىرى تەقەززا قىلغان ئولتۇراقلىشىش، شەھەر ھاياتى ۋە سودا مۇئامىلىسى ئوخشاشلا قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى تەقەززا قىلاتتى. قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە ئۇنى تەمىنلەپ تۇرغان يېزا ئىگىلىكى بىلەن چارۋىچىلىق مەركىزىي ئاسىيا ئىپتىدائىي شەھەر مەملىكەتلىرى (قەلئەلىرى) نىڭ مۇستەھكەم ھايات گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان مەزمۇت ئۈچ پۇتلۇق تىرەك بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، ئەمدى مۇنداق ئولتۇراقلىشىشنى رەڭلىك ساپال ياكى ئىپتىدائىي جامائە دەۋرىدىكى ئاھالە مەركەزلىرى بىلەن بىردەك تەسەۋۋۇر قىلش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قول ھۈنەرۋەنچىلىكى سودا مۇئامىلىسى شەھەر-قەلئەلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىقتىسادى مەركەزلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى ‹‹چارۋا يوللىرى›› ئورنىنى يېڭى ‹‹كارۋان يوللىرى›› ئىگىلىدى. سۈنئىي سۇغىرىش خىزمىتىدىن باشقا كارۋان يوللىرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى تەمىن ئېتىش ھاكىمىيەتچىلىكىنىڭ  كۈندىلىك خىزمىتى قاتارىغا قوشۇلدى. بۇ ئىپتىدائىي تاۋار، قىممەت ۋە ئۆلچەم كاتېگورىيىلىرىنى مەيدانغا چىقاردى. بۇ ھال بەدەۋىلىك دەۋرىنىڭ يالدامىسى بولغان قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن بولىدىغان تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىغا ئۇنى قىسمەن ساقلاپ قالغان ھالدا، مال ئالماشتۇرۇش بىلەن بولىدىغان تاشقى مۇناسىۋەتنى دەسسەتتى. بۇ بەدەۋىلىكتىن مەدەنىيەتكە قاراپ چامدالغان زور بىر قەدەم بولدى. 

كىشلىك مۇناسىېۋەت قارىشى ھەققىدە مەڭگۈ تاشلار ناھايتى ئىنىق پۈزىتسىيە ئوتىرغا قويۇلغان بولۇپبىز  پەقەت «تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى» بىلەن كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» دىن مىساللارنى ئىلش ئارقىلق بۇ كۆز قاراشلىرىمىزنى يەكۈنلەيمىز. مەسىلەن «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ 30-قۇرىدا: خاقانىم مەن ئۆيگە بىرىپ كىلەي دېدى. «خوتۇنۇم ئالەمدىن ئۆلۈپ كىتىپتۇ. ئۆلۈم رەسمىيەتلرىنى قىلىۋىتەي،دېگەن قۇرلاردا كىشىلەر ئوتىرسىدىكى ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادە قىلسا، 49-،50-،51-قۇرلاردىكى«... شۇ چاغدىمۇ مەسلىھەتچىسىمەن ئىدىم. تەشكىللىگۈچىسى مەن ئىدىم. ... ياش ۋاقتىدا مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ، ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم» دېگەن قورلاردا ھەمكارلىق، ياردەملىشىش مۇناسىۋەتلرى ئىپادىلەنگەن.60-قۇردا بولسا تىخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ : «مەن بولمىغان بولسام قاپاغان خاقان ۋە تۈ*رك سىر خەلىقى تۇپرىقىدا دۆلەت ۋە ئادەمىزات بولمىغان بولاتتى.» دىيىش ئارقىلىق ئىنسالار ئارىسىدكى ھايات ماماتلىق باشلىنىشنى مىسال قىلغان. بۇنداق مىساللار بۇ مەڭگۈ تاشتا ئىنتاين كۆپ ،  يەنە بىر ئابىدە بولغان «كۆلتىكىن مەڭگۈ تىشى»دىمۇ بار. دىمەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە قانداق مۇناسىۋەت قىلىش مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشىدىكى يەنە بىر بىۋاستە سەۋەپتۇر.

6. ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى مىللەت قارىشى[تەھرىرلەش]

قەدىمكى تۈ*رك يېزىقىدىكى ئۇيغۇر مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدىكى ھەقىقىي خاتىرىسى بولۇپ، مەزمۇنى ئىنتايىن مول، تارىخي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى دۇنيا قاراشلىرى ئىچىدە يەنە نىسبەتەن موھىم ئۇرندا تىلغا ئىلىغان قاراشلارنىڭ بىرسى دەل مىللەت قارىشى بولۇپ، بۇ شۇنداقلا مەڭگۈ تاشلارنى تىكلەشنىڭ ئاساسى بولغان ھەربىر مەڭگۈ تاشنىڭ بىشىدىكى مەڭگۈ تاش تىكلەش سەۋەبلىرىدە مەلۇم بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر قەۋىمنى قانداق قىلىپ ئاجىزلىقتىن كۈچلۈككۈككە، ئاز دىن كۆپكە، خارابلىقتىن تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇرۇق، تۇپ، قەبىلە ۋە مىللەت مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسلىق شەكلى جەھەتتە تەكىتلىگەن. مەسىلەن: «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ شەر*ق تەرىپى 9-قۇردا: بارلىق تۈ*رك پۇخرالىرى، ئىلى بار خەلىق ئىدۇق، ئەمدى ئىلىمىز قىنى؟ كىمگە ئەل قۇرغۇزىمىز؟ خاقانلىق خەلىق ئىدۇق، خاقانىمىز قىنى؟ قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىمز؟ دەپ يېزىلغان بولسا، 14-قۇردا: ئوڭ تەرەپ (جەنوب) تە تابغاچلار دۈشمىنىمىز ئىكەن. سول تەرەپ (شىمالدا)تە باز خاقان ۋە توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن. قىرغىزلار، قۇرىقانلار، ئوتتۇز تاتارلار، قىتانلار، تاتابىيلارنىڭ ھەممىسى دۈشمىنى ئىكەن.... ئاتام خاقان تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپ، بىشى بارلارنى باش ئۇردۇرۇپتۇ... دەپ يېزىلغان بولسا، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» غەرب تەرىپى 2-،3-قۇرلارغا: خانىڭلارنى تاشلاپ، تابغاچقا يەنە تەۋە بولغىنىيڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئۆلۈم بەردى. شۇڭا تۈ*رك خەلىقى ئۆلدى.ھالاك بولدى، يوقالدى. تۈ*رك سىر خەلىقى يىرىدە بوي ئادەم قالمىدى، ئورمانلىق ۋە تاغ دالالاردا قالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى، 14-قۇردا: شەر*قتە قىتانلاردىن، جەنوبتا تابغاچلاردىن، غەرىبتە قۇرداندىن، شىمالدا ئوغۇزلاردىن بولۇپ ئىككى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىلىشى مۆمكىن. دەپ يېزىلغان. بۇ لار بۇ قارىشىمىزنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر ئەلۋەتتە.

7. ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى تۆھپە قارشى[تەھرىرلەش]

بۇ تۈ*ركىي قەۋىملرىگە ئۇرتاق بولغان خاسلىقلاردىن بىرسى بولۇپ ھاياتنى ھامان شەخىسىنىڭ جەمئىيەت، جۈملىدىن ئۆ توپىغا قاتقان تۆھپىلىرى بىلەن ئەسلەش ياكى تىلغا ئىلىشنى ئاساسى دۇنيا قاراش قىلغان. شۇ بىر قىسىم مەڭگۈ تاشلاردەل موشۇ سۆز بىلەن تېما قىلىنغان. مەسىلەن «توققۇز ئۇيغۇر ئايتەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ ئالىپ بىلگە قاغاننىڭ ھەربىي سىياسى پائالىيەتلىرى مەڭگۈ تېشى» دەل موشۇ تۆھپە سۆزىنىڭ ئورنىغا ھەربى سىياسى پائالىيەت دىگەن سۆزنى بىزەك قىلغان بولسا «مويۇنچۇر مەڭگۈتېشى» دا باشتىن ئاخىر مويۇنچۇر خاننىڭ ئۇيغۇر تۈرىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتىىكى تۆھپىلىرى بىرمۇ بىر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. تۇنيۇقۇق ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تىشدىمۇ خەلىقنىڭ تۆھپە قارىشى تۆۋەندىكى قۇرلاردا يارقىن ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ مەڭگۈ تاشلارنىڭ خالىغان يىرىدن بۇنىڭغا مىسال ئىلىش مۆمكىن. شۇڭا بىرقىسىم مەڭگۈ تاشلار «تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. مەسىلەن: «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» غەرب تەرەپ 54-قۇرىدا ناھاياتى ئىنىق قىلىپ: مەن تۈ*رك خەلىقى زىمىنىدا تولۇق قوراللانغان دۆشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم. بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چىپىپ يۈرىشىگە يول قويمىدىم. ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشمىغان بولسام، دۆلەت ۋە خەلىق يوق بولغان بولاتتى. ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقم ئۈچۈن دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى. خەلىق يەنىلا خەلىق بولدى. ئۆزۈم قىرىدىم، ئۇلۇغ بولدۇم...دەپ يىزىلغان بولسا، «كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەر*ق تەرەپ 26-قۇرىدا: مەن روناق تاپقان خەلىق ئۈستىدە ئولتۇرمۇدۇم.يىگىلى ئىشى يوق، كەيگىلى كىيىمى يوق، يوقسۇل بىچارە خەلىق ئۈستىدە ئولتۇردۇم. ئىنىم كۆلتىكىن بىلەن سۆزلەشتۇق، ئاتام ، تاغام قولغا كەلتۈرگەن خەلىقلەرنىڭ نام ئابرۇيىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ، تۈ*رك  خەلىقى ئۈچۈن ، تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىمدىم. كۈندۈزلىرى خاتىرجەم ئولتۇرمىدىم. ئىنم كۆلتىكىن بىلەن بىللە ، ئىككى شاد بىلەن بىللە، ئۆلە تىرىلىشىمگە قارىماي تىرىشتىم. ئەشۇنداق تىرىشىپ يۈرۈپ خەلىقى ئوت سۇ قىلىدىم. ئىناق قىلىدىم. ... تەڭرى مەدەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلىقكە جان كىرگۈزدۈم. يالىڭاچ خەلىقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلىقنى باي قىلدىم. ئاز خەلىقنى كۆپ قىلىدىم.ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دۆلىتى بار بولدى. كۈچلۈك خاقانى بار، ياخشىراق ياشايدىغان قىلىدىم.  دەپ خاتىرلەنگەن.

دىمەك تۆھپە قارىشى ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى ئاساسلىق دۇنيا قاراشلارنىڭ يەنە بىرىدۇر.

8. ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى ۋەتەن ماكان قارىشى[تەھرىرلەش]

تۈ*ركىي خەلىقلەر ئەزەلدىن ۋەتەننى ئانا، دۆلەتى ئاتا بىلپ كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر كۆزقاراشلىرىدا ئىنساننىڭ ئانسىنىڭ ھامان بىر بولىدىغانلىغىنى، بۇ ئانىنىڭ گاھىدا شەرەپ گاھىدا نۇمۇس ئارلىقىلىق ئۆز تەقدىرىگە ئىزاھ يازىدىغانلىقى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇرخۇن ئابىدىلرىدىمۇ بۇ خىل دۇنيا قاراش ناھايتى رۇشەن ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: «كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ شەر*ق تەرىپى 22-قۇرىدا: بىز تىرىشىپ قۇرغان دۆلەتنىڭ، قانۇن تۈزۈمى ئەنە شۇنداق ئىدى. تۈ*رك ، ئۇغۇز بەگلىرى، خەلىقى ئىشتىڭلار! ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، ئاستىمىزدىكى يەر يىرىلىپ كەتمىسە، دۆلىتىڭلارنى ۋە قانۇنى تۈزۈمۈڭلارنى كىم بىتچىت قىلالايدۇ؟ تۈ*رك خەلىغى سىلەر خاتالىغىڭلارغا ئۆكۈنڭلار! سىلەر باش باشتاقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۆزەڭلارنى بىقىۋاتقان دانا خاقانىڭلار ۋە ئەركىن، ياخشى دۆلىتىڭلار ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار. يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. ئۇنداق بولمىسا قوراللىقلار قاياقتىن كىلىپ سىلەرنى ھەيدىۋىتىدۇ؟ نەيزىلىكلەر قاياقتىن كىلىپ سىلەرنى سۈرە توقاي قلىدۇ؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تىغىدىكى خەلىقلەر، كەتتىڭلار. شەر*ققە بارىدىغىنىڭلار شەر*قكە كەتتىڭلار، غەرىبكە بارىدىغىنىڭلار غەربكە كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ بارغان يىرىڭلاردا كۈنۈڭلار مۇنداق بولدى، قىنىڭلار سۇدەك ئاقتى، سۆڭىكىڭلار تاغدەك  دۆۋلەندى. بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل، خانىش بولىدىغان قىزلىرىڭلار دىدەك بولدى. دەپ يېزىلغان بولسا، »تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»نىڭ شىمالى يۈزى 13-،14- قۇرىدا: سىلەر بۇ خاقانىڭلاردىن، بۇ بەگلىرىڭلاردىن، بۇ يەر، سۈيۈڭلاردىن ئايرىلمىساڭلار، تۈ*رك خەلىغى ئوزۈڭلار ياخشىلىق كۆرەلەيسىلەر، ئۆيۈڭلەرگە كىرەلەيسىلەر، ئىگە بولالايسىلەر. قايغۇسىز بولاليسىلەر ....«بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» دا: تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خاقان... تولىس..ئۆتۈكەن ئەتىراپى ئېلى ئىككىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدىكەن. سۈيى سېلىنگان دەرياسى ئىكەن. ئۇ يەردە ئىلى ئەركىن ياشايدىكەن.  دېگەن ئىبارىلەر بار بولۇپ، بۇ ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن، ماكان قارىشىنىڭ ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر خالاس.

دىمەك، يۇقارقى نەچچە بۆلەكلىك تەھلىللىرىمزدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى ئۇرخۇن ئابىدىلىرى، ۋە تۈ*رك رۇنك يېزىغى گەرچە ئاتالغۇ جەھەتتىن بىرقسىم خاتا كۆزقاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر تۈ*ركلىرىگە تەۋە يازمىلار بولۇپ، بۈگۈنگچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى، ئەڭ ئىشەنچىلىك، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بۆۋىلىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان، بۈگۈنگىچە ساقلانغان پاكىتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى دۇنيا قاراش ۋە پەلسەپىلەر دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنڭ دۇنياقاراش ۋە پەلسەپىدۇر. ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن تىل ساپ ئۇيغۇر تىلىدۇر. ئەڭ موھىمى ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت، ئىلاھىيەت،  ئىنسان، ھوقۇق، كىشىلىك مۇناسىۋەت، مىللەت ، تۆھپە  ۋە  ۋەتەن، ماكان قاراشلىرى دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات پەلسەپىسىنىڭ ئۇل تېشىدۇر. شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئۆز لايىقىدا قەدىرلىنىدىغان ئەڭگۈشتەردۇر.

مەنبە[تەھرىرلەش]

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۇسۇپ تۈزگەن «قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1983-يىللىق 9-ئاي 1-نەشىرى

2. س.گ.كىلياشتورنىي (ئابدۇبەسىر شۈكۈرى تەرجىمىسى): «قەدىمكى تۈ*رك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 6-ئاي نەشرى. 

3. ليۇ شىگەن (ئەخمەتجان مۆمىن تەرجىمىسى): «تۈ*رك قاغانلىقى تارىخى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل 1-ئاي نەشرى.

4. لىن گەن (يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمىسى): «تۈ*رك تارىخى» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل 1-ئاي نەشرى. 

5. ئابلەت نۇردۇن، «غەربىي يۇرت تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2001-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى

6. ئابدۇقېييۇم خوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 4-ئاي نەشرى. 

7. ياڭ شېڭمىن (ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى) : «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىل 8-ئاي نەشرى.

8. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى. 

9. ۋاڭ جىلەي (ئابلەت نۇردۇن،جۈمەخۇن،غەيرەت ئابدۇراخمان،ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت تەرجىمىسى): «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى (2)»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىل 1-ئاي نەشرى. 

10. ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمىسى: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 3-ئاي نەشرى.

11. ياڭ شېڭمىن (ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى) : «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىل 8-ئاي نەشرى.

12. خۇاتاۋ (ئابلەت نۇردۇن ، قۇربان تۇران ،ئەخمەت زىيا ،تۇرغۇن ئۆمەر تەرجىمىسى) ؛«غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل 12-ئاي نەشرى.

13. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» («تۇران تارىخى»)،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى.

14. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتېتى بىلەن ئىجتىمائى پەنلەر ئاكاددىمىيسى تىل تەتقىقات ئورنى تۈزگەن: «تۈ*ركىي تىللار تىللار تەتقىقاتى» (1-، 2- كىتابلار)، مىللەتلەر نەشىرياتى 1982-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى

پايدىلانغان ماقالىلەر:

1. گىڭ شىمىن (ئەنسەرىدىن مۇسا تەرجىمىسى)، «شىنجاڭدىكى قەدىمى تىل يېزىقلارنىڭ بىلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1982-يىللىق 2-سانى

2. گىڭ شىمىن، «قەدىمقى تۈ*رك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن مۇھىم مەڭگۈ تاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇلۇشى، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»، «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1982-يىللىق 1-كىتاب

3. گىڭ شىمىن، «قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان مۇھىم يادىكارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»، «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1982-يىللىق 2-كىتاب

4. لې سېن، «ئىلىمىزدىكى تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى توغىرسىدا»، «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1982-يىللىق 1-كىتاب

5. ئىبراھىم مۇتىئى، «مەمىلىكىتىمىزدىكى تۈ*ركىي تىللار ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات»، «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1982-يىللىق 1-كىتاب

6. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، «قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تاكاموللىشىش جەريانى توغىرسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1981-يىللىق تۇنجى سانى

7. قاھار بارات، «ئۇرخۇن يەنسەي يېزىغىدىكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا يازما يادىكارلىقلار»، «بۇلاق» ژۇرنىلى 1982-يىللىق 2-سانى

8. قادىر ئەكبەر:«ئۇرخۇنــــيەنسەي يېزىقلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1987-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سانى. 

9. ئابدۇقېييۇم خوجا: «قەدىمكى تۈ*رك (ئورخۇن)يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەر»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىللىق 1-سانى. 

10. قادىر ئەكبەر: «ئۇرخۇن-يەسەي يېزىقلىرى توغرىسىدا»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىللىق 1-سانى. 

11. ئابدۇقېيۇم خۇجا: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلىش، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانى.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆرۈمچىدە يېزىلدى.

ئىزاھاتلار:[تەھرىرلەش]

1.بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى س.گ كىلياشتۇرني نىڭ «قەاىمكى ۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» دېگەن كىتابىنىڭ 104-بىتىدىن ئىلىندى.

2. گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1-قىسىم كىتابقا كرىگۈزۈلگەن «قەدىمقى تۈ*رك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن موھىم مەڭگۈ تاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇلىشى ، تەتقىق قىلىنىشى» ناملىق ماقالىسى 169-بەتتىن ئىلىندى.

  3. گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ «تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتى» 1-قىسىم كىتابقا كرىگۈزۈلگەن «قەدىمقى تۈ*رك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن موھىم مەڭگۈ تاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇلىشى ، تەتقىق قىلىنىشى» ناملىق ماقالىسى 189-بەتتىن ئىلىندى.

4. «قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلرىدىن  تاللانما» شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1982-يىللىق نەشىرى «كۆلتىكن مەڭگۈ تېشى»دىن ئىلىندى.

5. «قەدىمقى ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ 22-26 بەتلىرىدىن ئىلىندى.

6.ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «قەدىمقى مەركىزى ئاسيا» ناملىق كىتابى 47-48-بەتلەردىن ئىلىندى.

7. قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادكارلىقلىرىدىن تاللانما» نىڭ 54-،55- بىتىدىن ئىلىندى.

8.قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادكارلىقلىرىدىن تاللانما» نىڭ 85-،86- بىتىدىن ئىلىندى.

9.قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادكارلىقلىرىدىن تاللانما» نىڭ 106- بىتىدىن ئىلىندى.

10. قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادكارلىقلىرىدىن تاللانما» نىڭ 120- بىتىدىن ئىلىندى.