ئوشۇق ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئويۇن تۈرلىرىنىڭ برى بولۇپ، قىز - ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوخشاشمىغان ماكان، زاماندا ھەر خىل مەقسەتتە ئوينىلىپ، ئۆزگىچە شەكىل، كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلانىڭ چارۋىچىلىقىدا قوي باشتىن - ئاخىر ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدا قوي گۆشى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېمەك، قوينىڭ ئوشۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوينىلىدىغان <ئوشۇق ئويۇنى> نىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئارىسىدا پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئىجادىي داۋاملىشىش تارىخى خېلىلا ئۇزاق ھەم ئىشەنچلىك. <ئوشۇق ئويۇنى> شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. شىمالىي شىنجاڭدا بۇ ئويۇن پەقەت ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىنىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوشۇق ۋە بەجگەن توپ ئارقىلىق قىز - ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسدا ئوشۇق ئويۇنىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ ئىلى رايونىدا بۇ ئويۇننىڭ ئون نەچچە خىل تۈرى بار. ئوشۇق رايونىنىڭ ئوغۇللار ئارىسىدا ئويناش شەكلى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا، ئوشۇق ئويۇنىنى ئوينىماقچى بولغان ئوغۇل بالىلار بىر سىزىق سىزىپ، ئوشۇقلىرىنى سىزىق ئۈستىگە تىزىپ قويىدۇ. ھەر بىر بالىدا بىردىن ساقا (باشقا ئوشۇقلاردىن سەل چوڭ) بولىدۇ. بالىلار ساقىلىرىنى بىر - بىرلەپ يەرگە تاشلايدۇ. قايسى كىشىنىڭ ساقىسى بۇرۇن ئۆرە چۈشسە، شۇ كىشى ئويۇن باشلايدۇ. قالغان بالىلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە نۆۋەت ئالىدۇ. ئويۇندا كىمىكى بەلگىلەنگەن يىراقلىقتا تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئوشۇقىنى ئۆز ساقىسى ئارقىلىق سوقۇپ ئۈچ تاپان نېرىغا كەتكۈزۈۋەتسە، شۇ كىشى ئۇتقان بولىدۇ. ئوشۇق ئويۇنىنىڭ بۇ خىل شەكلى <ئۈچ تاپان> دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا، ئوغۇل بالىلار بىر دۈگىلەك سىزىپ ئوشۇقلىرىنى دۈگىلەك ئوتتۇرىسىغا تىزىپ قويىدۇ. ئاندىن دۈگىلەك مەركىزىدىن 5.1 - 2 مېتىر يىراقلىققا بىر توغرا سىزىق سىزىپ، ئاشۇ توغرا سىزىقنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، دۈگىلەك ئىچىدىكى ئوشۇقلارنى قولىدىكى ساقا ئارقىلىق نۆۋەت بويىچە سوقىدۇ. ئوشۇقنى دۈگىلەك سىرتىغا سوقۇپ چىقىرىۋېتىلگەن كىشى شۇ ئوشۇقنى ئۇتقان بولىدۇ. ئوشۇق ئويۇنى قەشقەر رايونىدا ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە شەكىللەر ئارقىلىق قىزلار ئەڭ قىزىقىپ ئوينايدىغان تاشتەرمەك تۈرىدىكى بىر خىل ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە قىزلار بۇ ئويۇننى باشلاشتىن بۇرۇن قوينىڭ ئوشۇقىدىن بەشنى تېپىپ، ئوشۇقلارنىڭ گۆشىنى پاكىز چىقىرىۋېتىپ، چۇ تەرىپىنى تاشقا ياكى پىششىق خىشقا سۈركەپ سىلىقلايدۇ. شۇ قېتىملىق ئويۇننىڭ مەيدان سانى، نومۇر چېكى، يېڭىلگۈچىنىڭ قانداق تەلەپلەرنى ئورۇندايدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ. ئاندىن ئىككى قىز بىر - بىرىگە قارىشىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئويۇننى باشلايدۇ. ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان قىز تۆت ئوشۇقنى چاچىدۇ. بىر ئوشۇقنى ئۆزىنىڭ ئولتۇرغان چاغدىكى بوي ئېگىزلىكىدە يۇقىرىغا چۆرۈپ، يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇش ئارىلىقىدا يەرىدكى تۆت ئوشۇقنى سىيا شەكلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇ قىز بىر ئوشۇقنى يۇقىرىغا ئۈچ قېتىم تاشلاپ، ئۈچ قېتىم يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇۋېلىش ئارىلىقىدا يەردىكى تۆت ئوشۇقنى سىيا شەكلىگە كەلتۈرەلىسە، ھەر بىر ئوشۇققا بەش نومۇردىن جەمئىي 20 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ئۇنداق قىلالمىسا، نومۇر ئالالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوشۇق ئويناش نۆۋىتى يەنە بىر قىزغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئويۇن جەريانىدا، ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان قىز بىر ئوشۇقىنى بەش نومۇردىن ھېسابلاپ ئۆزى سىيا شەكلىگە كەلتۈرگەن ئوشۇقلارنىڭ سانىغا قاراپ <بەش>، <ئون>، <ئون بەش>، <يىگىرمە> دەپ توۋلاپ تۇرىدۇ. يەرگە چېچىلغان تۆت ئوشۇقنىڭ بىرەرسى سىيا چۈشكەن بولسا، سىيا چۈشكەن ئوشۇققا قول تەگكۈزۈلمەي قالغان ئوشۇق سىيا شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرتىپ ۋە شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنغاندا، قايسى قىز ئېرىشكەن نومۇر بەلگىلەنگەن چەككە بۇرۇن يەتسە، شۇ قىز ئۇتقان بولىدۇ. يېڭىلگەن قىز ئۆزىنى يەڭگەن قىزنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايدۇ. ئوغۇللار بۇ ئويۇن ئارقىلىق غالىب كېلىش، مەلۇم نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدۇ. بۇ ئويۇن قىزلارنىڭ كۆز ۋە قولىنى تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈىدۇ." [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]