ئوردا ئېتىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئوردا ئېتىش ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، قارىمۇ قارشى مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى ئويۇندۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىغا ماس كېلىدىغان، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئات ئۈستى ۋە يەر ئۈستى ھەرىكەتلىرىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئوردا ئېتىش شۇ ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر. مەيدان، سايمان ۋە ئادەم 1. مەيدان: تۈز ھەم قاتتىق يەرگە دىئامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان بىر چەمبەر (بۇرۇن چەمبەرنىڭ دىئامېتىرى 20 تاپان ئەتراپىدا بولاتتى) سىزىلىدۇ. چەمبەرنىڭ مەركىزىي <بىر مىي> (ئوردا تاختىسى) ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئوردا تاختىسىنىڭ مەركىزىگە خان ئورنى بەلگىلىنىدۇ. 2. سايمان: بابالاق - ئوردا تاختىسىغا ئايلاندۇرۇپ تىزىلغان ئوشۇق ۋە خاننى ئۇرۇپ چىقىرىشتا قوللىنىدىغان ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى يەتتە سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن سىلىق قىلىپ ياسالغان، تۆت چاسا مۈڭگۈز يەنى ئېتىپ ئۇرغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئوشۇق: ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ ھەر - بىر ئادەمگە ئۈچتىن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئوشۇقى تەييارلىنىدۇ. خان: چەمبەر مەركىزىگە سىزىلغان كىچىك چەمبەر شەكىللىك خان تاختىسى ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان داچەن، ياماق تەڭگىلەر. ئۆلچەم ياغاچ: ئوردا ئىچىدىكى ئوشۇق ۋە خاننى بابالاق بىلەن ئۇرۇش جەريانىدا، ئوشۇقلارنىڭ بىر قىسمى چىقىپ، يەنە بىر قىسمى چەمبەر ئىچىدە بابالاق بىلەن قالغاندا، ئوشۇق بىلەن بابالاق ئارىلىقىنى ئۆلچەيدىغان 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ. 3. ئادەم: ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ، ئىككى تەرەپ بولۇپ، قارىمۇ قارشى مۇسابىقىلىشىدۇ. لېكىن، ئادەم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەر تەرەپكە تۆتتىن ئالتىگىچە ئادەم قاتناشسا بولىدۇ. ئوردا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپكە بۆلۈنىدۇ. خان تاختىسى مەركەزگە قويۇلىدۇ. ئادەم سانىغا توغرىلانغان قوشاقلار خاننى ئايلاندۇرۇپ چەمبەر شەكلىدە تىزىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئىككى كىشى بابالاق ئېتىش ھوقۇقى (ئوشۇقنى يەرگە ئېتىپ قايسى تەرەپنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ تۇرسا شۇ تەرەپ بابالاق ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ) تالىشىدۇ. بابالاق ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپ ئالدى بىلەن ئوردىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قېتىم بابالاق ئېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. بابالاق ئاتقۇچى دىئامېتىرى بەش مېتىرلىق چەمبەر سىزىقىنى بىر پۇتى بىلەن دەسسەپ تۇرۇپ خان تاختىسىغا تىزىلغان ئوشۇقلارنى ۋە خاننى بابالاق بىلەن ئۇدۇل ئۇرۇپ چەمبەردىن چىقىرىدۇ. پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن ئوشۇقلارنى ۋە خاننى ئۇرۇپ چىقىرىۋېتەلىسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر قېتىم ئاتقان بابالاق بىلەن ئوشۇقلارنى چەمبەردىن ئۇرۇپ چىقىرالغان تەرەپ بابالاق ئېتىش ھوقۇقىغا داۋاملىق ئىگە بولىۋېرىدۇ. ئەگەر ئاتقان بابالاق ئوشۇقلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋېتىپ يەنە بىر قىسمى بابالاق بىلەن چەمبەر ئىچىدە قالسا، ئىچىدە قالغان ئوشۇقلار بىلەن بابالاق ئارىلىقى ئۆلچەم تايىقى ئۇزۇنلۇقىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولسا، ئۇ ھالدا بابالاق ئاتقۇچى چەمبەر ئىچىگە كىرىپ ئوشۇقلارنىڭ يېنىدا بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ ئۇشۇقلارنى بابالاق بىلەن ئۇدۇل چېكىپ ئۇرۇپ چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. چېكىپ ئۇرۇش جەريانىدا بابالاق چەمبەر سىرتىغا چىقىپ كەتسە، شۇ نۆۋەتلىك چەمبەر ئىچىدە تۇرۇپ چېكىپ ئۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئەگەر ئۇرۇلغان ئوشۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى چەمبەرنىڭ سىرتىدا تۇرسا، چىققان ھېسابلىنىدۇ، چەمبەر ئىچىدە تۇرسا، چىقمىغان ھېسابلىنىپ، بۇنداق ئوشۇقلار يەنىلا چەمبەر سىزىقىنى دەسسەپ ئۇدۇل ئۇرۇپ چىقىرىلىدۇ. ئەگەر قايسى بىر تەرەپ ئوشۇقلارنى چىقىرىپ بولۇپ خاننى ئۇرۇپ چىقىرالمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش قېتىم سانى تۈگىگىچە ئۈزلۈكسىز بابالاق ئاتىدۇ. بۇ جەرياندا خاننىمۇ چىقىرىۋەتسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ ساندىكى ئوشۇقلارنى ئۇرۇپ چىقىرىپ بولۇپ، يالغۇز خانلا قالسا، ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككى كىشى چەمبەر ئىچىگە كىرىپ، خاننى ئوردا تاختىسى مەركىزىگە قويۇپ، ئوشۇقلارنى ئالدى بىلەن ئورۇن چىقىرىپ بولغان تەرەپ خاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ بابالاق بىلەن ئۇدۇل چېكىپ ئۇرىدۇ. شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئۇرۇش جەريانىدا قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن خاننى چىقىرىۋەتسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ ساندىكى ئوشۇقلارنى ئۇرۇپ چىقىرىپ بولۇپ، يالغۇز خانلا قالسا، ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككى كىشى چەمبەر ئىچىگە كىرىپ، خاننى ئوردا تاختىسى مەركىزىگە قويۇپ، ئوشۇقلارنى ئالدى بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىپ بولغان تەرەپ خاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ بابالاق بىلەن ئۇدۇل چكىپ ئۇرىدۇ. چىقىرالمىسا، ئىككى تەرەپ شۇ ئورۇنغا قويۇپ چېكىپ ئۇرىدۇ. شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئۇرۇش جەريانىدا قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن خاننى چىقىرىۋەتسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئوشۇقلارنى چىقىرىپ بولۇپ، خانلا قالغاندا، ئوشۇق چىقىرالمىغان تەرەپ ئۆز ئۇرۇش نۆۋىتىدە خاننى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتسە، ئۇ ھالدا خان ئۆز ئورنىغا قويۇلىدۇ. ئوشۇقلارنى چىقىرىپ بولغان تەرەپ ئۆزىگە تېگىشلىك ئوشۇقلارنى تىزىدۇ - دە، ئويۇق قايتىدىن باشلىنىدۇ. بۇ چاغدا خاننى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن تەرەپ ئالدى بىلەن بابالاق ئېتىش (ھەر بىر ئادەم بىرلا قېتىم ئېتىش) ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈچ قېتىم ئېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، خاننى چىقىرىۋەتكەن تەرەپ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر قېتىمدىن ئۇرۇش ھوقۇقى بىلەن خاننى ۋە ئوشۇقلارنى چىقىرىۋەتسە، قارشى تەرەپ بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولىدۇ- دە، ئويۇن قايتىدىن ئوينىلىدۇ. ئەگەر چىقىرالمىسا، قارشى تەرەپ قالغان ئوشۇقلار بىلەن خاننى قوشۇپ چىقىرىۋېتەلىسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەر بىر تەرەپتىن ئۈچتىن جەمئىي ئالتە كىشى ئويۇنغا چۈشۈپ 18 ئوشۇق تىزىپ بىرىنچى تەرەپ تىزىلغان ئوشۇقلاردىن 14 نى چىقىرىپ ئۇرۇش نۆۋىتى تۈگەپ خاننى چىقىرالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككى تەرەپ قالغان تۆت ئوشۇق بىلەن خاننى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتسە، ئۇ ھالدا بىرىنچى تەرەپ ئۆز ئەزالىرىغا تېگىشلىك توققۇز ئوشۇقنى قايتىدىن تىزىدۇ. ئىككىنچى تەرەپ تۆت ئوشۇق بىلەن خاننى تىزىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇرۇش ھوقۇقى يەنىلا خاننى ئۇرۇپ چىقارغان تەرەپتە بولۇپ، بىر ئەزاسىنىڭ ئىككى قېتىم، ئىككى ئەزاسىنىڭ بىر قېتىمدىن ئېتىپ ئۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇ ئېتىپ ئۇرۇش قېتىم سانلىرىدا، تىزىلغان ئوشۇقلار بىلەن خاننى قوشۇپ چىقىرىۋېتەلىسە، بىرىنچى تەرەپ ئۆزىدىكى ئارتۇق چىقارغان بەش ئوشۇقنى خانغا قوشۇپ يەنە تىزىدۇ. ئالدى بىلەن ئېتىپ ئۇرۇش ھوقۇقى خاننى چىقارغان تەرەپتە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئېتىپ ئۇرۇش قېتىم سانى ئەسلىدىكى بىر ئادەم ئۈچ قېتىم ئېتىش ھوقۇقى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇشۇ بابالاق ئېتىش قېتىم سانلىرىدا تىزىلغان ئوشۇق ۋە خاننى چىقىرىۋەتسە ياكى خان چىقىپ چەمبەر ئىچىدە قالغان ئوشۇقلار سانى قارشى تەرەپ ئادەم سانىدىن كەم قالغان بولسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئوشۇق چىقىپ كېتىپ خان قالغان، خان چىقىپ كېتىپ ئوشۇق قالغان بولسا، يۇقىرىدىكى قائىدىلەرنىڭ قايسى بىرىگە چۈشسە، شۇ قائىدە بويىچە ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]